قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شۈيتىيەن يېزىسىدىكى قىممەتلىك دەرەخ

2018-06-04 17:29:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جىياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شۈيشىيەن ناھىيەسى شۈيتىيەن يېزىسىدا بىر قەدىمىي كامفورا دەرىخى بار. بۇ 1 مىڭ 200 ياشقا كىرگەن قەدىمىي دەرەخ. ئۇ شۈيتىيەن يېزىسىنىڭ گەنجياڭ دەرياسى بويىدىكى شىليۇ دەپ ئاتىلىدىغان كەنتتە. بۇنىڭ تۇرقىنى ناھايىتى قالتىس، دەپ تەرىپلىسەك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 15 مېتىر، دىئامېتىرى 3.18 مېتىر، ئېغىرلىقى 112 توننا كىلىدۇ. دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 1500 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئادەتتە ئون نەچچە يۈرۈش ئۆي چوڭلىقىدىكى دائىرىدە كېلىدۇ.
ئۇنىڭ شاخلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەر- بىر تال شاخ، ھەر- بىر تال يوپۇرمىقىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بار. ئۇ شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك، شۇنداقلا يەنە شۇنچىلىك كەمتەر ۋە تەمكىن بولۇپ، ھەممىلا يەرگە يېيىلىپ، خىرىس قىلىدىغان ھالەت يوق.
شۈيتىيەن يېزىسى گەنجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، جىشۈي بازىرىغا 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. 44 تەبىئىي كەنت بار. نوپۇسى 15 مىڭ ئەتراپىدا. بۇ يەر سۇلۇق بولغاچقا، ئەتراپ پۈتۈنلەي يېشىلىققا تولغان. ھەممىلا يەر خۇددى سۇدا يۇيۇلغاندەك ياپيېشىل ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان. يۈرەكنى ياشارتىدىغان سۇ يۇرتى پۇرىقىغا تولغان.
شۈيتىيەنلىكلەر بۇ يەردە ئىناق- ئىجىل ياشايدۇ. كامفورا دەرىخى بولسا ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر. يەرلىك كىشىلەر ئۇنى ئىسسىق- سوغۇقلاردا ئۆزلىرىگە ھەمدەمدە بولىدىغان قانداش تۇغقىنى دەپ قارايدۇ. زېرىكسە، ئۇنىڭ ئاستىدا تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، غەم- قايغۇلىرىنى باسىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئالەمدىن ئۆتسە، ئۇنىڭ ئاستىدا كۈجە كۆيدۈرۈپ، كۆڭلىدىكىنى دېيىش ئارقىلىق، يېرىم كېچىدە تۇغقانلىرىنىڭ چۈشىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چاغان كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، پوجاڭزا ئېتىپ، تەنتەنە قىلىشىدۇ. ياز ئاخشاملىرى، بامبۇك كارىۋاتتىن بىرنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭ ئاستىدا ئۇخلايدۇ.
ھەممەيلەن بۇ دەرەخنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ باشلىقى لى ۋېنلىن ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئالغان. ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جىشۈي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان زېڭ شەن شۈيتىيەن يېزىسىدا دېھقانلار ھەركىتى خىزمىتى ئىشلىگەن.
 
  شۈيتىيەن يېزىسىنىڭ شانلىق ئىنقىلابىي تارىخى بار. بۇ قەدىمىي كامفورا دەرىخى ھەممىگە گۇۋا. ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شۈيتىيەن يېزىسىدىكى نۇرغۇن قەھرىمان ئوغۇل- قىزلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن جەڭ مەيدانىغا ئاتلانغان. لى ۋېنلىن خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 4- قارارلىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، 1927- يىلى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە تەلىم- تەربىيە تۈەنىنىڭ يېتەكچىسى سالاھىيىتى بىلەن نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. كېيىن بۇيرۇققا بىنائەن يۇرتىغا قايتىپ ئىنقىلابىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جياڭشى ئۆلىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئىنقىلابىي تايانچ بازا قۇرۇپ، بۇ يەرنى ماۋ زېدۇڭ، جۇدېلارنىڭ جىڭگاڭشەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى مۇھىم تايانچ بازىسىغا ئايلاندۇرغان. ماۋ زېدۇڭ جىڭگاڭشەن، جياڭشىنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە خۇنەن، خۇبېي قاتارلىق ئىنقىلابىي بازىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، «لى ۋېنلىن شەكلىدىكى» تايانچ بازا دەپ ئاتىغان، چېن يى ئۇنى «شەرقىي جىڭگاڭشەن» دەپ تەرىپلىگەن.
شۈيتىيەن يېزىسىدىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، بىر تۈپ كامفورا دەرىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۈيتىيەن يېزىسى-- دەريا سۈيى، ئوت- چۆپ، ئېتىز قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىنتايىن گۈزەل بىر ماكان. شۈيتىيەندىكى كىشىلەر بۇ يەردە ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن. ئەمما، بىر كۈنى، شۈيتىيەندىكى كىشىلەرگە بۇ يەردىن ئايرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىندى. چۈنكى، تۆۋەنكى ئېقىندىكى شياجياڭ دەرياسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىدىغان بولغاچقا، شۈيتىيەندىكى 15 مىڭ ئادەم كۆچۈشى لازىم ئىدى.
شياجياڭ دەرياسىنىڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى-- جياڭشىدا ئالدىنقى ئەسىردىلا پىلانلانغان چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى. لايىھىلىگۈچىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، تۆۋەنكى ئېقىمنىڭ مەركىزى بولغان نەنچاڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش دەرىجىسى 100 يىلدا بىر كۆرۈلۈش دەرىجىسىدىن 200 يىلدا بىر كۆرۈلۈش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدىكەن. بۇ ئارقىلىق تۆۋەنكى ئېقىندىكى 300 نەچچە مىڭ مو ئېتىز سۇغىرىلىپ، ھەر يىلى 70 مىڭ توننا ئاشلىق كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن؛ جياڭشىنىڭ ھەر يىللىق توك ئىشلەپچىقىرىشى 3 مىليون 360 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 1 مىليارد 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىكەن....
بۇ قۇرۇلۇش يۇقىرى ئېقىنىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش 1 مىليون 350 مىڭ كىۋادرات مېتىر دائىرىدىكى ئۆي ۋە جىئەن ناھىيەسى بىلەن جىشۈي ناھىيەسىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئۈچ ناھىيە، ئىككى رايونغا چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە گەنجياڭ دەرياسى بويىدىكى يەر تۈزۈلۈشى ئەڭ تۆۋەن شۈيتيەن يېزىسىدىكى كۆچۈرۈلىدىغان ئاھەلىلەر سانى پۈتكۈل سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدىكى كۆچۈرۈلىدىغان ئاھەلىلەر سانىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
بىر يۈرۈش ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ئادەملەر كەلدى. تەشۋىقات ئاپتوموبىلىمۇ كەلدى. كۆپچىلىك تونۇيدىغان يېزا كادىرلىرىمۇ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار كۆپچىلىككە كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا ئائىت سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ، كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئۆي كۆلىمىنى بېكىتىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەسلىھەتلىشىش تەلەپپۇزىدا گەپ قىلاتتى. لېكىن، ئۇلار يەنىلا شۈيتىيەندىكى كىشىلەرنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە ئېرىشەلمىدى. كىشىلەر ئۇلارغا سوغۇق نەزەردە قارىشاتتى. ئۇلار خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا ھەتتا ئورۇندۇقمۇ بەرمىدى... ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇرتنى يۆتكىمەك تەس دېيىشەتتى، شۈيتىيەنلىكلەرنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.
لېكىن شۈيتىيەندىكى كىشىلەر يەنىلا ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چۈشىنەتتى. شۈيتىيەنلىكلەر ئىنتايىن شەرەپلىك ئىنقىلابىي تارىخقا ئىگە. ئۇلار ئاچچىقىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۈن-تىنسىز بويسۇنۇپ، تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ، يېڭى يېزىدا ئۆي سېلىشقا تېگىشلىك بولسا، خىش ۋە سېمونت سېتىۋالىشقا؛ سىرتقا كۆچۈشكە تېگىشلىك بولسا، پۇرسەت كۈتۈپ ئۆيىنى سىرتقا كۆچۈرۈشكە تەييارلىق قىلدى.
لېكىن، ئەڭ بۇرۇن كۆچكەنلەر ئۇلار ئەمەس، بەلكى ھېلىقى قەدىمىي كامفورا دەرىخى. ئۇ تۇرۇشلۇق شىلىيۇسۈن كەنتى پات ئارىدا سۇ ئاستىدا قالىدىغان ئامبار رايونى. ئۇنىڭ قەيەرگە بېرىشى توغرىسىدا شەھەرنىڭ كۆچۈرۈرۇشكە مەسۇل خادىملىرى ئاللىقاچان ئويلىشىپ بولدى. شەھەردىكى يولداشلار شۈيتىيەنگە كېلىپ، ئۇلارغا كۆچكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ ھازىرقىدىنمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار: «دەرەخنى يۆتكىسە ئۆلىدۇ، ئادەمنى يۆتكىسە كۆكلەيدۇ» دېگەن گەپ بار، بىز كۆپچىلىككە شۇنى بىلدۈرۈپ قويماقچى، «ئادەم يۆتكىلىپ كۆكلەپلا قالماي، يەنە دەرەخمۇ يۆتكىلىپ كۆكلەيدۇ» دەپ ۋەدە بەردى. ئۇلار يەنە: بىز بۇ گۆھەر دەرەخنى يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان لىلىڭ مەدەنىيەت ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ باغچا گۆھىرى قىلىپ، كىشىلەرگە لىلىڭ مەدەنىيىتىنىڭ خۇددى بۇ گۆھەر دەرەخكە ئوخشاش مەڭگۈ جۇلالىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىمىز، دېيىشتى.
لىلىڭ، جىشۈيگە قاراشلىق قەدىمى جىئەننىڭ ئاتىلىشى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، بۇ زېمىن ئوۋ ياڭشىيۇ، خۇ چۇەن، ياڭ باڭجى، ياڭ ۋەنلى، ليۇ جېنۋېن، ۋېن تىيەنشياڭ، جې جىن قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئەدىبلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۇ جاي داڭلىق ئەدىبلەرنىڭ كۆپ چىقىشى بىلەن ھەممە يەرگە تونۇلغان. بۇ ئەدىبلەر تارىختا پائال رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەكس ئەتكەن روھ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن لىلىڭ مەدەنىيىتى دەپ يىغىنچاقلانغان. لىلىڭ مەدەنىيەت ئېكولوگىيە باغچىسى بۇ مەدەنىيەت مەزمۇنىنى نامايەن قىلىپ، بۇ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى نۇرلاندۇردى.
شەھەردىن كەلگەن يولداشلار بۇ دەرەخنى 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جىئەنگە كۆچۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى. ئۇلار دەرەخنى ئېھتىيات بىلەن كولاپ چىقىرىپ، يىلتىزىنى لاي بىلەن ئوراپ، شاخلىرىنى پۇتاپ، پەرۋىش قىلىدىغان جايلىرىنى پەرۋىش قىلىپ، ئاخىرىدا كىران بىلەن دەريادىكى كىمىگە ئېلىپ چىقتى.
گۆھەر دەرەخ يولغا چىقتى. ئۇ سۇ ئېقىمىغا قارشى يۆنىلىشتە ماڭغان ئىدى. بۇ شۈيتىيەن يېزىسىدىكى تۇنجى كۆچمەن بولۇپ، ئۇ شۈيتىيەن خەلقىنىڭ كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرمەكچى. سانسىزلىغان شۈيتىيەنلىكلەر دەريا بويىغا يىغىلدى. ئۇلار بۇ گۆھەر دەرەخنى ئۇزىتىپ قويغىلى كەلگەن ئىدى. ئۇلار دەرەخنىڭ ھەممە يېرىنىڭ تېڭىلىپ، شاخلىرى كېسىلىپ، پەقەت ئاساسىي غولىلا قالغانلىقى، كېمىدە خۇددى بىلىكى ۋە پۇتىدىن ئايرىلغان يارىدارغا ئوخشاش ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى بىئارام بولدى. يۇقىرىدىن كەلگەنلەر، ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچ پاسونى پەقەت قىسقا چاچ پاسۇنىغا ئۆزگەردى، دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى. ئۇلار يۇرتىغا مىڭ يىل ھەمراھ بولغان بۇ گۆھەرنىڭ ساق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇلار بۇ گۆھەر دەرەخ ساق تۇرسا، ئۆزلىرىنىڭ كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىش ئىشلىرىنىڭمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
دەرەخنىڭ  كۆچۈرۈپ- تىكىش جەريانىنىڭ قانچىلىك تەستە تاماملانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن تەس. بۇ گۆھەر دەرەخ 50 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى توپ- توغرا 25 كۈندە تاماملىدى. كىمىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا خۇددى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىكى دوختۇرلار كېسەلگە قارىغاندەك قارىدى.
ئەمما، گۆھەر دەرەختىن ئايرىلغان شىلىيۇ كەنتىدە بولسا، قۇشلار يېڭى توپا دۆۋىلەنگەن دەرەخ ئورنىنى چۆرگىلەپ، گاھى يەرگە قونۇپ، سايرىشىپ، ئۈچ كېچە- ئۈچ كۈندۈزدە ئاران تارقىدى. ئۇلارنىڭ سايرىشى دەرتلىك بولۇپ، شۈيتىيەنلىكلەرنىڭ قەلبىنى ئۆرتىدى.
دەرەخ لىلىڭ مەدەنىيەت ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا تىكىلدى. شەھەردە مەخسۇس مىڭ يىللىق كامفورا دەرىخىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. كەسكىن كۆرۈنىدىغان ئايال شەھەر باشلىقى جانلىق، ھېسسىياتلىق سۆز قىلدى، ئۇنىڭ سۆزلىگەن ۋاقىتتىكى ئىپادىسى دوستانە ۋە يېقىملىق ئىدى.
شۈيتىيەندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كامفۇرا دەرىخىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلارنىڭ ئەنسىرىشىنىڭمۇ ئاساسى بار. كۆچۈرۈلگەن جاينىڭ تۇپراق سۈپىتى، كىلىمات پەرقى، مىڭ يىللىق دەرەخنىڭ بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆسۈش قانۇنىيىتى، يۆتكىلىشتىن ئىلگىرىكى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يۆتكەشتىن كېيىنكى ئاسراش قاتارلىق تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنىڭ جايىدا بولغان- بولمىغانلىقى ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللار ئىدى.
پەقەت شۈيتىيەنلىكلەرلا ئەمەس، جىئەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ گۆھەر دەرەخكە كۆڭۈل بۆلۈۋاتاتتى. جىئەن قەدىمدىن تارتىپ دەل-دەرەخلەر باراقسان ئاينىدىغان جاي. قەدىمكى جىئەندە نۇرغۇن داڭلىق ئەسەرلەر، داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى-- گۈزەل تاغ-دەريالارنىڭ تەبىئىي ئوزۇقلاندۇرۇشىدىن بولغان. ئۇلار زېمىندىكى كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ، بۇ تۇپراقتىكى مىڭ يىللىق ھاياتلىقنىڭ قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
ئاخىرى بىر كۈنى، ئۇلار بۇ مىڭ يىللىق كامفورا دەرىخنىڭ يېڭىدىن يوپۇرماق چىقارغانلىقى، يوپۇرمىقىنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ يۇمران، يېشىل، باراقسان ئۆسكەنلىكىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ دەرەخ دۇنيادىكى قوغدىلىش تىپىدىكى كۆچۈرۈپ تىكىپ، ئاينىغان ئەڭ چوڭ كامفورا دەرىخى رېكورتىنى ياراتتى. شۈيتىيەن يېزىسىدىكىلەر چېپىپ يۈرۈپ، بۇ خۇشخەۋەرنى بىر- بىرىگە يەتكۈزۈشتى. ئۇلار گويا گۆھەر دەرەخنىڭ: «ئىنسانلار، ئۆيلىرىڭلارنى كۆچۈرۈپ، يېڭى ھاياتلىق يولىغا مېڭىڭلار!» دىگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىغاندەك قىلاتتى. ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن شەھەردىكى يولداشلارنىڭ: «دەرەخ يۆتكەلسە كۆكلەيدۇ، ئادەم يۆتكەلسە تېخىمۇ كۆكلەيدۇ!» دىگەن سۆزىگە ئىشەندى.
شۈيتىيەن خەلقى ئارقا-ئارقىدىن يولغا چىقتى. بەزىلىرى ئىككى چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېگىزلىككە كۆچتى، بەزىلىرى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن يىراق جايلارغا كەتتى. بەزىلىرى باشقا يېزا- بازارلارغا بېرىپ ماكانلاشتى. ئۇلار يۇرتىدىن ئايرىلىشقا ھەقىقەتەن قىيمايتتى. ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلار سۇ بېسىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان يۇرت- ماكانىغا قايتا- قايتا قاراپ، خوشلىشىش ئالدىدا تۇرغان قۇلۇم- قوشنىلىرى بىلەن ئۇزۇندىن- ئۇزۇن سىرداشتى.
ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى2013- يىلى تاماملىنىش پىلانلانغان ئىدى. 2013- يىلى7- ئايدا، قۇرۇلۇش پۈتۈپ، سۇ باشلاندى. گەنجىياڭ دەرياسىنىڭ سۇ ئورنى بارا- بارا كۆتۈرۈلدى. دەريا يۈزى بارا- بارا كېڭەيدى. شۈيتىيەن سۇ ئاستىدا قالدى.
جياڭشىنىڭ تارىختىن بۇيان ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشى-- شياجياڭ دەرياسى سۇچىلىق تۈگۈنىدە،2015- يىلىدىن باشلاپ غايەت زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىلدى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ تۈگۈن 12 قېتىملىق ئوتتۇراھال كەلكۈننى توسۇپ قالغان بولۇپ، سۇنى توسۇش، كەلكۈننى توختىتىش رولى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 9- گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە جەمىي 30 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك تارقىتىپ، توك تارقىتىشتىن ياراتقان ئىقتىسادىي ئۈنۈم 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
يۇرتىدىن ئايرىلغان شۈيتىيەنلىكلەرمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى. ئۇلار ناھىيە بويىچە ئەڭ چىرايلىق كەنتكە كۆچۈپ كىردى. قاتار كەتكەن ئۆيلەر ناھايىتى رەتلىك ئىدى؛ ئۆيلەرنىڭ لەمپىلىرى ئەگىمەچ شەكىلدە بولۇپ، كۆك رەڭلىك كاھىش، قارا خىشتا ياسالغان؛ سىمونت يوللار تۈز ۋە ئازادە، پاكىزە ھەم قۇلايلىق ئىدى.
يۇقىرى دەرىجىلىك ئىدارە- ئورۇنلارنىڭ ياردەم بېرىشىدە، شۈيتىيەن خەلقى بەس- بەستە سېرىق كالا باقمىچىلىقى، ئالاھىدە مىۋىچىلىك قاتارلىقلار بىلەن شوغۇللىنىشقا باشلىدى. ئىلگىرى ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان كەنت، ھازىر ھەممە ئىنتىلىدىغان قايناق مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى. سىرتقا ئىشلىگىلى كەتكەن ئىشلەمچىلەر دېڭىز بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن جايلاردىن كەنتكە قايتىپ كېلىپ، دېھقانلار ئارامگاھى، يېزا ساياھەتچىلىكى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللاندى....
ھازىرقى خاتىرجەملىك، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد-- قەدىمىي دەرەخ تەلپۈنگەن بەخت بولۇشى مۈمكىن. بۇلار جياڭشىدىكى قىزىل ئارمىيەنى قۇرغۇچى لى ۋېنلىننىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن. شۈيتىيەنلىكلەرنىڭ خۇشلۇقتىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. ئۇلار دۆلەت قۇرۇلۇش تۈرىدىن تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.
شۈيتىيەندىكى كىشىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى تولۇپ تاشتى. ئۇلار بۇرۇنقى يۇرتداشلىرىنى، يۇرتىدىن ئايرىلىپ باشقا يەرلەرگە كەتكەن قوشنىلىرىنى سېغىنىشقا باشلىدى. ئۇلار يەنە 1 مىڭ 200 ياشلىق تۇققىنى گۆھەر دەرەخنى سېغىنغان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر شەھەرگە كىرىپ، ئۇنى كۆرۈپ كېلىشكە ۋەدىلەشتى. ئۇلار ھازىر بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئادەملەر، ئۇلار ئەمدى ساياھەت قىلىشقا مۇھتاج. دەرۋەقە، گۆھەر دەرەخنى قوغداۋاتقان لىلىڭ مەدەنىيەت ئېكولوگىيە باغچىسى ئۇلارغا ئەڭ يېقىن ساياھەت رايونى ئىدى. ئۇلار ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇلار ناھايىتى ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كۆلىمى ناھايىتى چوڭ ئېكولوگىيە باغچىسىنى ئايلىنىپ چىقتى. ئەمما، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇ دەرەخنىڭ ئاستىدا ئولتۇردى، خۇددى ئۇنىڭغا راسا ياخشى بىر ھەمراھ بولماقچى بولغاندەك ئىدى.
ئۇلار ئۇنىڭ قىسقا چاچلىرىنىڭ ئۆسۈپ چىققانلىقىنى كۆردى، يەنە دەرەختە ناتونۇش تەركىبلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنىمۇ ھېس قىلدى. لېكىن، ئاساسىي غول يەنىلا ئۇلارغا تونۇش، دەرەخ قوۋزىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئۇلارغا تونۇش. ئۇلار دەرەخنىڭمۇ ئۆزلىرىنى تونۇيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار دەرەخ تۈۋىدە خۇددى بۇرۇنقىدەكلا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇلار ئۇنىڭغا بۇرۇنقى ئۆيلىرىنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقى، يېڭى كەنتنىڭ شۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى؛ ئۇنىڭدىن بۇ ئادەم بىلەن لىق تولغان بۇ شەھەرگە كۆنەلىگەن- كۆنەلمىگەنلىكىنى سورىدى. شامال چىقىپ، دەرەخ شاخلىرى لىڭشىدى، شۈيتىيەنلىكلەر ئۇنى جاۋاب بەردى دەپ قارىدى.
ئۇلار 1 مىڭ 200 ياشلىق دەرەخنىڭ ھاياتلىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنەندى، قەدىمىي كامفۇرا دەرىخىمۇ ئۇلارغا ئوخشاش يۇرتىنى سېغىنىدۇ ئەلۋەتتە. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ يېڭى ماكانىدا شاخ چىقىرىپ، تۇپراققا قويۇق سايە تاشلاپ تۇرماقتا.
ئۇلار دائىم ئاشۇ دەرەخنىڭ ئاستىدا باشقا يېزا- بازارلارغا كۆچۈپ كەتكەن شۈيتىيەنلىكلەرنى ئۇچرىتىپ قالاتتى. ئۇلارمۇ ئەنە شۇ قەدىمىي دەرەخنى سېغىنىپ كېلىشكەن ئىدى. ئۇلار دەرەخ ئاستىدا تۇرۇپ، خۇددى نەچچە يىل بۇرۇن زادىلا ئايرىلىپ باقمىغاندەك مۇڭدىشاتتى.
ئەگەر جىئەنگە بارسىڭىز، چوقۇم لىلىڭ مەدەنىيەت ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ بۇ دەرەخنى كۆرۈپ كېتىڭ. شۇنداقلا ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىىڭزنى بىلدۈرۈڭ. ئۇ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە لىلىڭ مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا شۈيتىيەن دەپ ئاتالغان جاينىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلاش روھى ۋە تارىخىنىڭ شاھىدى. ئۇ بىزنىڭ گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنىڭ قوغدىغۇچىسى، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ بۇ زېمىندىكى ئورتاق تۇغقىنىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى