قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تىببىي پەنلەر داشۆسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرىنىڭ ئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل كەتىرا ئۆستۈرۈش تۈرىنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ھەمدەمدە بولدى

2018-06-05 17:48:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ تىببىي پەنلەر داشۆسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرىنىڭ ئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل كەتىرا ئۆستۈرۈش تۈرىنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ھەمدەمدە بولدى.
كەتىرا-- دائىم ئىشلىتىلىدىغان جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ، بازار ئىستىقبالى ياخشى، تېرىپ ئۆستۈرۈش بىرقەدەر ئاسان. شىنجاڭ تىببىي پەنلەر داشۆسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرىنىڭ ئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىچكىرىي جايلاردىكى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، كەتىرا ئۆستۈرۈش تۈرىنى كىرگۈزدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابلاجان مەمەت مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن 70 نەچچە مو يەردە ئۆستۈرۈپ، بىر مو يەردىن ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 6 مىڭ يۈەن پايدا ئالدۇق. بۇنداق بولغاندا، كەنتتىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
كەنت ئاھالىلىرى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكى كەتىرانى ئۆستۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەس- بەستە كېلىپ مەسلىھەت سوراشتى. كەنت ئاھالىسى گۈزەلنۇر مۇنداق دېدى: كەنتىكى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىزگە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بەردى. كەتىرا ئۆستۈرۈشنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. بىز ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن كەلدۇق.كېيىنكى قەدەمدە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە كەنتتە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپ، كەتىرا ئۆستۈرۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابلاجان مەمەت مۇنداق دېدى: جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپ، يەردىن ئېلىنىدىغان ھوسول تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىشىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ ئارقىلىق دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى