قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پائالىيەت مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئۈزۈكسىز بېيىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

2018-06-04 10:55:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پائالىيەت مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئۈزۈكسىز بېيىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزا دۆڭقىشلاق كەنتى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. كەنت ئاھالىسى خەلچەم باتۇر ئۆزى بىلەن تۇغقانلاشقان كادىرنىڭ قولىدىن يېڭى تىجارەت كېنىشكىسىنى ئالدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئاياللار كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ شۇ كۈنى قايتىدىن قۇرۇلدى. 2016- يىلى خەلچەم باتۇر بۇ كەشتىچىلىك كوپىراتىپىنى قۇرغان بولسىمۇ، باشقۇرۇش ياخشى بولمىغانلىقى، مەھسۇلات بىرلا خىل بولۇپ قالغانلىقتىن ئىزچىل پايدا ئالالمىغان ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى كادىرلارنىڭ ياردىمىدە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېڭىشەھەر ناھىيەسى «سىيۈئەن» پەلەي چەكلىك شىركىتى (پەلەي ئىشلەپچىقىرىش شۆبە زاۋۇتى) نىڭ «ھەمراھ زاۋۇتى» غا ئايلاندى. تىجارەت كېنىشكىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. تىجارەت مەزمۇنى كەشتىچىلىك ۋە بادام دوپپا، پەلەي تىكىش ۋە يېمەك- ئىچمەك، ئائىلە مۇلازىمىتى، زەمبۇرۇغ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. خەلچەم باتۇر مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىم زىيان تارتقاندا، مەن بىلەن تۇغقانلاشقان كادىر مېنى ئىزدەپ، مېنى قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا ئىلھاملاندۇردى. يەنە ماڭا كىيىم تىكىش ماشىنىسىدىن 10 نى ئېلىپ بەردى. ھازىر ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ بولدۇق. مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئاياللارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەيمەن.
«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى 334 كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئېغىر نامرات كەنتتىكى 347 نامرات ئائىلە بىلەن تۇغقان بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ سىرتتا تۇرۇشلۇق تۆت ئىش بېجىرىش ئورنى شۇ جايدىكى شىنجاڭلىقلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، دائىملىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار تۇغقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» بويىچە ياردەم بېرىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، كىيىم- كېچەك ئىشلەپچىقىرىش- پىششىقلاش زاۋۇتىدىن ئۈچنى ماسلاشتۇرۇپ ئېچىپ، بىر مىڭ 200 دېھقاننى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ دۆڭقىشلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى جۇ جېنجۈن مۇنداق دېدى: بىر ئادەم كۈنىگە 3 خالتا پەلەي توقۇسا 58 يۈەن ئالىدۇ، شۇنداق بولغاندا بىر يىلدا 18 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدۇ. بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا پۈتۈن بىر ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پائالىيەت مەزمۇنىدا ئۈزۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پائالىيەت شەكلى ۋە مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھەر كۈنى ئۈندىدار سۇپىسىدا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش، ھەر ھەپتىدە تۇغقان بولۇش قوشۇنى بولۇش، ھەر ئايدا بىر ئاساسىي تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى «يەتتە ھەر» ھەرىكىتى ۋە «بىر قېتىملىق چىراغ نۇرى ئاستىدىكى لېكسىيە»، «بىر قېتىملىق پارتىيە دەرسلىكى»، «بىر قېتىملىق نامراتلارنى يۆلەش مەسلىھەت كېڭىشى» قاتارلىق پائالىيەتلەر مەزمۇن قىلىنغان «يەتتە بىر» پائالىيىتىنى بېكىتىپ، تۇغقانلاشقان كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2018- يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ئىلھام ئەخەت مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- نامراتلارنى يۆلەشكە كۆپرەك كۈچ چىقىرىش، بولۇپمۇ قانداق قىلغاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بولىدۇ. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتە، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز. تۇغقان بولغان ئوبيېكتلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، كۆپچىلىكنى خۇددىي ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەيمىز. مۇشۇنداق قىلغاندا، كەنتىمىزدىكى ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىدۇ.
  تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى