قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لى تاغىنىڭ مەدىتى

2018-06-04 17:19:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 - ئاپا، ئاپا، لى تاغام قاچان كېلىدۇ؟ ئۆتكەندە ئۇ ئۆيىمىزگە كەلگەندە ماڭا بىر قانچە سۆزنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا توغرا، راۋان ئوقۇيالايدىغان، يادقا يازالايدىغان بولسام ئويۇنچۇق ئاپتوموبىل ئالغاچ كېلىمەن دېگەن،- دېدى تۆت ياشلىق مەردانجان.
 
 - لى تاغاڭنى سېغىنىپسەندە ئوغلۇم، لى تاغاڭ ئەتە كېلىدۇ. ئۇ كەلگەندە خاپا قىلما ھە! بولمىسا ئۇ ئۆيىمىزگە كەلمەيدۇ جۇمۇ؟
»  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھەرلىك 8- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى پېڭ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى يېزىسى 4- كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 40 ياشلىق قوشماقلاشقان تۇغقىنى تۇرسۇنگۈل تۇردىنىڭ ئۆيىگە ئالتە قېتىم كەلدى. تۇرسۇنگۈل تۇردىنىڭ ئېرى 2016- يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىككى ياشقا كىرگەن ئوغلى مەردان ئىمىن ۋە 70 ياشلىق ئاغرىقچان قېيىنئانىسى بىلەن بىللە تۇراتتى، تۇرسۇنگۈل تۇردىنىڭ تېرىيدىغان يېرى بولمىغاچقا، باققالچىلىق قىلىپ تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن تۇرمۇشىنى ئارانلا قامداپ كېلىۋاتقانىدى.
 
  2016- يىلى لى پېڭ تۇرسۇنگۈل تۇردى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشتى، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ بىر ئائىلىدىكى ئۈچ كىشىنىڭ سىماسى لى پېڭنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىدى، قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى، ئۇلارنى نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟
 
  لى پېڭ ھەر ئايدا پۇل، ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ئېلىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇراتتى. تۇرسۇنگۈل تۇردىمۇ لى پېڭنىڭ كېلىدىغان كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ ساقلاپ تۇراتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ تۇغقاندارچىلىق مېھرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
 
  لى پېڭ يەنە كەنت دوقمۇشىدىكى ئىلگىرى ماگىزىن قىلغان بىر قۇرۇق ئۆينى تۇرسۇنگۈل تۇردىغا ئىجارىگە ئېلىپ بەردى.
  لى پېڭ تۇرسۇنگۈل تۇردىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بىر ھەپتىدە مەردانجاننى يەسلىگە ئاپىرىپ ئەكەلدى، يولدا ئۇنىڭغا دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلىشىشنى ئۆگەتتى، كەچلىكى دەرس تەكرار قىلىپ بەردى، لى پېڭ قايتىش ئالدىدا مەردانجان بىلەن 20 سۆزلۈكنى يادقا يازالايدىغان، ئوقۇيالايدىغان بولسا، كېلەر قېتىم ئۇنىڭغا ئويۇنچۇق ئالغاچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەشكەنىدى.
 
  قۇياش شەرقتىن ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈپ ئۆزىنىڭ سېخىي نۇرىنى زېمىنغا ئايىماي چېچىشقا باشلىدى، تۇرسۇنگۈل تۇردى ئەتىگەندىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ ھويلا- ئارانلارنى تازلاپ، ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ، تاماققا تەييارلىق قىلىپ قوشماقلاشقان تۇغقىنى لى پېڭنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتاتتى، مەردانجان ھويلىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلۈك يادلاۋاتاتتى.
 
 - تىنچلىقمۇ تۇرسۇنگۈل ئاچا، مەن كەلدىم،- دېدى يوغان سومكا كۆتۈرۈۋالغان لى پېڭ ھويلىغا كىرىپ.
  لى پېڭنى كۆرگەن مەردانجان ئوقتەك يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە:
 - تاغا، ھەممە سۆزلۈكنى يادلاپ بولدۇم، يادقا يازالايمەن تېخى،- دېدى چۈچۈك تىللىرى بىلەن.
 - شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا «مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن» دېگەن جۈملىنى دۆلەت ئورتاق تىلىدا دەپ باقە؟- دېدى لى پېڭ.
  مەردانجان قىلچە تەمتىرىمەستىن «مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن» دېدى دۆلەت ئورتاق تىلىدا.
 
 - يارايسەن، بەك خۇشال بولدۇم. بۇنى ياقتۇرامسەن؟- دېدى لى پېڭ سېرىق رەڭلىك ئويۇنچۇق ئاپتوموبىلنى مەردانجانغا تۇتقۇزۇپ.
 - بەك ياقتۇردۇم، رەھمەت تاغا.
  مەردانجان قىن- قىنىغا پاتماي ھويلىنى ئايلىنىپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى.
 
 - ئۆيگە كىرەيلى ئۇكام،- دېدى تۇرسۇنگۈل تۇردى ئۆينىڭ مىلەڭزىسىنى قايرىپ.
  لى پېڭ سومكىلىرىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆيگە كىردى، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، لى پېڭ تۇرسۇنگۈل تۇردىدىن يېقىندىن بۇيانقى ئۆينىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.
 - سىزنىڭ مەدىتىڭىز ۋە ياردىمىڭىزدە بالام يەسلىدە ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمەيمەن، دۇكاننىڭ سودىسىمۇ ياخشى، دۇكانغا مېۋە- چېۋىدىن باشقا يەنە تۈرلۈك ماللارنىمۇ سېلىۋالدىم ئۇكام، سىزگە كۆپ رەھمەت،- دېدى تۇرسۇنگۈل تۇردى لى پېڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
  - ئۇنداق دېمەڭ ئاچا، دۆلەتنىڭمۇ، پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئارزۇسى سىلەرنى بالدۇرراق ياخشىراق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكىلاتىدا: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىزىمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىرگەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر بىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن تىرىشىپ بەھرىمەن قىلىش لازىم، دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇڭا تۇرمۇشۇڭلار ياخشىلانسا، بالىلار ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىنىپ، ياراملىق تەربىيەلەنسە بىزمۇ مەقسىتىمىزگە يەتكەن بولىمىز،- دېدى لى پېڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى