قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«شېننېڭ فۇتا» فوتوۋولت توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قەشقەر تاشقورغاندىكى 20 مېگاۋاتلىق فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى يېقىندا پۈتكەن ھەم رەسمىي تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقاتقان

2018-06-06 17:59:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، «شېننېڭ فۇتا» فوتوۋولت توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قەشقەر تاشقورغاندىكى 20 مېگاۋاتلىق فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى يېقىندا پۈتكەن ھەم رەسمىي تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقاتقان. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان. بۇ تۈرگە جەمئىي 174 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شېنجېن شەھىرىنىڭ فۇتيەن رايونى 80 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقارغان. بۇ تۈردىن يارىتىلغان پايدا تاشقورغاننىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى تاشقورغانغا ئاز بولغاندىمۇ 5 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش پۇلى تاپشۇرۇپ، 800 نامرات ئائىلىنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. نامراتلارنى يۆلەش مۇددىتى 20 يىل بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مالىيەدىن 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ، 52 كاننىڭ گېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئالدىنقى قارارلىق چارلاش تۈرىنى، 96 كاننىڭ گېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يەر كۆلىمى 4 مىڭ 710 گېكتارغا يەتكەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا 26 دۆلەت دەرىجىلىك، ئالتە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كان قۇرۇلدى. بۇ تۆمۈر، مىس-نىكېل، ئالتۇن، ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار، سىنك، ئۇران، نېفىت، كۆمۈر ۋە كالىي تۇزى قاتارلىق كان تۈرلىرىگە چېتىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى