قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كونا ئىنقىلابى رايونىنىڭ يېڭى مەنزىرىسى

2018-06-05 17:13:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەي پىڭ

جىياڭشى ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىنىڭ شەرقىي قسىمىدىكى ئېدىرلىقنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان خېڭفېڭ ناھىيەسى كونا ئىنقىلابى رايون. فېڭ جىمىن قاتارلىق پۇرۇلتارىيات ئىنقىلاپچىلىرى بۇ يەردە ئىنقىلاۋى بازا قۇرغان. خېڭفېڭ ناھىيەسىگە كەلسىڭىز، خۇددى زاماندىن ھالقىغادەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىسىز. بۇرۇنقى كونا كەنت يېڭى باغقا ئايلانغان، ئەگرى- بۈگرى تاغ يولى تۈپ- تۈز ئاسفالىت يولىغا ئۆزگەرگەن. يىراقتا دەنشىيا شاقىراتمىسى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، ئالتۇن رەڭلىك پەلەمپەي ئېتىزلار، ساياھەتچىلەر بىلەن قوشۇلۇپ، گۈزەل مەنزىرە رەسىمىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان كونا ئۆيلەردىن خۇشال كۈلكىلەر، شوخ ناخشىلار ياڭراپ تۇرىدۇ. بىر قىيما رەسىم كۆرگەزمە زالى، كەنتنىڭ دۆلەت بىلىمى تەربىيەسى زالى، بىر يېزا كەنت كۈتۈپخانىسى... خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك ئائىلىسى ئىدى.
  «يېزا باشلىقى بىلەن ياۋ ئائىلىسىگە بېرىش»
مەن ئۇنىڭ ياۋجىيا يېزىسىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، ئۇمۇ ماڭا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېيتمىغان ئىدى. ئۇنىڭ شۇنچە ياش، كۆزەينەك تاقىۋالغان، ئەدەبلىك ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئىتتىپاق ياچەيكىسىنىڭ كادىرى ياكى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ دەپ بەرگەنلىرىگە ھەيران قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەگە بارسا مەنمۇ ئەگىشىپ باردىم.
ئۇ بۇ يېزىنىڭ ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىدىكەن. نەدىن سورىسا شۇ يەردىن جاۋاپ بېرەلەيدىكەن.
مەن ئۇنىڭدىن:
  ـــ سىلەرنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈزەللەشتۇرۇش قۇرۇلۇشۇڭلاردا پۈتۈن يېزىنى قايتىدىن يېڭىلاپ چىقىپسىلەر، راستخوتنى قانداق ھەل قىلدىڭلار؟ دەپ سورىدىم
ئۇ سۇجىياتاڭ كەنتىدىكى كەڭرى كەتكەن بىر پارچە ئوتلاقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
دەرەخنى كەسمەسلىك، كۆلچەكنى تىندۇرماسلىق ئالدىنقى شەرتىدە، ئەسلىدىكى پارچە يەرلەرنى بىرلەشتۇرۇپ، كۆكەرتىش ئېلىپ باردۇق. يۇقۇرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىگە ئاساسەن، شاڭخەيگە بېرىپ يەر ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىنى سېتىپ، مەبلەغقە ئېرىشكەندىن كېيىن ئاممىنىڭ ئولتۇراق شارائىتى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتۇق،- دىدى.
ۋاڭجىيا كەنتىدە مەن ئۇنىڭدىن كۆچەتلەرگە نىمە ئۈچۈن ۋىۋىسكا ئېسىپ قويىدىغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ بالىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقى، ئۇلارغا بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى، بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يەنە يۇرتىنىڭ جۇغراپىيە دەرىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
سۇجىياتاڭ كەنت ئېغىزىدا مەن نىمە ئۈچۈن بۇ شالاڭ دەرەخلىكنى ساقلاپ قالغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ مېنى بۇ دەرەخلىككە باشلاپ كىردى. باھار يامغۇرىدا سۇجىياتاڭ كەنتى يېشىل مەخمەلگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. كەنت ئېغىزىدا بۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات بېقىپ كەلگەن بىر كىچىك كۆلچەك بولۇپ، سۈيى يېنىك دولقۇنلاپ تۇراتتى، ئەتراپىدا تاغ گۈللىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. كۆلچەك ئالدىدىكى دەرەخلىكنىڭ بەزى جايلىرىدا قارامتۇل قىزىل رەڭلىك توپا كۆرۈنۈپ تۇرغىنى بىلەن دەرەخ ئۈستىدىكى ۋىۋىسكىلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. ئۇ ماڭا، بۇ يەرنىڭ كىتاپ ئوقۇش دەرەخزارلىقى دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، سۇجىياتاڭ كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئاچ قالسىمۇ بالىلىرىنى چوقۇم مەكتەپتە ئوقۇتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. كۆلچەك ئەتراپى بالىلارنىڭ كالا باقىدىغان يېرى ئىكەن، بالىلار كالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، كالىلارنى بۇ دەرەخلەرگە باغلاپ قويۇپ، دەرەخزارلىقتا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىكەن. بۇ كىچىككىنە تاغلىق كەنتتە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ناھىيە دەرىجىلىك ئەلىيۇل ئەلا چىققان ئىكەن. يېقىندا يەنە تۆت ئاسپىرانت چىقىپتۇ. بۇ دەرەخزارلىقىنى ساقلاپ قېلىش، مۇشۇ خىل مەدەنىيەت ۋە روھنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىكەن. 
تاغ قاپتىلىدىكى گاۋجىيا كەنتتىگە كەلدۇق. بۇ يەردە بىر ئاسفالىت يول مەركىزى رايوندىكى كۆلچەكنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئۈچ قەۋەتلىك كىچىك ئىمارەتلەرگە تۇتىشىدىكەن. بۇ چىرايلىق ئىمارەتلەر كەنتتىكىلەرنىڭ ئۆيى ئىكەن. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئاللىقاچان سۇ، توك، گاز تولۇق سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ يەردە قالايمىقان ئەخلەت تۆكىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن. مەن پەقەت بىر موزاينىڭ تاش يولىنى بويلاپ، تاغ تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. تاش ياتقۇزۇلغان چىغىر يول قىزىل رەڭدە بولۇپ، بۇ تاشلار كونا ئۆيلەرنى چاققاندا قەپ قالغان ئىكەن. ئەمدىلىكتە كەنتكە بىر خىل قەدىمىي گۈزەللىك ئاتا قىلغان ئىدى. يامغۇر سۈيى كۆلچەك ئۈستىدە ئۇسۇل ئوينايتتى، ھەر بىر ئۆينىڭ ئالدى- كەينىدە، ياپيېشىل بامبۇك، قىزىل شاپتۇل چېچىكى، گىلاس گۈللىرى بولۇپ، خۇددى غايىۋى ماكانغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
مەن ئۇنىڭدىن: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولدىڭلارمۇ؟- دەپ سورىدىم.
ئۇ مېنى باشلاپ پەلەمپەيلەردىن چىقىپ بىر ئۆيگە باشلاپ كىردى. بۇ ئۆيدىكى چوڭ ئانا بىزگە تۇمۇشىنىڭ ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكى، پەقەت يولدىشى ئۆپكە كېسىلگە گىرىپتار بولغاچقا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ دەرھال: چوڭ ئانا مەن يېزا باشلىقى، ھەر قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا ئېيتىڭ،ــــ دىدى.
شۇندىلا مەن ئۇنىڭ يېزا باشلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئانا سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇ مومايغا:
ــــ چوڭ ئانا، ئەتە ئۆيىڭىزدىكىلەر تالوننى ئېلىپ يېزىغا كېلىپ، مېنى ئىزدىسۇن، مېنىڭ ئىشخانام ئىككىنجى قەۋەتتەـــ دىدى.
ئۆيدىن يېنىپ چىققاندا ئۇ ماڭا، بۇ ئائىلىنىڭ نامرات ئائىلە ئىكەنلىكى، ئېرىنىڭ ئاغرىقچان ئىكەنلىكى، كېلىنىنىڭ تۇغۇتلۇق ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ ئائىلىنىڭ پەقەت ئوغلىنىڭ سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىغا تايىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئاتچوت قىلىپ بەرمىدىڭلار؟ دەپ سورىدىم.
ئۇنىڭ دىيىشىچە كەنت تۈزۈمى بويىچە چوڭ كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسىنىڭ سىرتىدىكى چىقىملارنىڭ پەقەت 20--30 پىرسەنتىنى ئاتچوت قىلىپ بەرگىلى بولىدىكەن. قارىغاندا موماينىڭ دەۋاتقىنى قالغان قىسمى ئىدى.
ئىشىكتىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر بوۋايغا ئۇچرىدۇق. ئۇ قارىماققا ئاتمىش، يەتمىش ياشلاردا بولۇپ، رەتلىك كىيىنىۋالغان ئىدى. ئۇ يېزا باشلىقىنى تونۇسا كېرەك، يېزا باشلىقىغا كۈلۈپلا قويۇپ، ھىچقاندا تەكەللۇپ سۆزلىرىنىمۇ قىلمىدى. يېزا باشلىقى ئۇنىڭ نەدە تۇرىۋاتقانلىقىنى، تولۇقلىما پۇلنى ئالغان، ئالمىغانلىقى، يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سورىدى. ئەسلىدە بۇ بوۋايىنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۈچىلىسى كۆيۈمسىز چىقىپ قىلىپ، كەنتنىڭ خىزمەت ئىشلىشى بىلەن ئۇلار بوۋاينى بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. لېكىن، بوۋاينىڭ ئايالى كېلىنى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغاچقا، ئوغلىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشقا قوشۇلمىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن كەنت ياردەم قىلىپ، بۇ بوۋاي، مومايغا ئۆي سېلىپ بېرىپ، ئىقتىسادى جەھەتتىمۇ ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ھازىر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، كېسەل كۆرۈنۈش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، تۇرمۇشى ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ.
ئۇ كەنتتە ھەر خىل ئىشلارنىڭ بارلىقى، بەزى مەسىلىلەرنى بىراقلا ھەل قىلىش تەسلىكىنى ئېيتىپ بەردى. مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە، لاياقەتلىك يېزا باشلىقى بولۇشنىڭ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم.
خېڭفېڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەن يەنە بۇ خۇاڭ لىجۇڭ ئىسىملىك يېزا باشلىقىغا ئالاھىتەن تېلېفون قىلىپ، ھېلىقى موماينىڭ ئىشىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورىدىم. خۇاڭ يېزا باشلىقى، مۇماينىڭ ئىككىنجى كۈنى بارلىق تالونلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، تولۇقلاپ ئاتچوت قىلىپ بىرىش ئۈچۈن خەلق ئىشلىرى ئىدارسىگە ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.  
تېلېفوندا خۇاڭ يېزا باشلىقىنىڭ يېشىنى سورىدىم، ھەم ئۇنى ياخشى كادىركەنسىز دەپ ماختىدىم، ئۇ تارتىنغان ھالدا: «يېشىمنى ئانچە كىچىك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، فاڭ جىمىن، خۇاڭ داۋلار سوۋېت رايونىنى قۇرغاندا تېخى مېنىڭدىن كىچىك ئىدى،» دىدى.
  «تاغ ئىچىدىكى سۇ كەرەپشىسى»
شاڭخەينىڭ كۆكتات بازىرىدا بىر خىل كۆكتاتنى ئۇچراتقان ئىدىم، ئۇ كەرەپشىگە ئوخشاش چوڭلۇقتا بولۇپ، كەرەپشىگە ئوخشاش غولىنىڭ ئۇچى تەرىپىدە يوپۇرماقلىرى بار، غولى كاۋاك بولۇپ، يىلتىز تەرىپى ئاق رەڭدە، ئۆزى كۈلرەڭ ئارىلاش يېشىل رەڭدە ئىدى، قارىماققا بەك ئاجىز كۆرىنەتتى. مەن دۇكانداردىن: بۇ قانداق كۆكتات؟ دەپ سورىدىم. دۇكاندار ئاددىيلا قىلىپ: سۇ كەرەپشىسى،ــ دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى.
مەن ئۇ چاغدا سۇ كەرەپشىسىنىڭ بىر خىل ياۋا كۆكتات ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. يەيدىغان ئادەملەر كۆپەيگەچكە، ھەر خىل كۆكتاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىكەن.
خېڭفېڭ ناھىيەسىنىڭ ھەر بىر كەنتىدە دېھقانلار ئارامگاھى بار ئىكەن، ھەر بىر دېھقانلار ئارامگاھى ئاشخانىسىنىڭ يىمەكلىك ماتىرىياللىرى ئۆزگىچە بولۇپ، بۇلار ئىچىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل قورۇمىسى بولىدىكەن. ياپيېشىل بىر تەقسە قورۇمىنى كۆرۈپ، بۇ قورۇمىدىكى  كۆكتاتنى ئىلگىرى كۆرگەندە بولدۇم. شۇ جايدىكى دوستۇم ماڭا، بۇنىڭ بىر خىل ياۋا كۆكتات بولۇپ، سۇ كەرەپشىسى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. تېتىپ باقسام، تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، شاڭخەي سۇ كەرەپشىسىنىڭ تەمىگە ئوخشاپ قالىدىكەن، ئۇنىڭغا يەنە باشقىچە پۇراق ۋە تەم ئارىلاشقان ئىكەن.
ۋۇگۇ كەنتى خۇاڭفېڭ ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى موپەنشەن تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي ئېرەن دەرىخى قويۇق ئۆسكەن، تۈكلۈك بامبۇك ۋە گۈل چىچەكلەرگە ئورالغان جايدا توت- بەش كونا ئۆي تۇرارتتى. بۇ يەردىكى مايلىق چاي دەرەخلىرىدىن تارىغان خۇشپۇراق كىشىنى مەس قىلاتتى. ئېرىق بويىدا بىر ئايال نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، بىر نەرسىنى ئۈزۈۋاتاتتى. بىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىساق، سۇ كەرەپشىسى ئىكەن. بۇ قېتىم مەن خېڭفېڭ كەرەپشىسىنىڭ ئەسلى ھالتىنى كۆردۈم. ئۇ شاڭخەي كەرەپشىسىدىن پاكارراق، تومراق بولۇپ، ئۇزۇنلىقى ئالتە- يەتتە سانتېمىتىر كېلەتتى.
 ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۈزۈۋالغان سۇ كەرەپشىسىنى ماڭا سۇندى. يوپۇرماقلىرىنى كۆرۈپ بىلدىمكى، بۇ شاڭخەي سۇ كەرەپشىسىنىڭ بىر تۈرى ئىكەن. خېڭفېڭ ناھىيەسىدە ئۇ ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ئىكەن. ئايال مېنىڭ سۇ كەرەپشىسىگە ناھايىتى قىزىققىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ئۈزگەن سۈ كەرەپشىسىنى ماڭا سۇنۇپ، «مەڭ سىزگە بېرەي» دېدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ۋۇگۇ كەنتىدىكىلەر ناھايىتى ئاق كۆڭۈل كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ مېھماندوستلىقىنى ھىس قىلدىم. بالىلىق چاغلىرىمدا قىزىل ئارمىيە مەيدانىدا ئوقۇغان «سۆيۈملۈك جۇڭگو» ناملىق ئەسەر قۇلاق تاۋىمدە جاراڭلىدى. «مەن ئىشىنىمەن، ھەممىلا يەردە ئىجاتچانلىق جانلىنىدۇ. ھەممە يەر يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىدۇ. خۇشال ناخشىلار غەم- قايغۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. كۈلكە چىرايلار قايغۇلۇق چىرايلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بايلىق، كەمبەغەللىكنىڭ ئورنىنى باسىدۇ». كونا خالتا كوچا ئىچىدە: «نامراتلارنى يۆلەشنى چىن كۆڭلىمىزدىن چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسسىنى يەردە قويمايلى» دىگەن يېڭى بىر شوئارنى كۆردۈم.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى