قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياڭچۆپودىكى ئائىلە قائىدىسى

2018-06-05 17:29:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياڭچۆپو خۇنەندىكى قارلىق تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر كەنت. ئۇ خۇددى قېرىپ كېتىپ، قانات قېقىپ ئۇچالماس بولۇپ قالغان بۈركۈتكە، شامال ئۇچۇرۇپ يەر يۈزىگە چىقىرىپ قويغان قەدىمى يارماققا ئوخشاش، پۇپۇ ناھىيەسى خېڭبەنچياۋ يېزىسىدىكى بامبۇك دەرەخلىرى بىلەن ئورالغان تاغ قاپتىلىدا جىم- جىت تۇرىدۇ. قارىغاي ۋە بامبۇك دەرەخلىرى بىلەن قاپلانغان بۇ جايدا 8- ئايدىكى ئادەمنى كۆيدۈرىدىغان تومۇز ئىسسىقىدىن ئەسەر يوق، قاتار كەتكەن بۇ ئۆيلەرنى ئىللىق قۇياش نۇرى يورۇتۇپ تۇراتتى. كېسەك ئۆيلەر، كاھىشلىق ئۆگزىلەر، تاملارغا ياماشقان مۇخلار، ئەتراپنى قاپلىغان يېشىللىقتىن بىر خىل قەدىمىي پۇراق كېلەتتى. ئۇ خۇددى ئۇزاق تارىخقا ئىگە تاغ- دەريا سىزما رەسىمىدەك، شۇنچىلىك سىدام، گۈزەل، تېپ- تېنچ. بۇ يەر ئادەمنىڭ خىياللىرىنى يىراق زامانغا ئېلىپ بېرىپ، سۇڭ ۋە تاڭ سۇلالىسى شېئىرلىرىدىن خىيالەن زوقلاندۇرىدۇ.
مەن تاۋ يۈەنمىڭنىڭ قەلبىمى ئاستىدىكى «يولنىڭ يىراق- يېقىنلىقى» نى ئۇنتۇغان بېلىقچىغا ئوخشاش، تاغ جىلغىسىدىكى ئۇششاق تاشلارنىڭ دومىلاپ چۈشكەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئېگىز بامبۇك شاخلىرىنى قايرىپ، قۇياش نۇرىدىكى ياڭچۆپو كەنتىگە نەزەر سالغىنىمدا مېنىڭدىكى ھەيرانلىق شاپتۇللۇق باغقا تۇيۇقسىز كىرىپ قالغان بېلىقچىدىن قېلىشمايتتى. مەن خۇددى ھەيكەلدەك ئۇزاقتىن- ئۇزاق، گەپمۇ قىلماي تۇرۇپ كەتتىم. كەنت كەينى قويۇق بامبۇكزارلىق، كەنتنىڭ ئالدى تەرىپى كەڭرى كەتكەن تۈزلەڭلىك ئىدى. گىرەلىشىپ كەتكەن يوللار باراڭ، پۇرچاق جازىسى، قەدىمىي قۇدۇق، ئېرىق، ھەتتا نەپىس كىچىك كۆۋرۈكنى خالىغانچە ئايرىپ تۇراتتى. ئىگىسىنىڭ ئاياق ئىزلىرى قالغان يەرلەردىكى كۆك مۇچ، پىدىگەن، تەرخەمەك، ئاچچىق كاۋا، پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ خۇش پۇرىقى ئەتراپنى قاپلىغان بولۇپ، شېئىرىي تۇيغۇغا باي يېزا تۇرمۇشى، تېپ- تېنچ ھايات، قەدىمىي كەنتنىڭ قويۇق ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان ھاياتلىق كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
كەنت قارىماققا ئاددىي، قەدىمىي كۆرۈنەتتى. ياۋزۇ مىللىتىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان مۇلايىم بىر موماي تۇيۇقسىز قەدەم تەشرىپ قىلغان مەندەك بىر يولۇچىنى قىزغىن قارشى ئالدى. مەنمۇ ئارتۇقچە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماي، يول باشلىغۇچىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ياپيېشىل مۇخلارنى دەسسەپ، ھويلا بىلەن ئۆي، بىنا، يان ئۆي، ئاشخانا، قورشاۋ تام، بالكون، قۇدۇق، كارىدورلارنى قىزىقىش ئىچىدە كۆرۈپ چىقتىم.
لەمپە ئاستىدا، يان ئۆي ۋە كارىدوردا تاش تۈگمەن، سۇ ماشىنىسى، چاقپەلەك ۋە يىپ ئىگىرىش چاقى قويۇلغان بولۇپ، بۇ قەدىمىي نەرسىلەر ماڭا ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن مومام ۋە ئۇ ياشىغان دەۋرنى ئەسلەتتى. تۆر ئۆيگە سەككىز كىشىلىك ئۈستەل، تەيشى ئورۇندۇقى، پىئانىنو ئورۇندۇقى، جىن چىراغ قاتارلىقلار قويۇلغان. بۇ نەرسىلەردە سىر ياكى ماي داغلىرى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆز ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. قورۇدا جەمى ئالتە ھويلا بولۇپ، ئۆيلەرنى ساناپ باقمىدىم. ھەر بىر يەردىكى خىش، كاھىشلاردىن، تۆۋرۈك ۋە ئۆيدىكى سەرەمجانلاردىن قەدىمى پۇراق چىقىپ تۇراتتى. بۇ باشقا جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ياسىۋالغان قەدىمىي پاسوندىكى كەنتلەرگە ئوخشىمايتتى. بۇ يەر سۈپ -سۈزۈك مەرۋايىتتەك گۈزەل بولۇپ، 300 يىل ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بۇرۇنقى پۇراقنى ساقلاپ قالغان ئىدى.
 بۇ تاغنى ئاچقان فېڭ ئې چوڭ ئانىنىڭ قالدۇرغان ئائىلە تەربىيەسىنىڭ تەسىرى ئىدى. كەنتتىكى ئائىلە تەزكىرىسىدە خاتىرلىنىشىچە، چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ 19- يىلى، فېڭ ئې ئائىلىسىدىكلەرنى باشلاپ ياڭچۆپو كەنتىگە كېلىپ، يول ياساپ، ئۆي سېلىپ، بىرىنجى قورۇنى بەرپا قىلغان ئىكەن. تەبرىكلەش پوجىياڭزىلىرى ئېتىلىپ بولغاندىن كېيىن فېڭ ئې: «باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، مال- مۈلۈككە توغرا يولدا ئېرىشىش؛  ئۆينى پەقەت رېمونت قىلىش، ئۆي چاقماسلىق» دېگەندەك ئائىلە قائىدىسىنى ئوقۇر ئىشىكىنىڭ تېمىغا ئويدۇرغان ئىكەن. فېڭ ئېنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇ قائىدىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇلار ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات دېھقانچىلىق قىلىپ، مەيلى دېھقانچىلىق ياكى سودا قىلسۇن تىرىشچان ھەم ئەدەپلىك بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپتۇ، ئالدامچىلىق قىلماپتۇ، مال- دۇنيا تالاشماپتۇ، بۇنىڭ بىلەن جەمەتنى پەيدىن- پەي گۈللىتىپتۇ. تۇرمۇشى ياخشى بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار ئۆيلىرىنى چېقىپ قايتا سالماي، كۈچىنى ئايىماستىن ياندىن يەر ئېچىپ، قۇرۇلمىسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۆيلەرنى ساپتۇ. ئۈچ يۈز يىل جەريانىدا بالا چاقىلىق بولۇپ، قورۇ جايلىرى ھازىرقى كۆلەمگە يىتىپتۇ.
مەن بىرىنجى قورۇدىكى قارا خىشلىق ھويلا ئالدىدا تۇرۇپ، تامدىكى ھازىرمۇ شۇنچە روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئائىلە قائىدىسىگە قاراپ ئۇزاق ئويلاندىم. ئىنسانلار جەمىيىتىدە ئەجداتلار قالدۇرغان نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئەۋلاتلار ئەتىۋارىنى قىلماي بۇزۇپ چاچىدىغان ئىشلار نۇرغۇن. فېڭ ئېنىڭ ئەۋلاتلىرى خۇددى شۆفېڭ تېغىغا ئوخشاش ساددا ۋە ئاقكۆڭۈل، ئۇلارنىڭ  ئۈچ يۈز يىلدىن بۇيان ئائىلە قائىدىسىنى بۇزماي ئەمەل قىلپ كېلىشى ئاسان ئەمەس. ئۇلارنىڭ ساقلاپ قالغىنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرى ئەمەس، پۇپۇ ۋە شۆفېڭ تاغلىق رايونىدىكى تولۇق ساقلانغان بۇ قەدىمىي مەھەللە ئەمەس، بەلكى بىر خىل سەمىمى، دوستانە ئائىلە ئىستىلى. بۇ ئائىلە قائىدىسى ۋە ئىستىلى كونا ئۆيدىكى قەدىمىي كاھىشقا ئوخشاش، جۇڭخۇا مىلللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق بىناسىنىڭ تېمىغا چوڭقۇر ئويۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە، تاغ- دەريا ھالقىپ، ياڭچۆپو قەدىمىي كەنتىنى كۆرگىلى كېلىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۇلمەيدۇ. مېنىڭچە ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش، قەدىمىي نەپىسلىكتىن باشقا يەنە بۇ يەردىكى ئائىلە قائىدىسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئويلىنىشلارنىمۇ ئېلىپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى