قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋېنفاڭ سىباۋ

2018-06-05 18:21:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«ۋېنفاڭ سىباۋ» يېزىقچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان موي قەلەم، سىياھ، قەغەز ۋە سىياھداننىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، بەش مىڭ يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنغان مۇھىم ۋاستە، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ غەيرىي مەدەنىيەت مىراسى. 
«ۋېنفاڭ سىباۋ» جۇڭگوغا خاس يېزىقچىلىق قورالى بولغان موي قەلەم، سىياھ، قەغەز ۋە سىياھداننى كۆرسىتىدىۇ. ئۇ جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. تارىختا «ۋېنفاڭ سىباۋ» ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەردە ئۆزگىرىش بولغان. جەنۇبىي تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، «ۋېنفاڭ سىباۋ» جۇگې موي قەلىمى، خۇيجۇ لىگۇي سىياھى، چېڭشىنتاڭ قەغىزى، جياڭشى ۋۇيۈەنلوڭۋېي سىياھدىنى قاتارلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسا، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ «ۋېنفاڭ سىباۋ» خۇجۇ موي قەلىمى (جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ دېگەن يېرى)، خۇيجۇ سىياھى (ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇيجۇ دېگەن يېرى)، شۈەنزى قەغىزى (ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شۇەنجۇ دېگەن يېرى)، دۈەنجۇۋ سىياھدىنى (گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جاۋچىڭ دېگەن يېرى، قەدىمكى نامى دۇەنجۇ) كۆرسەتكەن.
شىشيەن ناھىيەسى شىشيەن سىياھدانىنىڭ ماكانى، خۇيجۇ قارا سىياھىنىڭ مەركىزى، قەدىمىي خۇيجۇ مەھكىمىسىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى. شېشيەن ناھىيەسى قەدىمىي شەھىرى يۈننەندىكى لىجياڭ، شەنشىدىكى پىڭياۋ، سىچۈەندىكى لاڭجۇڭ قەدىمىي شەھىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگودىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان تۆت چوڭ قەدىمىي شەھەر، دەپ تەرىپلىنىدۇ. يەنە «چېڭجۇنىڭ يۇرتى»، «ئەنخۇي تىياتىر ماكانى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، خۇيجۇ مەدەنىيىتى ۋە دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرى بولغان جىڭجۈي تىياتىرى، شۇنداقلا ئەنخۇي سودىگەرلىرى ۋە خۇيجۇ تائاملىرى پەيدا بولغان جاي. شېشيەن سىياھدانىنىڭ تولۇق نامى شىجۇ سىياھدانى.
شىشيەن سىياھدانىنىڭ ماتىريالىغا ۋۇيۈەن بىلەن شىشيەن ناھىيەسىنىڭ پاسىلىدىكى لوڭۋىيشەن تېغى ئوتتۇرىسىدىكى ئېرىقىنىڭ تېشى ئىشلىتىلىپ، ماتىريال تاللاش، ياساش، لاھىيەلەش، ئويۇش قاتارلىق ئون نەچچە ئىش تەرتىپى ئارقىلىق ياساپ چىقىلىدۇ. ئۇ يەنە لوڭۋىي سىياھدانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
خۇيجۇ  قارا سىياھسى قۇرۇپ كەتكەن قارىغاي يىلتىزىنى كۆيدۈرگەندىن كېيىن ھاسىل بولغان كۈلگە تۇڭگۇ دەرىخى مېيى، بۇغا مۈڭگۈزى يېلىمى ئارىلاشتۇرۇش ۋە مۇۋاپىق مىقداردا ئىپار، قارا ئۆرۈك ياپراقچىسى، قەلەمپۇر قاتارلىق ئون نەچچە خىل دورا ماتېرىيالى ۋە ئالتۇن، كۈمۈش، مەرۋايىت تالقىنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ پاقىراق، خۇش پۇراق كېلىدۇ.
ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شۈەنچىڭ شەھەرى، شۈەنچىڭ موي قەلىمى بىلەن شۈەنزى قەغىزىنىڭ ماكانى. شۈەنچىڭ موي قەلىمى بىلەن شۈەنزى قەغىزى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئەسلىي جاي بولغان جىڭشيەن ناھىيەسىنىڭ شۈەنزى قەغىزى ياساش ھۈنەر- سەنئىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. چىن سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىغىچە، موي قەلەم ياساش ئاساسلىقى شۈەنچىڭغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، شۈەنزى قەغىزى بىلەن بىللە ئۇزۇن مۇددەت «ئىنئام» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. شۈەنچىڭ موي قەلىمىنىڭ دەستىسى ئادەتتە ياغاچ ياكى بامبۇك ياغىچىدىن، بەزىلىرى قاشتېشى، فارفور قاتارلىقلاردىن؛ قەلەمنىڭ مويى توشقان مويى، ئاغمىخان مويى، ئۆچكە يۇڭى، توخو، غاز پېيى قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە توشقان مويىدىن ياسالغىنى ئەڭ قىممەت.
شۈەنزى قەغىزى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جىڭشىيەن ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جىڭشىيەن ناھىيەسى شۈەنجۇغا قاراشلىق بولغاچقا «شۈەنزى قەغىزى» دەپ ئاتالغان. شۈەنزى قەغىزىنى ياساشتا جىڭشەن ناھىيەسىدىكى سەندال دەرىخنىڭ قوۋزىقى خام ماتىريال قىلىنىدىغان بولۇپ، قوشۇمچە ئەلا سۈپەتلىك شاتيەن ئۇزۇن غوللۇق شال ئوتىمۇ ئەڭ ياخشى ماتىريال بولالايدۇ. سوڭ، يۈەن سۇلالىلىرىدىن كېيىن، ئەسلىدىكى خام ماتىريالغا يەنە ئۈجمە، بامبۇك، كەندىر قاتارلىقلار قوشۇلغان بولۇپ، كېيىن كېڭىيىپ تۈرى 10 دىن ئېشىپ كەتكەن. يېشىل سەندال دەرىخى قوۋزىقىنىڭ تەمى ئاچچىق ھەم بەلگىلىك زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى بولغاچقا، بۇ شۈەنزى قەغىزىنىڭ قۇرتلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
شۈەنزى قەغىزى ماتىرياللارنى چىلاش، كۈلگە كۆمۈش، ھورداش، ئاقارتىش، سۈزۈش، بوتقا، يىلىم ئارىلاشتۇرۇش، چاپلاش قاتارلىق 100 نەچچە خىل ئىش ھالقىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىر يىلدا ياساپ چىقىلىدۇ. قوۋزاقنىڭ مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا قەغەزنىڭ سۈپىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
بوتقا ياساش جەريانىدا، مۇۋاپىق مىقداردا مايمۇن شاپتۇل شەربىتى قۇيىۋەتسە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئالاھىدە يىلىمنىڭ تەسىرىدە، قەغەز بوتقىسى تەكشى ئارىلىشىپ، سۈزۈپ ئېلىنغان نەم قەغەزنى قاتلىغىلى بولىدۇ، يېرتىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مايمۇن شاپتۇلى كەم بولسا بولمايدىغان خام ئەشيا بولۇپ قالغان. شۈەنزى قەغىزى شۇ سەۋەبلىك داڭلىق بولۇپلا قالماي، قەغەز ياساش خام ئەشياسى بىلەن ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي جىڭشيەن ناھىيەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بىلەنمۇ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا ئۆزگىچە كېلىمات، تۇپراق، سۇ سۈپىتى قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرى كەمچىل بولسا، سەندەل دەرىخى قوۋزىقى ۋە شال پاخىلىنىڭ تالاسىنىڭ ئالاھىدىلىكى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. گەرچە، ئوخشاش ھۈنەر- سەنئەت قوللىنىلسىمۇ، قەغەزنىڭ سۈپىتىگە ۋە چىرىشقا چىدامچانلىقلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۈەنزى قەغىزىنىڭ ئاسان كونىرمايدىغان، ئۆڭمەيدىغان خۇسۇسىيەتلىرى بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئاسان ساقلىغىلى بولىدۇ، قۇرۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ «ئۆمۈرى ئۇزۇن قەغەز» دىگەن نامى بار. ئېلىمىزنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان نۇرغۇن قەدىمكى كىتاب، داڭلىق رەسىم، ھۆسنى خەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۈەنزى قەغىزىدە ساقلانغان.شۈەنزى قەغىزىنىڭ ئالدىدا ۋاقىت قەتئىي ئامالسىز. بۈگۈنگىچە، ھېچقانداق بىر زامانىۋى قەغەز ياساش تېخنىكىسى ئەنئەنىۋى قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ ئورنىنى ئالغان ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆسىنخەت ۋە رەسىم قەغەزلىرىنىڭ سۈپىتى شۈەنزى قەغىزىنىڭ سۈپىتىدەك ياخشى ئەمەس.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى