قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۇرتداشلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن

2018-06-04 11:04:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ماناس ناھىيەسى بېيۋۇچا بازارلىق شىپاخانىنىڭ باشلىقى پەن فاگاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇۋاتقاندا بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن ھادىسە سەۋەبلىك ئوڭ قولىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق سول قولىغا تايىنىپ يىڭنە سانجىپ داۋالاش تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلەپ، يۇرتداشلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يول ئاچتى.      
ھەر كۈنى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ماناس ناھىيەسىنىڭ بېيۋۇچا بازارلىق شىپاخانىسىغا بېرىپ پەن فاگاڭنى يىڭنە سانجىتىش ۋە بەدەن ئۇۋۇلۇغۇزۇش ئۈچۈن ئىزدەيدۇ. گەرچە پەن فاگاڭنىڭ پەقەت بىرلا قولى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا كىشىلەرگە ناھايىتى ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. 
پەن فاگاڭ 14 ياشقا كىرگەن يىلى ئۆيىدىكى چارۋىلارغا يەم- خەشەكلەرنى ئېزىۋاتقاندا ئويلىمىغان يەردىن ئۆت- چۆپ توغراش ماشىنىسى ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى يارىلاندۇرغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا خۇددى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك ھېس قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشۈمنى بىلمەي قالغانىدىم. مەن بىر مەزگىل كۈندە دېگۈدەك ئۆيدىن سىرتقا چىقمىدىم.         
پەن فاگاڭ دەسلەپتە سول قولى بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ، ئاياغ بوغقۇچىنى چىگىپ، خەت يېزىشنى سىناپ بېقىشقا باشلىدى، بەزىدە بىر ھەرىكەتنى تاماملاش ئۈچۈن نەچچە يۈز قېتىم مەشىق قىلدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرگەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئالاھىدە بىر پارچە خەت يېزىپ ئۇنىڭغا ئىلھام بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ماڭا يازغان خېتىدە بەدەندىكى كەمتۈكلۈكنى كېيىن تولۇقلىغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بىلىمنى تىرىشىش ئارقىلىق ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، دەپتۇ. مەن بۇ خەتنى كۆرۈپ تېخىمۇ تىرىشىش ھەمدە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن بىر ھۈنەر ئۆگىنىشنى قارار قىلدىم.
پەن فاگاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى بىر كەسپىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ، يىڭنە سانجىپ داۋالاش ھۈنىرىنى ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن دەسلەپتە يىڭنە سانجىپ داۋالاشنى ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى بويىچە بىر قولۇم ئارقىلىق مەشىق قىلىپ ئۆگەندىم. يىڭنىنى سانجىپ مەشىق قىلغاندا بەزىدە يىڭنا قولۇمغا سانجىلىپ كېتەتتى.
پەن فاگاڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ماناس ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى ھەمدە لوتۇيى بازارلىق شىپاخانىغا بېرىپ خىزمەت قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا، بازارلىق شىپاخانىدا جۇڭگو تېبابىتى بۆلۈمى يوق ئىدى. پەن فاگاڭ دەسلەپتە يىڭنە سانجىپ داۋالاش تۈرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ئەمما كىسەللەر ئاسانلىقچە سىناپ بېقىشنى خالىمىدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي كۆپچىلىككە يەنە ھەقسىز داۋالاش ئېلىپ باردى. پەن فاگاڭ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ماڭا كېسىلىنى داۋالىتىدىغانلار بارغانسىرى كۆپىيىپلا قالماي، شىپاخانىمىزدا يەنە جۇڭگو تېبابىتى بۆلۈمى رەسمىي ئېچىلدى، مەن ھازىر جۇڭگو تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.       
پەن فاگاڭنىڭ خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر خىزمەتچى» بولۇپ باھالاندى ھەمدە بۇ يىل بېيۋۇچا بازارلىق شىپاخانىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى:ئۆگىنىشتىن خىزمەت جەريانىغىچە گەرچە كۆپ جاپا تارتقان ۋە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولساممۇ، مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بۇ كەسپنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىز پۈكمەي داۋاملىق تىرىشتىم. مەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، كىسەللەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.
تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى