قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۈز يىللىق گۈزەللىكتىن ھالقىش

2018-06-05 17:15:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 1998- يىلى كىيورى خانىمنىڭ يولدىشى بىلەن بىرگە رادىيوئاكتىپ ئېلېمىنت رادىينى بايقىغانلىقىغا 100 يىل بولغان ئىدى.
يۈز يىل بۇرۇن يەنى 1898- يىلى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى، فىرانسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، سەھنىگە ياش، جۇشقۇن ھەم تەمكىن بىر ئايالنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن مەيدان تىمتاسلىققا تولدى. ئۇ بولسىمۇ مارىيا كىيورى ئىدى. ئۇ بۇ يەردە يولدىشى پىيئىر كىيورى بىلەن بىرلىكتە: «تەبىئىي رادىيوئاكتىپ ئىلىمېنت رادىي» نى بايقىغانلىقى توغرىسىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەرنى ئېلان قىلماقچى ئىدى. ئەسلىدە يولدىشى پىيئىرنىڭ دوكلات قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، يولدىشى ئۇنىڭ دوكلات بېرىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغان ئىدى.
ئىلگىرى فىرانسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ سەھنىسىگە ئايال زاتى چىقىپ باقمىغان ئىدى. مارىيا كىيورى ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، ئاپئاق ھەم سۈزۈك چېھرىدىن قەتئىيلىك، نام- مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان پەزىلىتى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلىنە- بىلىنمەس ئىچىگە ئولتۇرۇشقان كۆزلىرى كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن تىكىلگەنىدى.
ئۇنىڭ سەھنىدىكى دوكلاتى ھەممىنى تاڭ قالدۇرۇپ، فىزىكا ئىلمىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ياراتقان بولسا، ئۇنىڭ گۈزەل، سالاپەتلىك قىياپىتى شۇ كۈندىن باشلاپ تارىخ بېتىگە، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە پۈتۈلدى.
كىيورى خانىم تارىختا رادىيوئاكتىپلىق ئىلىمېنتنى تۇنجى بايقىغان كىشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەڭ مۇھىم شەخس ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا گېرمانىيە ئالىمى رېنتىگىن Xنۇرىنى بايقىغان، ئەمما ئۇ سۈنئىي رادىيوئاكتىپ ئىدى. 1896- يىلى 5- ئايدا، فىرانسىيە ئالىمى بېكلىر تەبىئىي رادىياكتىپنى بايقىغان. گەرچە بۇلار ھەممىسى تاساددىپىي بايقاش بولسىمۇ، ئەمما كىيورى خانىم بۇ ئارقىلىق يېڭى پىكىرنى ئوتتۇرىغا چىقارالىغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ «باشقا ماددىلاردىمۇ رادىياكتىپلىق بارمۇ- يوق؟» دېگەن سۇئال ئۈستىدە بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەنىدى. دېڭىز ساھىلىدا ئۇچرىغان قۇلۇلە قېپىنى بەزىلەر ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈشى مۇمكىن. ئەمما، كىيورى خانىم بولسا بۇ قۇلۇلە قېپىنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكى، قانداق چوڭايغانلىقى، قانداق قىلىپ بۇ دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ قالغانلىقى ئۈستىدە، ئىزدىنەتتى، تەتقىق قىلاتتى. باشقىلار قوغۇننى تۇتسا، ئۇ شۇڭىنى ئىزدەيتتى. باشقىلار يوپۇرماق ئۈزسە، ئۇ ئۇنىڭ يىلتىزىنى سورايتتى. شۇڭا، «رادىيوئاكتىپلىق» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىمۇ ئۇ تاپقان ئىدى.
ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ «پولۇنىي» نى، كەيىندىنلا «رادىي» نى بايقىدى. ئۇ ساپ رادىينى ئايرىپ چىقىش ئۈچۈن، ھويلىغا بىر قازان ئېسىپ، تەركىبىدە رادىي بولۇش ئېھتىمالى بولغان سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز داشقاللارنى تۈرلىرى بويىچە ئايرىم- ئايرىم ھالدا تاۋلاپ چىقىپ، ئاندىن تەجرىبىخانىغا ئېلىپ كىرىپ ئېرىتەتتى، چۆكتۈرەتتى ۋە ئانالىز قىلاتتى.
ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسى تاشلاندۇق بىر كەپە بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە كۈن بويى قازاندىكى داشقاللارنى ئارىلاشتۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولاتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ كىيىملىرى، قوللىرى كىسلاتا، ئىشقارلارنىڭ كۆيۈك ئىزلىرى بىلەن تولغانىدى.
بىر كۈنى، ناھايىتى ھارغىنلىق يەتكەن مارىيا تېلىپ ئاغرىۋاتقان بېلىنى ئۇۋۇلىغاچ، جوزىغا لىق قويۇلغان پىروبىركا، مىنزوركىلارنى ئايرىۋېتىپ، يولدىشى پىيئېردىن «سىزچە رادىي زادى قانداق ھالەتتىدۇ؟» دەپ سورىدى. پىېئىر بولسا: «مەن ئۇنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق رەڭدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. ئارىدىن ئۈچ يىل توققۇز ئاي ئۆتۈپ، ئۇلار نەچچە توننا داشقالنىڭ ئىچىدىن 0.1 گىرام رادىينى تاۋلاپ چىقتى. قاراڭغۇ ئەسكە كەپىدە ئىنتايىن چىرايلىق كۆك نۇر چاقناپ كەتتى. 
ئەمەلىيەتتە، بۇ چىرايلىق سۇس كۆك نۇرغا بىر ئايالنىڭ گۈزەل ھاياتى ۋە تولۇپ تاشقان ئىشەنچى مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. مارىيانىڭ ۋۇجۇدىدا قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان، قىيىنچىلىققا تىز پۈكمەيدىغان ئىرادە ۋە ئىزدىنىشتىن قاچمايدىغان قەيسەر خارەكتېر ۋە ئۇلۇغۋار ئىزدىنىش روھى بار ئىدى. ئۇ بۇ روھى بىلەن ئۇلۇغ تەبئىيلىكنى بايقاش بىلەن بىرگە، ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنىمۇ بايقىغان ئىدى.
رادىينى بايقاپ ئۈزۈكسىز تەتقىق قىلىش جەريانىدا كىيورى خانىمدا كۆپ ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى. خىزمەتتە ئۇلۇغ نەتىجىلەر بارلىققا كېلىشى بىلەن بىرگە رادىي نۇرلىرى ئۇنىڭ تېنىنى خوراتتى. ئۇنىڭ ساغلام، گۈزەل چىرايى ئاستا- ئاستا خۇنۇكلىشىپ، كۆزى تورلىشىدىغان، قۇلىقى غۇڭۇلدايدىغان بولدى، بەدىنى كۆرىنەرلىك ئاجىزلاشتى. پىيېئىر بولسا بەختكە قارشى بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتتى. جەمىيەتنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىشى مارىيا كىيورىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. ئەمما، ئۇ ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي، ئۈن- تىنسىز ئىشلەش بىلەنلا بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ چىرايلىق بىر قىزدىن، سالاپەتلىك ھەم قەيسەر بىر ئايال ئالىمغا؛ پەن- تېخنىكىدىكى يېڭى ئاتالغۇ «رادىيوئاكتىپ» تىن، فېزىكا ئىلمىدىكى يېڭى ئۆلچەم بىرلىكى «كىيورى» غا؛ ئىلىم- پەن قانۇنىيەتلىرى، ئىلىم- پەن تارىخىدىكى مەڭگۈلۈك ئابىدىگە ئايلاندى.
  كىيورى خانىمنىڭ ئۇلۇغ نامى ئۇ رادىينى بايقىغان چاغدىن باشلاپلا دۇنياغا تارقىلىپ، ھازىرغىچە 100 يىل بولدى. بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ياشلىقى، ئېتىقادى، ھاياتىنى تەقدىم قىلىش بەدىلىگە كەلگەن شەرەپ. ئۇ ھاياتىدا 10 تۈردە مۇكاپاتقا، 16 خىل مېدالغا، 107 خىل پەخرى مەنسەپكە؛ بولۇپمۇ ئىككى قېتىم نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.
 ئۇ ئەسلىدە ئېرىشكەن خالىغان بىر مۇكاپاتى ۋە بىر مېدالىغا تايىنىپ، راھەت تۇرمۇش كەچۈرسە تامامەن بولاتتى. ئەمما، ئۇ قىلچىلىك نام- مەنپەئەت قوغلاشماي، ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىنى پەن- تەتقىقات ئىشلىرى ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدىكى فىرانسىيەگە ئىئانە قىلىۋەتتى شۇنداقلا مېداللىرىنى 6 ياشلىق قىزىغا ئويۇنچۇق قىلىپ ئويناشقا بەردى.
مارىيا كىيورى ئەنە شۇنداق باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، 67 يېشىدا بۇ دۇنيادىن، ئۆزى سۆيگەن تەجرىبىخانىسىدىن مەڭگۈگە ئايرىلدى. ئەمما، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى 40 يىلدا، ئۇ ئىشلەتكەن خاتىرە دەپتەر توختاۋسىز نۇر چېچىپ تۇردى. داڭلىق ئالىم ئېنىشتىيىن: «دۇنياغا داڭلىق شەخسلەر ئىچىدە، كىيورى خانىملا نام- مەنپەئەتكە بېرىلمىگەن ئىدى» دەپ ئۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەرگەن ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى