قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ناھىيە- شەھەرلەر شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولدى

2018-06-05 11:49:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپلەرگە تايىنىش، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئالاھىدىلىكى بولۇش، ئۆزىگە خاس، ئىلمىي تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يول ئېچىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ناھىيە- شەھەرلەر شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، زور كۈچ بىلەن ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.
 ئىككى كۈندىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدىكى نامرات ئاھالە تۇرسۇنگۈل ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى تېخنىكنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قارا قېرىنقۇلاق تېرىدى. تۇرسۇنگۈل مۇنداق دېدى: ــــ بىزنى تېزرەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، قارا قېرىنقۇلاق زەمبۇرۇغ نوكچىسىنى بىزگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن قارا قېرىنقۇلاقنى ياخشى تېرىپ، ئۇنىڭغا تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلىمىز.
بۇ يىل تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدىكى 60 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى ھويلا- ئاراملىرىغا قارا قېرىنقۇلاق تېرىدى. 5 ئايدىن كېيىن، بۇ كۆزگە چېلىقمايدىغان قارا قېرىنقۇلاق ئەگمە لاپاسلىرى كەنتتىكى 200 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىگە 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ.
تۆۋەنكى مەكىت كەنتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى زومودون كەنتىدىكى يېزا ئىگىلىك كەسپىي كوپىراتىپى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تېرىشنى بىر نەچچە ئاي بالدۇر باشلىدى. ھازىر ئۇلار تېرىغان 70 مو يەردىكى قېرىنسىمان موگۇ ھوسۇل پەسلىگە كىردى. قېرىنسىمان موگۇ تەملىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، شۇ جاينىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋە مۇھىتى قېرىنسىمان موگۇ تېرىشقا ماس كېلىدۇ. بورتالا شەھەرلىك مىللەت- دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ چىڭگىل بازىرى زومودون كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ پائال يېتەكلىشى ئارقىسىدا، بۇلتۇر 9- ئايدا، 11 ئائىلىلىك دېھقان 30 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، قېرىنسىمان موگۇ تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. خىزمەت ئەترىتى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇپ، قېرىنسىمان موگۇ تېرىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بەردى ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن مەبلەغ چىقىرىپ ئۇرۇق سېتىۋالدى. ھازىر كەنتتىكى قېرىنسىمان موگۇ بازارغا سېلىنىپ، ھەر كىلوگرام يېڭى موگۇنىڭ بازار باھاسى 120 يۈەندىن يۇقىرى بولماقتا. قېرىنسىمان موگۇ تېرىشتا تېرىقچىلىق تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 15 مىڭ يۈەن ئاشىدۇ. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن سەمەت مۇنداق دېدى: ــــ نۆۋەتتە قېرىنسىمان موگۇنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولۇپ، ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ. بىز كېيىنكى قەدەمدە تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز.
ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ جېلئاغاش بازىرى مۇخۇرسۇ كەنتىدە، مودەنگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ساياھەتچى لۇ شياۋچىن مۇنداق دېدى: ئاپئاق مۇدەنگۈللەر ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق ھەم پۇراقلىق ئىكەن، نېمە دېگەن گۈزەل.
مۇخۇرسۇ كەنتىدىكى 13 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنىڭ يەر شەكلى بىر قەدەر ئېگىز، سۇ شارائىتى ناچار بولۇپ، ئىلگىرى زىرائەت مەھسۇلات مىقدارى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن ئىدى. «كەسىپ ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈش، ئالاھىدىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش» پىكىر يولى بويىچە، بۇ كەنت گەنسۇدىن ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى بولغان مودەنگۈل سورتىنى كىرگۈزدى. مودەنگۈلنىڭ گۈل بەرگىدىن چاي ياساشقا، يىلتىزىنى دورا قىلىشقا، ئۇرۇقىدىن ماي ئاجرىتىشقا بولىدۇ، ھەر مو يەرنىڭ ئۈنۈمى 5 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. مۇخۇرسۇ كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىچياڭ مۇنداق دېدى: ـــ بىز بۇ مۇدەنگۈللۈكىنىڭ ئەتراپىنى ساياھەت ئورنى قىلىپ قۇرۇپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، كەنت كوللېكتىپىمىزنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرىمىز.
 باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر گۇاڭشىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسنىڭ تاماق يېيىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش باشتىن- ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى تۇنجى چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى، يۇقىرى سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى، ئۈنۈمى، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. 580 مىڭ مو ياڭاقلىققا ئىگە قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 120 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، بۇ يەردە رويخەتكە ئالدۇرغان پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى 12، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 165 بولۇپ، كەنتتىكى ياڭاقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار بىۋاسىتە چەتئەلگە سېتىلىدۇ. قاغىلىق ناھىيە شۇاڭيىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى چېن جىچۈەن مۇنداق دېدى: ـــ مەھسۇلاتىمىز گۇاڭجۇ، شېنجېن، بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ، جېڭجۇلارغىچە سېتىلىدۇ، سېتىلىشى ياخشى. يېقىندا قوشنا دۆلەت قازاقىستانغا سېتىپ چىقىرىدىغان زاكاز تاپشۇرىۋالدۇق، تاللاپ، ئوراپ قاچىلاپ، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن، 2، 3 كۈن ئىچىدە مالنى ئەۋەتىمىز.
2017- يىلى قاغىلىق ناھىيەسى يەتتە ياڭاق پىششىقلاش كارخانىسى كىرگۈزۈپ، ياڭاق سۈتى، ياڭاق شېكىرى، ياڭاق مېيى، ياڭاقنىڭ كۆك پوستىدىن ئايرىلغان بوياق، ياڭاق ئارىلىقىدىكى پوستىنى ياستۇق ماتېرىيالى قىلىشتەك بىر يۈرۈش كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈردى. بۇلتۇر قاغىلىق ناھىيەسىدە ياڭاق مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ناھىيەدىكى ھەممە كەنتتە ياڭاق تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ياڭاق ۋاسىتىچىسى بار بولدى، شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ياڭاق كەسپىدىن كېلىدۇ. قاغىلىق ناھىيە شىنجاڭ مېيجيا يېمەك- ئىچمەك چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى پېڭ خۇڭچۈن مۇنداق دېدى: ــــ مەھسۇلاتىمىز ئاساسلىقى جىڭدۇڭ قاتارلىق ھەر قايسى چوڭ ئېلىكتىرونلۇق سودا يوللىرى ئارقىلىق، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سېتىلىدۇ. ئۆزگىچە تور پونكىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە مەھسۇلاتىمىزنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇ يىل 35 مىڭ توننا ياڭاق سېتىۋېلىپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 500 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى