قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، چىن دوستلۇق ئورنىتىش

2018-06-05 18:20:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 سۈرەتتە: 5- ئاينىڭ 29- كۈنى جيا چۈنيەن ھەسەنجان بىلەن باقمىچىلىق مەيدانىدا كالا سۇغارماقتا.

  جىڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى جيا چۈنيەن 5- ئاينىڭ 29- كۈنى جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى دۇڭگۇەن كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى ھەسەنجان قاسىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى.

  ھەسەنجاننىڭ خوتۇنى تۇنساخان جيا چۈنيەننى قىزغىن كۈتۈۋالدى. جيا چۈنيەن ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ھەسەنجاننىڭ ئائىلىسىدە بەش جان بولۇپ، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. جيا چۈنيەن باقمىچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، ھەسەنجان بىلەن بىللە ئىشلىدى. باقمىچىلىق مەيدانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھويلىلارنى تازىلاپ بىردەم بىكار تۇرمىدى. ئالدىراش چېپىپ يۈرگەن جيا چۈنيەنگە قاراپ تۇنساخان تەسىرلەنگىنىدىن مۇنداق دېدى: ئۇ بىزنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ، ئۆيىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشى، دەپ قارايدۇ، جيا چۈنيەننى چوقۇم سىڭىل قىلىۋالىمەن، بىز ئۆمۈرلۈك ئۇرۇق- تۇغقانلاردىن بولىمىز.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

  سۈرەتتە: 5- ئاينىڭ 29- كۈنى جيا چۈنيەن (ئوڭدا) ھەسەنجاننىڭ قىزىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

 

  سۈرەتتە: 5- ئاينىڭ 29- كۈنى جيا چۈنيەن باقمىچىلىق مەيدانىدا ھەسەنجانغا ياردەملىشىپ قىغ ئۇسماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى