قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ-- مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى تۇنجى تاللاش بولۇپ قالماقتا

2018-06-04 10:46:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ بارغانسېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى تۇنجى تاللىشى بولۇپ قالدى.  

  مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كارخانا--شېنجېن «خېجېڭيۈەن» گۇرۇھى پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىدىن ئىمپورت قىلغان ھىندى ئوكيان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق تاشقورغان ناھىيەسىگە توشۇلىدۇ. بۇلتۇر1- ئايدا، بۇ شىركەت ھىندى ئوكيان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تۇنجى قېتىم گۋادار پورتىدىن جۇڭگو شىنجاڭغا ئىمپورت قىلىپ،«جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق توشۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلغان ئىدى. شېنجېن «خېجېڭيۈەن» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن خەيئوۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دېڭىز- ئوكياندىن يىراق بولغان شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارمۇ ھىندى ئوكياننىڭ توڭلىتىلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى. دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئىمپورت مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىرى تاسما بېلىق ۋە سىياھ بېلىقتىن ئىبارەت. بىز ئادەتتە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى گۋادار پورتى، كاراچىدىن ئىمپورت قىلغاندىن كېيىن، تاشيولدا توشۇش ئارقىلىق ئۈچ كۈندىن كېيىن تاشقورغان ناھىيىسىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.شېنجېن «خېجېڭيۈەن» گۇرۇھى2014- يىلى تاشقورغان ناھىيەسىگە كىرىپ، قوتاز، ئۆچكە يېتىشتۈرۈش، باقمىچىلىق ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سودىسى قاتارلىق تۈرلەر بىلەن شۇغۇللاندى. ھازىر بۇ شىركەت شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچىدىن 300 تىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.  

   «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تاشقورغاننى دۇنيا ئىقتىسادىغا سىڭدۈرۈپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ جايلىرىنى دۆلەتنىڭ غەربكە قارىتا ئېچىۋېتىلگەن كۆزنىكىگە ئايلاندۇردى. 2014- يىلى9- ئايدا قۇرۇلغان قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى شىنجاڭدىكى ئىككىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولۇپ، ھازىرغىچە 48 كارخانا بۇ رايونغا ماكانلاشتى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون تەرەققىيات-تىجارەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پىڭپىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: باجدىن خالىي رايون بولسا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مەھسۇلى، بۇ قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىغا تارىخىي پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى تۈگۈنگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ غەربكە قارىتا ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن كارخانىلار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ مەبلەغ سېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قۇرۇقلۇق يولى پورتى قۇرۇشىمىزغا ئاساس سېلىندى.   شىئەن «ئەيجۈ» گۇرۇھى 280 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قۇرۇلۇشىدىكى ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىنىڭ بىرى ئۇن ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ كارخانا ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىنىڭ رايون ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «دۆلەت، رايون ھالقىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئىچكى قۇرۇقلۇقتا سېتىش» تەك يېڭى ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى جيا خېيى مۇنداق دېدى:بىر تەرەپتىن، قازاقىستاندىن دۆلەت ئىچىگە توشۇلىدىغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بۇ يەردە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالاتاۋ ئېغىزىدىن پايدىلىنىپ، توشۇش تەننەرخى ۋە ۋاقىت تەننەرخى تېجىلىپلا قالماي بىزگە يەنە ۋاقىت ۋە بوشلۇق جەھەتتە نۇرغۇن قۇلايلىقلار يارىتىلدى.   

    ھازىرغىچە، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلاشقان كارخانا 470 تىن ئېشىپ، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 5 مىليارد 760 مىليون يۈەنگە يەتتى. باجدىن خالىي رايون ھازىر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ رايونىغا ئايلاندى. ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئۇنىۋېرسال  باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىنچۈن مۇنداق دېدى: ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىنىڭ رايون ئەۋزەللىكى ۋە پورت ئىقتىدارى ئەۋزەللىكى شۇنداقلا 20 نەچچە يىللىق مۇكەممەل تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەۋزەللىكى ئارقىلىق بىر تۈركۈم كارخانىلار بۇ يەرگە ماكانلاشتى.يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ ساھەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇنىڭدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق پورتلار ۋە بېلورۇسىيە، قازاقىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. بۇلتۇر شىنجاڭدا سودىگەر چاقىرىپ كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ 538 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2016- يىلىدىكىدىن %20 ئاشتى. بۇلتۇر، شىنجاڭدا يەنە تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 139 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2016- يىلىدىكىدىن %20 ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى مۇقىم ئاشتى.       

 تەرجىمان: مەدىنە مەردان  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى