قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى خارگىنتى توخا كەنتى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە داڭلىق توخو باقمىچىلىق كەنتى

2018-06-05 18:08:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى خارگىنتى توخا كەنتى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە داڭلىق توخو باقمىچىلىق كەنتى. شەھەر ئىقتىسادىدىكى داۋالغۇش سەۋەبلىك، توخۇ باقمىچىلىقىدا زىيان كۆرۈلۈپ، بۇ كەنتتىكى نۇرغۇن باقمىچىلىق ئائىلىلىرى توخۇخانىلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بولدى. بۇنداق مەغلۇبىيەتكە تەن بەرگۈسى كەلمىگەن باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ خوجايىنى يۈ لىخۇڭ بۆدۈنە باقمىچىلىقىغا كىرىشىپ، ئاخىرى بۇ مۈشكۈلچىلىكتىن قۇتۇلۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
 بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان، يۈ لىخۇڭ ئائىلىسىنىڭ بۆدۈنە باقمىچىلىق ئورنىدىكى ئالتە قەۋەتلىك قىلىپ توقۇلغان باقمىچىلىق قەپىزى باشقىچە قىزىپ كەتتى. نەچچە مىڭلىغان بۆدەنە توختىماستىن قى- چۇ قىلىشاتتى، بۆدۈنە تۇخۇملىرى دەممۇ- دەم باقمىچىلىق قەپىزى ئاستىدىكى ئۇۋىغا چۈشەتتى. ھازىر، بۆدۈنە تۇخۇمى بىلەن تەمىنلەش تەلەپنى قاندۇرالمايۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى 20 مىڭ تال بۆدۈنە تۇخۇمى توشۇلىۋاتاتتى.
بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن يۈ لىخۇڭ خارگىنتى توخا كەنتى بويىچە تۇنجى بولۇپ بۆدۈنە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ئايال. 2008- يىلىدىن ئىلگىرى، ئۇ يەر تېرىقچىلىقتىن باشقا، يولدىشى بىلەن سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، ئىزچىل ئۆزىگە يارىشا بىرەر بېيىش يولى ئېچىشنى ئويلاپ كەلگەنىدى.
 خارگىنتى توخا كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ %80 تى توخۇ باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، باقمىچىلىق ئاللىقاچان بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ بېيىشىدىكى ئاساسىي مەنبەگە ئايلانغانىدى. ئەمما، تۇخۇمنىڭ بازار باھاسىدىكى ئۆزگىرىش توخۇ باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن 2016- يىلى بۇ كەنتتىكى %80 توخۇ باققان ئائىلە زىيان تارتتى.
 توخو باقمىچىلىقىدىن زىيان چىقتى، دېھقانلارنىڭ ھەممىسى زىيان تارتتى، ئەمدى توخۇ بېقىشقا بولمايدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بېيىش يولىنى زادى قانداق ئېچىش كېرەك؟
  بىر قېتىم، يۈ لىخۇڭ ئۈرۈمچىگە ئاپىسىنى يوقلاپ بېرىپ، ئويلىمىغان پۇرسەتتە بۆدۈنە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئائىلىنى ئۇچرىتىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، يۈ لىخۇڭدا بۆدۈنە بېقىش ئويى تۇغۇلدى. توخۇ باقمىچىلىقىدىن زىيان تارتقان تۇرۇقلۇق، ئەمدىلىكتە يەنە بۆدۈنە باقماقچى؟ ئۇنىڭ ئويىنى ئاڭلىغان ئائىلىسىدىكىلەر دەرھال قارشى چىقىشتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئۆزىنى- ئۆزى قىيناۋاتىدۇ دەپ قارىدى.
 تۈرلۈك بېسىملار يۈ لىخۇڭنى نىيىتىدىن ياندۇرالمىدى، ئۇ باقمىچىلىق ئورنىنى قايتىدىن ئوڭشاپ، ئۆزى قەپەز توقۇپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى ھەمدە يەم- خەشەك تەييارلاش رىتسىپىنى تەتقىق قىلدى. بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، 2016- يىلى 9- ئايدا، ئۇ ئىچكىرىدىن 5 مىڭ دانە بۆدۈنە چۈجىسى سېتىۋېلىپ كىرگۈزدى.
 يۈ لىخۇڭ ئەتىگەندىن كەچكىچە تىنىم تاپماي ئىشلەيتتى، بىر تەرەپتىن بۆدۈنىلەرگە يەم بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلاتتى. بۆدۈنە چۆجىلىرىنىڭ بەرگەن يەمنى تەستە يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ دەرھال يەمنى تالقانلاپ بېرىدىغان بولدى. بۆدۈنىلەرنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەندە، ئېرىنمەستىن بۆدۈنىلىرىگە سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ بەردى.
 مۇشۇنداق تۈجۈپىلەپ باققاچقا، شۇ يىلىلا ئۇ سالغان تەننەرقىنى قايتۇرىۋالدى. بۇلتۇر، يۈ لىخۇڭ 10 مىڭدىن كۆپرەك بۆدۈنە بېقىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 9 مىڭ تال توخۇم ئالدى، يەم- خەشەك، ئادەم كۈچى تەننەرقىنى چىقىرىۋەتكەندىمۇ، ئۇنىڭ بىر يىللىق پايدىسى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.يۈ لىخۇڭ ئاخىرى توخۇ باقمىچىلىقتىكى مۇشكۈل ئەھۋالدىن قوتۇلۇپ، بۆدۈنە باقمىچلىقىدىن بەختىنى تاپتى، چېھرىدىمۇ ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى