قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇخۇمەك گۈلىنىڭ خۇش ھىدى تارالدى

2018-06-04 17:33:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قورۇ ئالدىدا توخۇمەك گۈلى ئېچىلدى. ئۇنىڭ ئاپپاق گۈل بەرگىلىرى ئوي- خىياللىرىمنى سەھرادىكى يۇرتۇمغا ئېلىپ كەتتى. يۇرتۇمدا نەچچە ئونلا ئائىلىلىك بولۇپ، ھويلا ئەتراپىدا سۆگەت، ئۆرۈك، نەشپۈت دەرەخلىرى بار ئىدى. ھاۋا تولىمۇ ساپ بولۇپ، دەل- دەرەخ، گۈل- گىياھلارنىڭ خۇش ھېدى دىماققا ئۇرۇلاتتى.
بىر توپ بالىلار يۈگۈرۈشۈپ ئويناۋاتاتتى، بىر بالا، تۇيۇقسىز توختاپ، توخۇمەك گۈلىنى قېنىپ پۇرىدى. ئۇلار بۇ پۇراقنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇلار بۇ پۇراقنىڭ ئازدۇرىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۇنى ئالدىراپ ئېغىزلىرىغا سېلىشتى. ئۇنىڭ شېرىن تەمى تىلدىن ئۆتۈپ يۈرەككە باراتتى.
ئۇلار بىر تەرەپتىن توخۇمەك گۈلىنى ئاغزىغا سېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئانىلىرىنىڭ ئۇنى ئۇنغا ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ، يوغان قازاندا قوتۇرماچ پىشۇرۇشىغا قاراپ تۇرۇشاتتى. ئۇلار نەپسى تاقىلدىغان ھالدا تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتەتتى.
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئايالىم يېزىغا خىزمەت بىلەن كېتىپ، قايتىشىدا بىر خالتا توخۇمەك گۈلى سېتىۋېلىپ كەپتۇ. ئاتا- ئانام، ئوغلۇم بىلەن بىرلىكتە ھېلىقى بالىلىقىمنى ئەسلىتىدىغان مېزىلىك تاماقنى يەنە بىر قېتىم يىدۇق. ئۇ ۋاقىتلار خۇددى تۆنۈگۈنكىدەكلا كۆز ئالدىمدا نامايەندە بولدى.جەنۇبى جۇڭگودىكى بۇ شەھەردە، كىملىكى نامەلۇم، ئىشقىلىپ بىرەيلەن قورۇ ئالدىغا توخۇمەك گۈلى تېرىپ قويۇپتۇ. قايسى ۋاقىتلىقى نامەلۇم، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا جىمجىتقىنە تۇرۇپ، سۇس توخۇمەك گۈلى پۇرىقىنى پۇراپ، خۇددى مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئاشۇ يۇرتۇمدا تۇرغاندەك تەسىراتقا كەلدىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى