قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئادەمسىز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغولاتىنى يولغا قويۇپ، پەيدىنپەي ئادەمسىز دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى بەرپا قىلىدۇ

2018-06-05 17:50:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، ئېلىمىز ئادەمسىز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بارىلىق مەشغولات جەريانىنى تەجرىبە قىلىشنى يولغا قويدى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىڭخۇا شەھىرىدىكى تەجرىبە ئېتىزىدا، ئادەمسىز مەشغولات قىلىۋاتقان 10 نەچچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى يەر تۈزلەپ تېرىقچىلىق قىلىش، مايسا كۆچۈرۈش، ئوغۇت بېرىش، دورا پۈركۈش، ئورۇش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش مەشغولاتىنى تاماملىدى. 
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يەر تۈزلەپ تېرىقچىلىق قىلىش ھالقىسىدا، قۇرغاقچىلىقتا تېرىقچىلىق قىلىدىغان 4 ئادەمسىز ماشىنا يەر تۈزلەپ تېرىقچىلىق قىلىۋاتاتتى. مايسا كۆچۈرۈش ھالقىلىرىدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئادەمسىز مەشغولات قىلىدىغان مايسا كۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ شال مايسىلىرىنى رەتلىك تىكىشىگە كاپالەتلىك قىلىغىلى بولاتتى. لېكىن، بۇ ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. 
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئادەمسىزلەشكەن يېزا ئىگىلىك مەشغولاتى- نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تۈرلىرى ئەڭ تولۇق، سانى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ بىر تۈركۈم ئادەمسىز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىزىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەرىكەت لېنىيەسى كومپيۇتېردا بېكىتىپ قويۇلغان تەرتىپ بويىچە بولىدىكەن. 
كەلگۈسىدە، ئېلىمىز دەرىجە، مۇددەت ۋە باسقۇچقا بۆلۈپ ئادەمسىز دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە بىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ئادەمسىز مەشغولات قىلىدىغان ئۈسكۈنىگە ئۆزگەرتكەندە، تەننەرخىنىڭ ئېشىشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 پىرسەنتتىن كۆپرەك بولىدىكەن، لېكىن كەلگۈسىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئادەمسىز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى