قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«سادىق قەلبى بىلەن ئۆمۈرۋايەت قېرىنداشلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان» ئىنقىلابىي قۇربان--- يۈ چاڭجۈن

2018-06-06 11:03:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۈ چاڭجۈن 1907- يىلى تۇغۇلغان، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ نەنلىڭ ناھىيەسىدىن. 1923- يىلى، شاڭخەيگە بېرىپ شاڭخەيدىكى نەنياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. يۈ چاڭجۈن 18 ياشقا كىرگەندە شاڭخەي داشۆسىنىڭ ئىجتىمائىي فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە، يۈ چاڭجۈن بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان كوممۇنىستلاردىن دېڭ جۇڭشيا، چۈ چيۇبەي قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، ماركسىزم ۋە كوممۇنىزم غايىسىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. 1925- يىلى كۈزدە، يۈ چاڭجۈن شاڭخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان،1926- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان.
1926- يىلى 8- ئايدا، يۈ چاڭجۈن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن ئەنخۇي نەنلىڭغا قايتىپ كېلىپ، پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە دېھقانلار ھەرىكىتىنى قوزغىغان. 1927- يىلى ئەتىيازدا، يۈ چاڭجۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋۇخۇ شەھىرى ئالاھىدە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، كىيىن يۇرتى شېجياباغا قايتىپ، شېجيابادا پارتىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئامما ئارىسىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، كەنتلەرگە بېرىپ يەر ئىنقىلابى ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغان.                
بۈيۈك ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يۈ چاڭجۈن ۋۇخۇ شەھىرى ئەتراپىدا يەر ئاستى كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، «قۇملۇق ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نى نەشىر قىلدۇرۇپ، ماركسىزمنى تەشۋىق قىلغان.
1928- يىلى 1- ئايدا، يۈ چاڭجۈن قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە، نەنيۈەن چېگرا رايونلۇق سوۋېت ھۆكۈمىتى شېجيابادا قۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، يۈ چاڭجۈن رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىغان نەنيۈەن چېگرا رايونىدىكى دېھقانلار قوراللىق قوزغىلىڭى خۇددى باھار گۈلدۈرمامىسىدەك نەنۋۇ چېگرا رايونىدا ياڭرىغان.
 1928- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچتە، ئۇ خائىننىڭ ساتقىنلىقى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان.  1928- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى، جياڭ جيېشىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يۈ چاڭجۈن گومىنداڭ ھەربىي- ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئەنچىڭ شەھىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان، ئەينى چاغدا ئۇ ئەمدىلا 21 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ تۈرمىدىشى ئۇ قۇربان بولۇشنىڭ ئالدىدا ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان «مەن ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن، يۇرۇتداشلارغا ئاخىرقى قېتىم ئېھتىرام بۈلدۈرىمەن؛ ئىسسىق قېنىم بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ ئۇرۇغۇنى قۇرۇتۇپ، يۇرۇتداشلارنى يۇرۇق دۇنياغا ئېرىشتۈرۈش مىنىڭ مەڭگۈلۈك نىشانىم» دىگەن ئىككى قۇر خېتىنى تۈرمىدىن ئېلىپ چىققان.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى