قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاق تېررورلۇق ئالدىدا چېكىنمىگەن ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسى --- لى يۈەن

2018-06-05 12:04:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  لى يۈەن 1904- يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بولو ناھىيە جوۋجىن بازىرى خېشەنلىۋۇ كەنتىدە تۇغۇلغان. لى يۈەننىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، 1919- يىلى، ئۇ 15 يېشىدا، شياڭگاڭغا بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىپ، چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ بىر پاراخوتىدا ماتروس بولغان. 1921- يىلى سۇ جاۋجېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭخۇا ماتوروسلار سانائەت بىرلەشمە باش ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولغان، 1924- يىلى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۇ جاۋجېڭ، لىن ۋېيمىن ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومى رەھبەرلىك قىلغان شياڭگاڭ ماتورۇسلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى ۋە گۇاڭجۇ- شياڭگاڭ ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىغا قاتنىشىپ، ئىشچىلار قوراللىق تەرتىپ ساقلاش ئەتىرىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
  1925-يىلى كۈزدە، لى يۈەن سۇ جاۋجېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان ھەمدە جۇڭخۇا ماتوروسلار سانائەت بىرلەشمە باش ئۇيۇشمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1926- يىلى، لى يۈەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گۇاڭجۇ مىللىي ھۆكۈمىتى مالىيە بۆلۈمى ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش- تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان.
   «12- ئاپرېل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى بولۇپ 3 كۈندىن كېيىن، گۇاڭجۇدا «15- ئاپرېل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئىنقىلابىي ئامما قىرغىن قىلىنغان. لى يۈەن لى چاڭ، لى چۈەن قاتارلىق ئىسىملارنى قوللىنىپ، مەخپىي كۈرەشكە ئۆتكەن. شۇ يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، لى يۈەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىمى بولۇپ تەيىنلىنىپ، شىياڭگاڭ ۋە گۇاڭجۇدىكى ماتوروسلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، داۋاملىق ئىشچىلار ئارىسىدا ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، گۇاڭجۇ ئىشچىلىرى مەخپىي قوراللىق كۈچىنى تەشكىللەش ۋە قۇرۇشقا قاتناشقان. شۇ يىلى قىشتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان.
  1927- يىلى 11- ئايدا، لى يۈەن ئىشچىلار قوراللىق كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، يارىلىنىپ قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان گۇاڭجۇ ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى جۇۋ ۋېنيۇڭنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزغان. شۇ يىلى 12- ئايدا، لى يۈەن گۇاڭجۇدىكى ئىشچىلارنىڭ مەشھۇر گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىشىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەم ئىشچىلار قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنى باشلاپ، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىنى باستۇرماقچى بولغان ئەكسىيەتچى ئارمىيەگە قارشى كۈرەش قىلغان.
  1928- يىلى 1- ئايدا، لى يۈەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2- ئايدا ئۇ چۇڭيا يەنى ھازىرقى خەينەن ئۆلكىسىگە ئەۋەتىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چۇڭيا ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. شۇ يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، كېيىن شۇجىسى بولغان.
  1928- يىلى 7- ئايدا موسكۋادا ئېچىلغان پارتىيە 6- قۇرۇلتىيىدا، لى يۈەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان (لى يۈەن خىزمەت سەۋەبىدىن ئۆزى قۇرۇلتايغا قاتنىشالمىغان).
  1928- يىلى كۈزدە، لى يۈەن گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقىگە مەخپىي بېرىپ، پەرتىيە تەشكىلاتلىرىغا پارتىيە 6- قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىنى يەتكۈزۈپ، پارتىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. كېيىن بەختكە قارشى ئەكسىيەتچى ھەربىي- ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇ قۇربان بولغاندا ئاران 24 ياشتا ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى