قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆربىلجىن ناھىيەسى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىق ئۆزگىچە تۈرلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2018-06-04 10:50:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
دۆربىلجىن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ بازار ئىستىقبالى ياخشى ئىكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسى جۇجاخۇ كەنتىدىكى دېھقان ۋاڭ فېڭجىن يولدىشى بىلەن بىرلىكتە، چوغلۇق ئېتىزلىقىدىكى ئوت- چۆپلەرنى يوقىتىش بىلەن ئالدىراش بولدى. ھالرەڭ ئېچىلغان چوغلۇق گۈللىرى كىشىگە گۈزەللىك بېغىشلايتتى.  2012- يىلى، ۋاڭ فېڭجىن 35مو يەردە چوغلۇق ئۆستۈرۈپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى چوغلۇق ئۆستۈرگەن تۇنجى دېھقان بولۇپ قالدى. چوغلۇق ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈم بېرىش ۋاقتى 5 يىل بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتىكى دېھقانلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تۈرنى يولغا قويۇشىغا ئانچە ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنىدى. ۋاڭ فېڭجىن چوغلۇق ئۆستۈرگەن تۇنجى دېھقان بولۇش سۈپىتى بىلەن، مول-ھوسول ئالدى. بۇلتۇر، ئۇ چوغلۇقلارنى ئېلىمىزدىكى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ماكانى بولغان ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ خاۋجۇ شەھىرىگە سېتىپلا قالماي، چوغلۇق ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 200 موغا يەتكۈزدى. نۇرغۇن دېھقانلار ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، تېخنىكا ئۆگەندى. ۋاڭ فېڭجىن مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياخشى بولۇپلا قالماي، ئېشىش سۈرئىتىمۇ تېز بولدى. ئومۇمىي باھاسى 930 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇنىڭدىن 500 مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئېلىشىمدا گەپ يوق. بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ كېلىماتى چوغلۇق ئۆستۈرۈشكە تولىمۇ باپ كېلىدۇ.
دۆربىلجىن ناھىيەسى-- يېزا ئىگىلىكىدىكى چوڭ ناھىيە بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1 مىليون 400 مىڭ مودىن كۆپرەككە يېتىدۇ. 2010- يىلدىن ئىلگىرى، %90 تىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرگە بۇغداي، كۆممىقۇناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدىغان بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولغان بىلەن، قىممىتى تۆۋەن بولاتتى. دۆربىلجىن ناھىيەسى تۈر جەھەتتىكى يەككە ھالەتتە بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، دېھقانلارنى ئىدىيەنى ئۆزگەرتىپ، مەبلەغ سېلىش خەتىرى تۆۋەن، بازار ئىستىقبالى ياخشى بولغان ئۆزگىچە كەسپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆربىلجىن ناھىيەسى ئۆزىدىكى يېزا ئىگىلىكى بايلىق مەنبەسىگە تايىنىپ، مەبلەغ جەھەتتە يۆلەش، ئۇچۇر سۇپىسى بەرپا قىلىش، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىش قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ چوغلۇق، كەتىرا، چۈچۈكبۇيا، ئوسما قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. مول- ھوسول مەزگىلىدە، گۇاڭجۇ، چىڭداۋ قاتارلىق جايلاردىكى دورىگەرلىك كارخانىلىرى ئىشىك ئالدىغىچە كېلىپ سېتىۋالىدىغان بولدى.
شىنجاڭ «لۇڭخۈييۈەن» دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى دۆربىلجىننىڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى بايلىقىنى نىشان قىلغان ھالدا بۇ يەرگە ماكانلىشىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شاڭخۇ بازىرى1- كۇماك كەنتىدىكى 6 مىڭ مو يەردە چۈچۈكبۇيا ئۆستۈرۈپ،1- كۇماك كەنتىنى ئىسمى- جىسمىغا لايىق «چۈچۈكبۇيا كەنتى» گە ئايلاندۇردى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى لى خەيتاۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا باشلىدۇق. ساقلىقنى ساقلاش كەسپى-- ئىستىقباللىق كەسپ. چۈچۈكبۇيىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، بازار ئىھتىياجى ناھايىتى زور. چۈچۈكبۇيىنى يىمەكلىك خۇرۇچى شۇنداقلا دورا ماتىرىيالى سۈپىتىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، «ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىردى، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئومۇمىي مىقدار يېتىشمەسلىكتىن قۇرۇلمىلىق زىددىيەتكە ئۆزگەردى، زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپى تەمىنلەش ھالقىسىدا» دەپ كۆرسەتتى. ھازىر، دۆربىلجىن ناھىيەسى ئىكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. دۆربىلجىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ جيەنپىڭ تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ناھىيەمىزدىكى 240 مىڭ مو يەردە يولغا قويۇلغان ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك-- 4 نامرات كەنت، 2 مىڭ 646 ئائىلىدىكى 7 مىڭ 412 نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. ئۆزگىچە تۈرلەرنى ئۆستۈرۈشتە: بىرىنچىدىن، ئۆز جايىمىزنىڭ كېلىمات شارائىتىغا؛ ئىككىنچىدىن، بازار ئىھتىياجىغا؛ ئۈچىنچىدىن، تەرەققىيات ئىھتىياجىغا ماسلىشىشنى مەقسەد قىلدۇق. دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشسا، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ھەقىقىي مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى