قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېزىلاردىكى يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

2018-06-06 10:53:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت دېھقانلار يېزىلاردىكى مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغىچە كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدى. دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى-- كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى ياردەمچىلەردىن بولۇپ قالدى.
ھازىر دەل زىرائەتلەرنىڭ ئېتىز پەرۋىشىدىكى ئالدىراش مەزگىل. لىكىن، قۇتۇبى ناھىيەسى دافىڭ بازىرى خۇڭليۇتاڭ كەنتىدىكى دېھقان لى زەيخۈي ئانچە ئالدىراش بولۇپ كەتمىدى. ئەكسىچە، ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، قولىمىز پۇل كۆردى، تۇرمۇش سۈپىتىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھازىر زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يولغا قويۇلۇپ يان تېلېفون بىلەنلا ئىشلارنى پۈتتۈرەلەيدىغان بولدۇق. ئىشلىرىمىز ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئاسان بولۇپ كەتتى.
2013- يىلدىن باشلاپ، قۇتۇبى ناھىيەسى دافىڭ بازىرى خۇڭليۇتاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئارقا- ئارقىدىن كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولدى. بۇلتۇر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەردىن ئالغان پايدىسى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى دېھقان ئېتىز ئىشلىرىدىن ئايرىلىپ، تىرانسپورت ئىشلىرى، يىمەك- ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. 5 يىل ۋاقىت ئىچىدە، بۇ كەنت-- ئاپتونوم رايون بويىچە داڭق چىقارغان باي كەنتكە ئايلاندى.
بىر قانچە يىل ئىلگىرى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى-- تېخى يېڭىلىق ھىساپلىناتتى. ھازىرغا كەلگەندە، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ سانى 2 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىپ، يەرلەرنى ئوبوروت قىلىش، تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش جەھەتتە زور رول ئوينايدىغان بولدى.
ماناس ناھىيەسى لوتويى بازىرىدىكى «لېيۈەن» ھەمكارلىق كوپىراتىپى 10 مىڭ مو يەردىكى ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز ئېتىزىدا «6نى بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بۇلتۇر ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتىنى 500 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈپ، رىكورت ياراتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى جاڭ شۆلى مۇنداق دېدى:ئۆلچەپ ئۇرۇق سېلىش يولغا قويۇلۇپ، ئېتىز پەرۋىشىنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش ئەمەلگە ئاشتى. پاختىلارنى يىغىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماشىنىلاشتۇرۇلدى. ئىلگىرى 11 مىڭ مو يەرنى300، 400 ئادەم باشقۇراتتى. ھازىر 15 ئادەم بولسىلا يېتەرلىك. بۇنىڭ ھەممىسى-- ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىسىدىن بولدى.
  سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لياڭ جيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يېزىا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىسلاھاتنى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى كىرىمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە رولىنى تېخىمۇ زور جارى قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن شىركەت ۋە دېھقانلارنى بىرلەشتۈرۈش، دېھقانلار بىلەن بازىلارنى بىرلەشتۈرۈش، دېھقانلار ئۆزلىكىدىن بىرلىشىش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەردىكى يەر ئوبوروت ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، بىر يېزىدا بىر كەسىپ، بىر كەنتتە بىر تۈر بولۇشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، زورايتىش ۋە كۈچەيتىش مەقسىدىگە يېتىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى