قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق ناخشىلىرى ئىچىدىكى شىمالىي شەنشى

2018-06-06 12:14:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ما يۈ

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، يازغۇچى شى تيېشېڭ يەنچۈەن ناھىيەسىدىكى چىڭپىڭۋەنگە بېرىپ، ئىلگىرىكى «ئەسكى بوۋاي» بىلەن بىللە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ كالىسىنى باقتى.
تاغدا كالا باققاندا، سېرىق توپىلىق تاغلارنىڭ ھەممىسى شال، بۇغداي دۆۋىسى بولسا، تاغ باغرىدىكى ئەمەن ۋە سېرىق تىكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئارچا دەرىخى بولسا ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلايتتىم. مەن بىلەن بىللە كالا باققان بوۋاي دائىم  تاماكىسىنى چەككەچ كۈلۈپ تۇرۇپ: ئۇنداق بولغان بولسا، كۈندە ھورنان يەتتۇق، دەيتتى.
شىمالىي شەنشىدىكى كالىلارمۇ جاپالىق ئەمگەككە سېلىناتتى ئىدى. بەزىدە ھېرىپ- چارچىغىنىدىن ئوت- چۆپ يېگۈسىمۇ كەلمەي قالاتتى، بەدىنى تىترەيتى، مەن ئۇلارنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. بولۇپمۇ كالىلار تۇپراقتىن سىرغىپ چىققان شورنى تالىشىۋاتقاندا، بەزىدە ئىشلارنىڭ  ئادىل بولمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم.
بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، بېيجىڭلىق زىيالىي ياشلارنىڭ نەزىرىدە، مۇشۇ  ۋاقىتلاردىلا ئەمەس بۇنىڭدىن 30 يىل، 50 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى، شىمالىي شەنشىلىكلەر مۇشۇنداق ياشاپ كەلگەن.
نۇرغۇن ئەدىبلەر بۇ يەرنى زېمىنى كەڭ، تاغ چوققىلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن، بۇ زىمىندا ياشىغان شىمالىي شەنشىلىكلەر ئۇچىسىغا جۇۋا ۋە كەڭ ئىشتان كىيدۇ. ئەرلەرنىڭ بەلگىسى «بېشىغا ئورىغان لۆڭگىسى»، ئاياللارنىڭ بەلگىسى «قىزىل ئورىمىسى» دەپ تەسۋىرلىگەنىدى. بۇ يەردىكى كىشىلەر جاپالىق كۈن كەچۈرىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى جاپاكەش دەپ ئاتايدۇ. ئۈنۈمسىز يەر، جاپالىق تۇرمۇش. كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ناھايىتى رەڭدار بولۇپ، بۇ جايدا، كىشىلەرنىڭ قەلب تارىنى چېكىدىغان نۇرغۇن ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن.
بۇ يەردە ئېيتىلىپ يۈرگەن نۇرغۇن شېئىر- نەزمىلەردە قىز- يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، شەكلى، بايان قىلىنغان ۋەقەلىكى، مىلودىيەسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بەدىئىي جەھەتتە ئاتا قىلىدىغان زوقى ئوخشاش.
سەنئەت تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، بۇ مۇقەررەر قائىدە. سەنئەت يەنە كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتنى ئىپادىلەيدۇ. خەلق ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ناخشىلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شەھەرلەردىكى تىياتىرخانىلاردىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەن. شىمالىي شەنشى خەلق ناخشىلىرى دەل بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، تۇرمۇشى جاپالىق، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغان بۇ يەردە، تۇرمۇش بولسىلا، ھېكايە بولغان؛ ھېكايە بولسىلا، سەنئەت بولغان. 
مەيلى قەھرىتان سوغۇق، پىژغىرىم ئىسسىقتا ياكى تۇتاش كەتكەن ئېگىز- پەس قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا، ئەگرى- توقاي، تىك تاغ يوللىرىدا ۋە ياكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى- سىرتىدا بولسۇن، يېقىملىق مۇزىكا سادالىرى ياڭراپ تۇرىدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا، شىمالىي شەنشىدىكى جياشيەن ناھىيەسى خېيېپىڭ كەنتىدىكى دېھقان لى سىمىڭ ئۆزىنىڭ باشتىن كۆچۈرگەنلىرىگە ئاساسەن، جۇڭگودىكى جاپاكەش خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان «خۇاڭخې كېمىچىلەر ناخشىسى» نى ئىجاد قىلدى.
لى سىمىڭ 7 يېشىدىن باشلاپ، دادىسىغا ئەگىشىپ كېمىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئىشلار بىلەن ناھايىتى تۇنۇش ئىدى. خەتەرلىك ئېقىنلار، ئەگىر- توقاي يوللار، قەدىمىي ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ خەلق ناخشىلىرى ئىجادىيىتى ئۈچۈن مول ماتىرىيال بولغان. ئۇنىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭ ناخشا تېكىستلىرى خاتىرىسى ھېلىھەم ساقلانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان خۇاڭخې دەرياسى، ھەيۋەتلىك تاغ- دەريالار، كېمىچىلەر مۇزىكىسى... لى سىمىڭنىڭ ناخشا ئېيتىشتىكى ماھارىتىنى يېتىلدۈرگەن. 1920- يىلى چاغاندا، كەنتتە ياڭگېر ئۇسسۇلى ئوينالغان. ئۇ ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ، كەنتتىكى جاڭ شىمىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، «كېمە يۆتكەش» دېگەن ناخشىنى ئېيتقان. ئۇ پىشقەدەم كېمىچىنىڭ رولىنى ئالغان.
بۇ قېتىمقى ئۇيۇن-- كەنتتىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. كەنتتىكى لى شاۋخۇا بۇ قېتىمقى ئۇيۇندىن تولۇق خاتىرە قالدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە، «خۇاڭخې داۋانلىرى» ۋە «كېمە يۆتكەش» دېگەن ناخشىلارنىڭ تېكىستى شۇنىڭ بىلەن ساقلىنىپ قالغان. كېيىنكى يىللاردىكى چاغانلىق ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناشتا، «كېمە يۆتكەش» دېگەن ناخشا مۇقىم ئېيتىلىدىغان بولغان ھەمدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ناخشا-- سېرىق توپىلىق ئىگىزلىكتىكى مەدەنىيەتنىڭ ئىزناسى بولۇپ قالغان.
خۇاڭخې دەرياسى بويىدا ياشاپ ئۆتكەن شىمالىي شەنشىلىك دېھقان لى سىمىڭ ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ناخشا ساداسى ئارقىلىق، خۇاڭخې دەرياسىغا بولغان چىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ناخشىلار يەنە ئۇنىڭ تەقدىر بىلەن كۆرەش قىلىش ئەمەلىيىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل كۆرەش-- خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى جاپاكەش خەلقنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي روھىغا ۋەكىللىك قىلغان.
مۇھەببەتكە تولغان بۇ زىمىندا، مۇھەببەتكە تولغان ناخشىلار ئۈزۈكسىز ياڭرىماقتا. بۇ خەلق ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلغانلار ۋە ئېيتقانلارنىڭ ھەممىسى شىمالىي شەنشى ئىگىزلىكىدىكى ئاددىي خەلقلەر بولسىمۇ، بۇ ناخشىلارنىڭ ئىدىيەۋىيلىكى ۋە بەدىئىيلىكى-- شەھەرلەردىكى سەنئەتكارلارنى ھەيران قالدۇردى. شىمالىي شەنشىدىكى خەلق ناخشىلىرى-- مۇشۇ  زىمىندا ياشاپ ئۆتكەن، بىز نامىنى بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئىجاد قىلغان شۇنىڭدەك شىمالىي شەنشىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ناخشىلار. بىر مۇزىكانت شىمالىي شەنشىدىكى خەلق ناخشىلىرىنى كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «جۇڭگو ۋە چەتئەللەرگە تۇنۇش بولغان شىمالىي شەنشى خەلق ناخشىلىرى-- مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان خۇاڭخې دەرياسىغا ئوخشاش، سېرىق توپىلىق ئىگىزلىكتىكى تاغ- دەريالارنى ئەگىپ ئۆتىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقاردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى