قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاغىلىق ناھىيەسى تۈگىچى يېزىسىنىڭ بەشگەمە كەنتىدىكى زۇلخۇمار ئىشنى پاختا يىغىپ تاپقان 4 مىڭ يۈەندىن باشلاپ، 3 ساتىراشخانا ئېچىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش باشلامچىسى بولۇپ قالدى

2018-06-06 11:11:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قاغىلىق ناھىيەسى تۈگىچى يېزىسىنىڭ بەشگەمە كەنتىدىكى زۇلخۇمار ئىشنى پاختا يىغىپ تاپقان 4 مىڭ يۈەندىن باشلاپ، 3 ساتىراشخانا ئېچىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش باشلامچىسى بولۇپ قالدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، زۇلخۇمار قاغىلىق ناھىيەسى جايتېرەك يېزىسىنىڭ باقىشئېرىق كەنتىدە3- ساتىراشخانىسىنى ئېچىش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئۇ ئائىلىسى نامرات بولغان قىز- ئاياللاردىن 3 نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلارنى ھەقسىز تەربىيەلىدىم. بىز كەنتتە دۇكان ئاچساق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت 10 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىدۇ، ئىجارە ھەققى ئالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەختىيار تۇرمۇش-- كۆرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دەپ ئېيتتى. كەنتتىكى ئاياللارنى باشلاپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا تىرىشىمەن.
  10 يىل ئىلگىرى، زۇلخۇمار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ناھىيە بازىرىدىكى ھۆسۈن تۈزەش- چاچ ياساش ئورنىدا تېخنىكا ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئىشنى پاختا يىغىپ تاپقان 4 مىڭ يۈەن بىلەن قاغىلىق ناھىيەسىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى ساتىراشخانىسى ئېچىشتىن باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى مەزگىللەردە، نۇرغۇن كىشىلەر توغرا چۈشەنمىدى. ئەمما، ئائىلەمدىكىلەر مېنى قوللىدى.
تىجارەت باشلىغان دەسلەپكى يېرىم يىلدا، ئۇنىڭ سودىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. ئەمما، تولىمۇ قەيسەر زۇلخۇمار ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم كونا خېرىدارلارنى قولغا كەلتۈردى. بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، قاغىلىق ناھىيەلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تۈگىچى يېزىسىنىڭ بەشگەمە كەنتىگە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى بىلەن، زۇلخۇمار كەنتتە يەنە بىر ساتىراشخانا ئېچىپ، 3 شاگىرت قوبۇل قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى گۈلزار مۇنداق دېدى: دەسلەپتە، ئۇ كەنتتىكى قىز- ئاياللارنى ھەقسىز گىرىم قىلىپ، چاچلىرىنى ھەقسىز ياساپ قويدى. ھازىر، ئۇنىڭ تىجارىتى بارغانسىرى ياخشى بولىۋاتىدۇ.
ھازىر، زۇلخۇمارنىڭ كۈنلىرى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدىغان بولدى. ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن تۈگىچى يېزىسىنىڭ بەشگەمە كەنتىدىكى ساتىراشخانىسىدا، خادىملارنى تەربىيەلىسە، باشقا ۋاقىتلاردا قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى باش دۇكان ۋە باقىشئېرىق كەنتىدىكى يېڭى دۇكاندا تۇرىدۇ. زۇلخۇمار يەنە ئۆزى ئۈچۈن 3 يىللىق نىشان يەنى خانىم-قىزلار سالونى ئېچىپ، ئائىلىسى نامرات قىز- ئاياللاردىن 10 نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، بۇ جەھەتتە قىزىقىشى بار ئاياللارنى ھەقسىز تەربىيەلەش نىشانىنى بېكىتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەختىيار تۇرمۇش-- كۆرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دەپ ئېيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، كەسپنى راۋاجلاندۇرىمەن.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى