قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە بۇ يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ كۈندىلىك ئىستېمال ‏بۇيۇملىرى ئىمپورت تاموژنا بېجى يەنە تۆۋەنلىتىلىدۇ

2018-06-05 19:05:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

5- ئاينىڭ 30- كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىتىش، ئاممىنىڭ كۆپ خىل ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش قارار قىلىندى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىمپورت بېجىنى مەلۇم نىسبەتتە تۆۋەنلەتكەندىن كېيىنكى ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىشى ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى.
يىغىندا كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت بېجىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش- ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىش، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاش، كەسىپلەر دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇ يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، كىيىم- كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ئاشخانا جابدۇقلىرى ۋە تەنتەربىيە چېنىقىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %15.9 تىن %7.1 كە؛ كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %20.5 تىن %8 كە؛ باقمىچىلىق تۈرى، سۈزۈپ ئېلىش تۈرىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە مىنېرال سۇ قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئىمپورت تاموژنا ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %15.2 تىن %6.9 كە؛ يۇيۇش بۇيۇملىرى ۋە تېرە ئاسراش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق گىرىم بۇيۇملىرى ۋە بىرقىسىم تېببىي دورا ساغلاملىق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %4.8 تىن %2.9 كە تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار باج تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلاردا باھا قوشۇپ پايدا ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئىستېمالچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشى، ئېلىمىزدىكى كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
«رۇيخۇا» بوغالتىرلىق ئىش ئورنىنىڭ ھەمكارلىشىپ باشقۇرغۇچىسى جاڭ ليەنچى مۇنداق دېدى: بۇ، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يۆنىلىشىگە ماس كېلىدۇ. خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. يەنە ئىستېمالنىڭ قايتىلىنىشىنى جەلپ قىلىشقا، ئىستېمالنى دۆلەت ئىچىدە قالدۇرۇشقا پايدىلىق. بۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۈچلۈك «سودا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى» بىلەن تەمىنلەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى