قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ ئايدا، مەملىكەت بويىچە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭ تەكشۈرۈش باشلاندى

2018-06-05 17:51:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭ تەكشۈرۈشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرىدۇ. ئاساسلىق ۋەزىپە- تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭ تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇشتىكى ئاجىز ھالقىلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى ئىچىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىشتەك قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈزەپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەسلىدىكى مۇكەممەللىكى، سىستېمىلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى ياخشى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسىقىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. 
 دەسلەپكى ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 10 مىڭدىن ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمىنىڭ 18 پىرسەنت ئەتراپىنى ئىگىلىگەن. ئېلىمىزدىكى ئەڭ تىپىك ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، قاقاسلىق ئېكولوگىيە سسىتېمىسى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەڭ قىممەتلىك ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقى، ئالاھىدە قىممىتى بار تەبىئىي مىراسلارنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك ھالدا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن.
  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش دائىرىسى- مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى، جۈملىدىن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى، دۆلەت دەرىجىلىك مەشھۇر مەنزىرە رايونلىرى، دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى، دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، دۆلەتلىك گىئولوگىيە باغچىسى، دېڭىز- ئوكيان ئالاھىدە مۇھاپىزەت رايونلىرى (دېڭىز- ئوكيان باغچىسى)، تەبىئىي مىراس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تەكشۈرۈش- ئۆزلىرى تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئەمەلىي تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ تۆۋەن چېكى ۋە ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، ئومۇمىي پىلان قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتۇشۇپ كەتكەن جايلىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، كېيىنكى باسقۇچتا تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى چوڭ تەكشۈرۈشتە جايلار يەنە تېلېفون ۋە خەت ساندۇقى ئېلان قىلىپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئاشكارە توپلاپ، ئاممىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىغا چېتىشلىق قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ قاتنىشىش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن كەڭ ئېچىپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، جامائەت پىكىرى نازارەتچىلىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى