قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا چوڭقۇر رىشتە باغلىدى

2018-06-05 17:07:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش، تەرەققىيات ئىدارىسىدىكى كادىرلار يېقىندا قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلە يېزىسىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كېلىپ، ئۇلار بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. چىن قەلبتىن قىلىنغان ئەمەلىي ياردەم كادىرلار بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.
  ــ تۇغقىنىمىزنى يوقلاپ كەلگەن ئىكەنمىز، ئازراق بولسىمۇ ئۇلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك،- دېدى ۋاڭ جېشىن تۇغقىنى مەمەتئىلى ئوبۇلنىڭ ھويلا تاملىرىنىڭ يامغۇردا خېلىلا بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ. ئۇ نەچچە خىزمەتدىشى بىلەن بىللە پۇل چىقىرىپ، ئۇنىڭ تېمىنى يىڭىباشتىن ئاقارتتى، قورۇسىغا چىنە خىش ياتقۇزدى. كۆپچىلىكنىڭ ئىككى كۈن ئەمگەك قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ قورۇسى يېڭى تۈسكە كىردى، مەمەتئىلى ئوبۇلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدى.
  ۋاڭ جېشىن مۇنداق دېدى: تۇغقانلىرىمىزغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلىگىنىمىز، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە، ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلالىغىنىمىز، بولۇپمۇ يۇرتداشلارنىڭ قىلغان ياردىمىمىزدىن چېھرىگە كۈلگە يۈگۈرگەنلىكىنى كۆرۈش بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدىغان ئىش.
  قورۇ يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلدى، ۋاڭ جېشىن يەنە مەمەتئىلى ئوبۇل بىلەن كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلغاندا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى.
  ۋاڭ جېشىن مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا باراڭ ياسىغىلى، مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككىلى، بۇ ھويلىنى باغ قىلىۋەتكىلى بولىدىكەن، بىز ئۇلارنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز.
  كادىرلار تۇغقانلىرىغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپلا قالماي، ئىدىيە جەھەتتىمۇ ئۇلارنى ئاكتىپ يېتەكلىدى. خۇيۈەنچىڭ تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تۇغقىنى ھېيتجان تۇر ئائىلىسىدە نەچچە قېتىم ئائىلە يىغىنى ئاچتى.
  ھېيتجان تۇر مۇنداق دېدى: بۇرۇن بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈنگە ھېساب دەيتتۇق، ھازىر كادىرلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئېڭىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى، بىز يەنىمۇ تىرىشىپ، كۈنلىرىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، تۇرمۇشىمىزنى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلايمىز. 
  خۇ يۈەنچىڭ مۇنداق دېدى: بىز نەچچە قېتىم ئائىلە يىغىنى ئېچىپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇلارنى ئۆز كۈچىگە، ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىشقا يېتەكلىدۇق، يېقىنقى كۈنلەردىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇنىڭ ئۈنۈمى خېلىلا ياخشى بولدى، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى قوزغالدى. ھازىر ھېيتجان تۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزلىرى قول سېلىپ قوتان ياساشقا باشلىدى، بۇ يىل يەنە ئون تۇياق قوي سېتىۋېلىپ، كىرىمىنى 5 مىڭ يۈەن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى