قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەڭ بەھىرىلەنگىنىمىز تېخنىكا، ئورناتقىنىمىز دوستلۇق

2018-06-03 11:43:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يېقىندا گو جېنفا تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل بازىرىنىڭ جاڭزا كەنتىگە بېرىپ تۇغقىنى ئەركىن تۇرئەلىنى يوقلىدى. ئەركىن تۇرئەلىنىڭ ئۆيىدىكىلەر گو جېنفانى قىزغىن قارشى ئالدى. ئەركىن تۇرئەلى: «گو جېنفا ئاكام بولغاچقا بۇلتۇر بىر يىلدىلا نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدىم» دېدى.
  گو جېنفا 12- شى 221- تۈەن 4- ليەندىكى «داڭلىق شەخس». نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ليەندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئەتراپتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، بۇ تۈەندىكى «ئىلغار ئىشلەپچىقارغۇچى»، «10 مۇنەۋۋەر بېيىش ماھىرى»، «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ.
221- تۈەننىڭ 4- ليەنى تۇرپان ئويمانلىقىدا بولۇپ، يازدا ئىسسىق شامال كۆپ چىقىدۇ، قۇم- بوران بىلەن قۇرغاقچىلىق ليەندىكى ئىشچى- خىزمەتچى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. گو جېنفا نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇش ئۈچۈن 2008- يىلدىن باشلاپ، پارنىكىدا تاۋۇز مايسىسى يېتىشتۈرۈشكە باشلىدى. دەسلەپتە مايسىنى يېتىشتۈرۈپ ئەي قىلىش نىسبىتى %10 كىلا يەتتى. ئۇ كۈن بويى پارنىكتا ئىشلەپلا قالماي، بوش ۋاقتى بولسىلا كىتاب كۆرۈپ مايسا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، تۈەن- مەيداندىكى تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسلىھەت سوراپ تۇردى. ئۈچ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ يېتىشتۈرگەن تاۋۇز مايسىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ھازىر گو جېنفانىڭ تاۋۇز مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكىدىن بەشى بولۇپ، بۇ پارنىكلاردىن كىرىدىغان يىللىق ئومۇمىي كىرىم 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
گو جېنفا بېيىغاندىن كېيىن ئەتراپىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ تېرىش- تىكىش تېخنىكىسىنى ئەتراپىدىكى ئىشچى- خىزمەتچى ئاممىغا بىر- بىرلەپ ئۆگەتتى، ليەندىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەبلىغى يېتىشمىگەندە ئۇلارنى ھەقسىز ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەپ، يۈرەكلىك ھالدا تاۋۇز مايسىسى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.
ھازىر گو جېنفانىڭ تۈرتكىسىدە تاۋۇز مايسىسى ئۆستۈرۈش 4- ليەندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش كەسپى بولۇپ قالدى. بۇلتۇر ليەندىكى ئىشچى- خىزمەتچى ئاممىنىڭ 111 پارنىكىدا تاۋۇز مايسىسى يېتىشتۈرۈشتىنلا ياراتقان ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
بۇلتۇرنىڭ بېشىدا بۇ تۈەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، گو جېنفا ئايدىڭكۆل بازىرى جاڭزا كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ بىر نەچچە ئائىلىلىك بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. ئەركىن تۇرئەلى ئائىلىسى بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدى.
قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، گو جېنفا ئۆزى يېتىشتۈرگەن 6 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق تاۋۇز مايسىسىنى ئەركىن تۇرئەلىگە ھەقسىز بەردى ھەمدە دائىم ئەركىننىڭ يېرىگە بېرىپ ئۇنىڭغا تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلدى. گو جېنفانىڭ ياردىمىدە ئەركىن تۇرئەلى تاۋۇز تېرىشنىڭ ھالقىلىق تېخنىكىلىرىنى تېزلا ئىگىلىۋالدى.
گو جېنفا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئىشلارنى بىز ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە تاماملىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىمەن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى