قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ 1 مىڭ 449 خىل كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇمىنىڭ ئىمپورت تاموژنا نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ

2018-06-05 19:06:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 1 مىڭ 449 خىل كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى.
«ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، قىسمەن كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئەڭ پايدىلىق دۆلەت باج نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ. بۇ 1 مىڭ 449 خىل باج ئېلىش ئوبيېكتىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %15.7 تىن %6.9 كە تۆۋەنلەيدۇ. ئوتتۇرىچە چۈشۈش دائىرىسى %55.9 بولىدۇ. ئەڭ پايدىلىق دۆلەت باج نىسبىتىنى تەڭشەش سەۋەبلىك، بۇ يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، 210 تۈرلۈك ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ ئەڭ پايدىلىق دۆلەت باج نىسبىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قالغان تاۋارلارغا ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت باج نىسبىتىنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ.
گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا نىسبىتىنى سەل كەڭ دائىرىدە تۆۋەنلىتىش، ئۆزگىچە ئەۋزەل مەھسۇلاتلار ئىمپورتىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى يارىتىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ؛ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، دۆلىتىمىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازارنى ئېچىۋېتىش مۇھىم تەدبىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى