قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىنخۇا قوش ئەجدىرھا ئۆڭكۈرى خاتىرىسى

2018-06-04 17:31:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

4-ئاينىڭ 14-كۈنى، مەن جېجىياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىمالىي تېغىدىكى قوش ئەجدىرھا ئۆڭكۈرىگە ساياھەتكە باردىم. جىنخۇا شەھىرىدىن چىقىپ، تەخمىنەن بەش كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ئاندىن لودىيەن بازىرى ئارقىلىق تاغقا كىرگىلى بولاتتى. ئەگرى- بۈگرى تاشيول يىلان باغرىدەك سوزىلىپ ياتاتتى. تاغ ئىچى لالىگۈللەرگە تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەيلى گۈلى ياكى يوپۇرمىقى بولسۇن، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن كاككۇك گۈلىگە قارىغاندا جانلىق، توڭگۇ دەرىخىمۇ غۇچچىدە چېچەك ئاچقان ئىدى.
  تاغدىكى قۇمساڭغۇ توپا ھېچ يەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ ھال رەڭدە كۆرۈنەتتى. ھالرەڭدىكى تاغ، رەڭمۇرەڭ ئېچىلغان لالىگۈللەرگە بەزىدە قويۇق، بەزىدە شالاڭ يېشىللىق گىرەلىشىپ، رەڭگارەڭ گۈزەل بىر مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرەتتى.
تاغ يولىدا تاغنى بويلىغان ئېرىقلار كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ بەزى يەرلىرى كەڭ، بەزى يەرلىرى تار ئىدى، ئېرىق سۈيى بەزىدە تېز، بەزىدە ئاستا ئاققاچقا، سۇنىڭ ئاۋازىمۇ ناھايىتى دولقۇنلۇق ئىدى. تاغ ئىچىگە كىرىپ يەنە بەش كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ئىچىدىن سۇ ئېقىپ چىقىۋاتقان جۈپ ئەجدىرھا ئۆڭكۈرىگە يېتىپ كەلدۇق.
ئۆڭكۈر ئېغىزىدا تۇرۇپ، يۇقىرىغا قارىغىنىمىزدا ئېگىز تاغ ۋە بۈككىدە ئورمانلىق ناھايىتى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزى كۆۋرۈك سۈڭگۈچىگە ئوخشاش ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئىچكىرلەپ كىرسىڭىز، خۇددى چوڭ يىغىن زالىغا ئوخشاپ قالاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپى تاش تام، ئۈستى تەرىپى ناھايىتى ئېگىز تاش تورۇس ئىدى، بۇ يەرگە 800 دىن مىڭغىچە ئادەم بىمالال سىغاتتى. بۇلاق سۈيى ئۆڭكۈر ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن سىرتقا ئېقىپ چىقاتتى. مانا بۇ تاشقى ئۆڭكۈر ئىدى.
ئەسلىدە تاشقى ئۆڭكۈردىن ئېقىپ چىقىۋاتقان بۇلاق سۈيى ئۆڭكۈر ئىچىنىڭ سول تەرىپىدىكى تاش تامنىڭ ئاستىدىكى كاۋاكتىن ئېقىپ چىقىدىكەن. كاۋاك دىيىلگىنى بىلەن  كاۋاكقا ئىككى ئادەم ئوڭدىسىغا ياتسا سىغىدىغان قولۋاق بىلەن كىرىپ چىققىلى بولىدىكەن. يەنى قولۋاقنىڭ ئىككى بېشىنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ، ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى بىر باشقۇرغۇچى ئۆڭكۈر ئىچىگە سۆرەپ ئېلىپ كىرىدىكەن، ئۆڭكۈر سىرتىدىكى باشقۇرغۇچى يەنە بىر ئۇچىدىن تارتىپ چىقىرىدىكەن. مەن قىزىقىش ئىچىدە ئۆزۈم يالغۇز قولۋاقتا ئوڭدامغا يېتىپ، باش قىسمىم، مۈرەم، ساغرام ۋە پۇتۇم قولۋاققا تېگە- تەگمەيلا «بولدى» دېدىم. قولۋاق ئاستا مېڭىشقا باشلىدى. كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئوڭ- سول ۋە ئۆستى تەرىپىمدىكى تاشلارنىڭ قىسىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. ئەگەر بېشىمنى ئازراق ئۈستىگە كۆتۈرسەملا پېشانەم ۋە بۇرنۇمنى ئۇرىۋېلىشىم ئېنىق ئىدى. مەن قولۋاق بىلەن تەخمىنەن ئالتە مېتىردىن توققۇز مېتىرغىچە ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن قۇرۇقلۇققا يەنى ئىچكى ئۆڭكۈرگە يېتىپ باردىم.
ئىچكى ئۆڭكۈر قاپقاراڭغۇ بولۇپ، ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايتتى. خىزمەتچىلەر لامپا بىلەن يورۇتسىمۇ، كىچىككىنە دائىرىنىلا كۆرگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ زادى قانچىلىك كەڭلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. لامپىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەر بىر يېرىگە ئاستا يېقىنلاشتۇرغاندىلا ئاندىن ئازراق مەنزىرىلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن ئالدى بىلەن تورۇستىكى ئەگرى- بۈگرى كەلگەن بىرى سېرىق، بىرى كۆك رەڭلىك بىر جۈپ ئەجدىرھانى كۆردۈم. ئاندىن شەكلى خۇددى  ھايۋاناتلارغا، ئۆيلەرگە ۋە تۈرلۈك ئەسۋابلارغا ئوخشايدىغان 40 تىن ئارتۇق سىتالاگتىن ۋە سىتالاگتىتلارنى كۆردۈم. بۇ سىتالاگتىن ۋە سىتالاگتىتلارنىڭ شەكلى ئاجايىپ، رەڭگى خىلمۇ- خىل بولۇپ، بىرەر نەرسىگە ئوخشىمىسىمۇ ئەمما بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن. 
ئۆڭكۈر ئىچىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىچكى ئۆڭكۈرنىڭ تاشقى ئۆڭكۈرگە قارىغاندا ئون نەچچە يۈرۈش ئۆيچىلىك چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇلاق سۈيى ئوڭ تەرەپنى بويلاپ يەڭگىل شىلدىرلاپ ئاستا ئاقاتتى. ئۇنىڭ مەنبەسى قاپقاراڭغۇ غار ئىچىدە ئىدى. مەن ئۆچرەت بىلەن قولۋاققا ئوڭدىسىغا ياتقان ھالدا ئۆڭكۈردىن قايتىپ چىقتىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى