قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆكتولغا كەنتىدە، كۆچەت تىكىشنى ئاساسىي كەسىپ قىلغان چيۇ ديەنجياڭ بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، 30 مو يەرگە سوغۇققا چىداملىق ئالما كۆچىتى تىكتى

2018-06-04 18:05:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆكتولغا كەنتىدە، كۆچەت تىكىشنى ئاساسىي كەسىپ قىلغان چيۇ ديەنجياڭ بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، 30 مو يەرگە سوغۇققا چىداملىق ئالما كۆچىتى تىكتى. بۇ سورتنىڭ مېۋىسى چوڭ، مەھسۇلاتى يۇقىرى، سوغۇققا چىداملىق، تەملىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى شۇ جايدا ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ماس كەلدى. كۆزدىن كۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىپ، چيۇ ديەنجياڭنى چۆرىدەپ، ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سورىدى. چيۇ ديەنجياڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن تىككەن كۆچەتلەرنىڭ باھاسىمۇ ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى. مەن ئەھۋالغا قاراپ مېۋىلىك كۆچەت تىكتىم. تەركىبىدە فىتور بولغان بۇ سورتنىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى، تاتلىق بولۇپلا قالماي يەنە ئۇنى ساقلاشقا، توشۇشقا ماس كىلىدۇ. مەن پۈتۈنلەي ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەتتىم. كېيىنچە كالا، قوي قىغلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەرگە ئىشلىتىمەن. باغ ئارىسىدا يەنە بىدە ئۆستۈرىۋاتىمەن. يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن ھەر مو يەردىن 500 كىلوگرامدىن 600 كىلوگرامغىچە ھوسۇل ئالالايمەن. مۇشۇ بويىچە ھىسابلىسام، بۇنىڭدىن كۆچەت تىككەندىن كۆپ پايدا ئالالايدىكەنمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى