قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون مالىيەسى سۇچىلىق سېلىنما تۈرلىرىگە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغدىن 12 مىليارد 370 مىليون يۈەننى تېز ئاجرىتىپ بىرىدۇ

2018-06-04 18:19:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايون مالىيەسى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، سۇچىلىق سېلىنما تۈرلىرىگە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغدىن 12 مىليارد 370 مىليون يۈەننى تېز ئاجرىتىپ بىرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن سۇچىلىق سېلىنمىسى تۈرلىرىگە 2018- يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى جەمئىي ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغ 12 مىليارد 370 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نوقتىلىق سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىغا 8 مىليارد 480 مىليون يۈەن، چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنى داۋاملىق يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرىگە 2 مىليارد 10 مىليون يۈەن، ئوتتۇرا تىپلىق سۇغۇرۇش رايونلىرىنى داۋاملىق يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرىگە 300 مىليون يۈەن، چوڭ تىپتىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 150 مىليون يۈەن، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى خەتەرلىك توسمىلارنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىغا 280 مىليون يۈەن، ئوتتۇرا، كىچىك دەريا- ئېقىنلارنى تۈزەش قۇرۇلۇشىغا 150 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىكى ئالاقىدار رەھبەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە، مەبلەغ سېلىش پىلانى بويىچە سېلىنىدىغان مەبلەغنى ۋاقتىدا تولۇق ئاجرىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەبلەغ باشقۇرۇش جەھەتتە، خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۈنۈمنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس مەبلەغنى جايىغا ئىشلىتىش، مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر مالىيە مەبلىغىنى ئەڭ چوڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى