قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەلبلەرنى ئىللىتقان ئانا مېھرى

2018-06-06 11:54:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1990- يىلى 5- ئاينىڭ بىر كۈنى، مەڭزىلەم قوشنىسىدىن تاشئېرىق يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېنىدىكى تاشيولغا تاشلىۋېتىلگەن بىر خەنزۇ بوۋاقنىڭ ناھىيەلىك پاراۋانلىق ئورنىدا بېقىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ، ناھىيەلىك پاراۋانلىق ئورنىغا بوۋاقنى كۆرگىلى بارىدۇ. ئۇ ئايجامالنى تۇنجى كۆرگەن چاغلىرىنى ئەسلەپ، كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا مۇنداق دېدى: بوۋاقنى تۇنجى كۆرگىنىمدە كىيىملىرى ناھايىتى يېلىڭ، پۇت - قوللىرىنى مەھكەم تۈگۈۋالغان ئىكەن. ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم، ئەتىسى ئەتىگەندە يولدىشىم مىجىت ئابدۇلنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپلا، ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا بېرىپ بالىنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدىم.
  بەش بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالمايۋاتقاندا يەنە بىر بالىنى بېقىۋالسا ئائىلىسىنىڭ يۈكىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان مىجىت ئابدۇل دەسلەپتە بۇ ئىشقا تازا قوشۇلمايدۇ، ئاخىرى خوتۇنىنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ، ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ بۇ خەنزۇ قىزغا «ئايجامال» دەپ ئىسىم قويىدۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن، مەڭزىلەم ئېرى بىلەن بىللە ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە بېرىپ بالا بېقىۋېلىش رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ.
مەڭزىلەم بالىنى يۇيۇندۇرماقچى بولۇپ كىيىملىرىنى سالدۇرغاندا، بالىنىڭ پۇت- قوللىرىنىڭ قاپارتما بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال بالىنى يېزىلىق شىپاخانىغا ئېلىپ بارىدۇ. دوختۇر بالىدىكى بۇ ئالامەتنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىۇ، ئۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەر كۈنى بالىنىڭ بەدىنىنى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ۋە تۇز سۈيى بىلەن سۈرتىدۇ. مەڭزىلەم ئايجامالنىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن، قىلمىغان دورىسى قالمايدۇ. ئۇ تاپقان- تەرگىنىنى ئايجامالنىڭ  كېسىلىنى داۋالىتىشقا ئىشلىتىپ، چوڭ دوختۇرخانىلاردا كېسەل كۆرسىتىدۇ. ئايجامالنىڭ پۇت- قولى ۋە بوينىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەخسۇس ئۇۋۇلاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، شۇنىڭغا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، كىتابتىكى سۈرەتلىك كۆرسەتمە بويىچە بالىنىڭ پۇت- قوللىرىنى ئۇۋۇلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇۋۇلاش ئۇستىسىغا ئايلىنىدۇ.
سەككىز يىلدىن كېيىن، مەڭزىلەمنىڭ تىرىشچانلىقى، كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن قىزى ئايجامالنىڭ كېسىلىدە ھەقىقەتەن مۆجىزە كۆرۈلدى. ئايجامالنىڭ بوينى ۋە پۇت- قوللىرى ئاستا- ئاستا ھەرىكەتكە كەلدى، بۇ مەڭزىلەمگە زور ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى. شۇ يىلى مەڭزىلەمنىڭ ئېرى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، ئەسلىدىنلا قىيىنچىلىقى بار بۇ ئائىلە تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدى، لېكىن بالىلىرىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى، قولۇم- قوشنىلىرىنىڭ كۆيۈنۈشى بىلەن ئۇ تۇرمۇشقا قايتىدىن ئىشەنچ باغلىدى.
 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەڭزىلەم ھەر كۈنى قىزى ئايجامالنىڭ پۇت- قوللىرىنى تۆت سائەت ئۇۋۇلاشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بالىنىڭ پۇت- قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ بەرسەم، ئاستا- ئاستا مېڭىپ كېتىدىغۇ دېگەن ئۈمىدتە روھلىنىپ كېتىمەن. ئالتە بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقىچە تارتمىغان جاپايىم قالمىدى، تالاي قېتىم ئۈن- تىنسىز ياش تۆكتۈم. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەر كۆپ ياردەم قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ھال سوراش پۇلى بەردى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى بالىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى. يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ توقسۇ ناھىيەلىك تارماق بانكىسى بىزگە نامرات ئائىلە قاتارىدا ئۆسۈمسىز قەرز بەردى. مەن 57 ياشقا كىرىپ قالدىم، مەندىن كېيىن قالسا، بۇ قىزىمنىڭ ھالىدىن كىممۇ خەۋەر ئالار، دەپ تولىمۇ ئەنسىرەيمەن.
مەڭزىلەم ھاپىزنىڭ سىڭلىسى رەيھانگۈل نەچچە يىللاردىن بۇيان ئاچىسىنىڭ چىدام ۋە غەيرەت بىلەن كۆپ بەدەل تۆلەپ، ئايجامالنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاچىسىغا ھەقىقەتەن قايىل بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاچا، خاتىرجەم بولغىن، بىزدەك قېرىنداشلىرىڭ تۇرسا يەنە نېمىدىن ئەنسىرەيسەن، ئايجامال مېنىڭمۇ قىزىم، ۋاقتى كەلگەندە بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز.
ئايجامال مۇنداق دېدى: مەن كەلگۈسىدە مۇخبىر بولۇپ، ئاپامنىڭ مەندەك بىر مېيىپ قىزنى ئۆز قىزىدىنمۇ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىسىنى تەشۋىق قىلىمەن. كېسىلىم ساقايسا، مەن ئاپامنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن.
مەڭزىلەم ھاپىزنىڭ مېيىپ خەنزۇ قىزنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقانلىقى كىشىلەر ئارىسىدىكى مىللەت ۋە قانداشلىقتىن ھالقىغان چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ مىۋىسى ئىدى. مەڭزىلەم ھاپىز ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، «ئەڭ گۈزەل توقسۇلۇق»، «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئىلغار شەخس» ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە «1- نۆۋەتلىك مەدەنىي ئائىلە» شەرىپىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى