قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 يەر ئوبوروتى شايار دېھقانلىرىنى نەپكە ئېرىشتۈردى

2018-06-05 17:54:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل شايار دېھقانلىرى يەر ئوبوروتىنىڭ پايدىسىنى كۆردى. شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى ئىلغار كەنتىدىكى دېھقان ئىمىن ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەرلىرىنى كەنتنىڭ يەر ئوبۇرۇتىغا قاتناشتۇرۇپ، كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان، يەر ئوبوروتىغا ئىلكىدىكى 4 مو يەرنىڭ كىرىمىنى قوشقاندا، بۇ يىل نامراتلىقتىن قوتۇلۇشقا كۆزى يېتىدىكەن.
بۇ يىل 60 نەچچە ياشقا كىرگەن ئىمىن ئاكا ئەر- خوتۇننىڭ سالامەتلىكى دېگەندەك ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئۇلار 13 مو كېۋەزلىكنى باشقۇرۇپ تېرىكچىلىك قىلاتتى. بىراق، ئەمگەك كۈچى يېتىشمىگەنلىكتىن، كىرىمى تۆۋەنلەپ نامرات ئائىلىلەر قاتارىغا چۈشۈپ قالغانىدى.
بۇلتۇر 11- ئايدا، ئۇ 13 مو كېۋەزلىكنىڭ 9 موسىنى كەنت يەرلىرىنى كوللېكتىپ ئوبورۇت قىلىشقا قاتناشتۇردى، ئارقىدىن ئۇ ئائىلىسىدىكى نىمكەش تىراكتۇرىنى سېتىۋېتىپ، بوغاز ئىنەكتىن ئىككىنى سېتىۋالدى. بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئۇنىڭ ئىنەكلىرى مۇزايلىدى. ناھايىتى تىمەن ئۆسۈۋاتقان مۇزايلارنى كۆرگەن ئىمىن ئاكا يىل ئاخىرىغىچە باقسا ھەر بىرىنىڭ 10 مىڭ يۈەنگە يارايدىغانلىقىنى پەملىدى، بۇنىڭغا ئوبورۇت قىلىنغان 9 مو يېرىدىن كىرگەن 7 مىڭ 200 يۈەننى، يەنە قولىدىكى 4 مو يەرنىڭ كىرىمىنى قوشقاندا، يىل ئاخىرىغىچە 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، نامراتلىقتىن قوتۇلۇش ئىشەنچى كۈچەيدى.
ئاقسۇ گېزىتى ئىدارىسىنىڭ شايار ناھىيە قىزىلبايراق بازىرىنىڭ ئىلغار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەركىن مۇنداق دېدى: ئىلغار كەنتىمىزدە بۇلتۇر 11- ئايدىن باشلاپ يەر ئوبورۇتىنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلاپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش ۋە يەرلەرنى قانۇن بويىچە ئوبوروت قىلىشنى يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يەردىن ئازاد قىلىپ، ئائىلە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. دېھقانلارنىڭ ئوبورۇت قىلغان ھەر مو يېرىدىن 800 يۈەندىن مۇقىم كىرىم قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىرەر ئىش قىلماقچى بولغان كەنت ئاھالىلىرىنى تۈر مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتۇق. ھازىرغىچە، ئىلغار كەنتىدىكى 5 مىڭ 330 مو تېرىلغۇ يەر ئوبوروت قىلىنىپ، 420 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.
يەرلەرنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، ئىمىن ئاكا قېپقالغان 4 مو يېرىگە قوناق تېرىدى، ئايالى ئىككەيلەن 15 تۇياق كىچىك قۇيرۇقلۇق خەنياڭ قويى ۋە 200 دىن كۆپرەك توخۇ، كەپتەر، غاز دېگەندەك ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشقا كىرىشتى.
ئىمىن ئاكىغا ئوخشاش 50 نەچچە ياشلىق توختى تۇرسۇنمۇ يەر ئوبوروتىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنلەرنىڭ بىرى. توختى تۇرسۇن ئائىلىسىدە 3 نوپۇس بولۇپ، قىزى باشقا جايدا ئوقۇيتتى. ئۇمۇ ئوخشاشلا 13 مو يېرىنىڭ 9 موسىنى ئوبوروت قىلدى. بۈگۈنگە كەلگەندە، توختى تۇرسۇن ئاساسلىقى قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش يولىغا مېڭىپ، ھازىر 40 قوي بوردىدى، قارىماققا يىل ئاخىرىغىچە ھەر بىر قويدىن ئاز دېگەندىمۇ 400 يۈەن پايدا ئېلىشىدا گەپ يوق ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى