قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يەن زىنىڭ چۇ بەگلىكى پادىشاھىنى باپلىشى

2018-06-06 12:16:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، چى بەگلىكى بىلەن چۇ بەگلىكى ئوخشاشلا چوڭ دۆلەتلەردىن ئىكەن.
بىر قېتىم چى بەگلىكىنىڭ پادىشاھى تىۋىپ يەن زىنى چۇ بەگىلىگە زىيارەتكە ئەۋەتىپتۇ. چۇ بەگلىكى بولسا ئۆز دۆلىتىنى قۇدرەتلىك دەپ قاراپ، يەن زىگە ھاقارەت قىلىش ئارقىلىق چۇ بەگلىكىنىڭ ھەيۋىسىنى يەنىمۇ كۆرسىتىپ قويماقچى بوپتۇ.
چۇ بەگلىكى پادىشاھى يەن زىنىڭ بوي تۇرقىنىڭ ۋىجىك ھەم پاكار ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، شەھەر دەرۋازىسى يېنىغا بىر يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە كامار ياسىتىپتۇ ۋە شەھەر دەرۋازىسىنى تاقىۋېلىپ، ئۇنى شۇ كاماردىن كىرگۈزمەكچى بوپتۇ. يەن زى چۇ بەگلىكىگە يېتىپ كېلىپ بۇنى كۆرۈپ، كۈتىۋالغۇچىغا: «بۇ شەھەر دەرۋازىسى ئەمەس، ئىتنىڭ كامىرى ئىكەن. ئەگەر ئىتلار دۆلىتىنى زىيارەت قىلماقچى بولساق، بۇ ئۆڭكۈردىن ئۆتەيلى. شۇڭا، مەن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي، سىز بېرىپ چۇ دۆلىتى زادى قانداق دۆلەت ئېنىق سوراپ كېلىڭ» دەپتۇ. كۈتىۋالغۇچى يەن زىنىڭ سۆزىنى دەرھال چۇ پادىشاھىغا يەتكۈزۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چۇ بەگلىكى پادىشاھى شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ، يەن زىنى كۈتىۋېلىشقا مەجبۇر بوپتۇ.
يەن زى چۇ بەگلىكى پادىشاھى بىلەن ئۇچراشقاندا، چۇ بەگلىكى پادىشاھى ياراتمىغاندەك سوغۇق كۈلۈپ: «ئەجابا چى دۆلىتىدە ئادەم قالمىدىمۇ؟» دەپتۇ. يەن زى كەسكىن تەلەپپۇزدا: «بۇ نېمە گەپ؟ دۆلىتىمىز پايتەختى ئادەم بىلەن لىق تولغان. كۆپچىلىك يېڭىنى تەڭ كۆتۈرسە، بۇلۇتقا؛ تەرلىرىنى چاچراتسا، ئۆتكۈنچى يامغۇرغا ئوخشايدۇ. كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدە مۈرىلىرى بىر- بىرىگە سۈركەشمەي، بىر- بىرىنىڭ پۇتلىرىنى دەسسىمەي ماڭالمايدۇ. پادىشاھىم نېمىشقا چى دۆلىتىدە ئادەم يوق دەيدىكىن؟» دەپتۇ. چۇ بەگلىكىنىڭ پادىشاھى بولسا: «ئۇنداقتا شۇنچە كۆپ كىشىلەر ئىچىدىن ھەجەپ سىزنى ئەۋەتىپ قاپتۇ دېسە؟» دەپتۇ.
يەن زى يالغاندىن ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە: «بۇ سۇئالىڭىزغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، يالغان سۆزلىسەم، پادىشاھنى ئالداش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولىمەن. راست سۆزلىسەم، سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن قورقىمەن» دەپتۇ.
چۇ بەگلىكى پادىشاھى بولسا: «راستىنى سۆزلەڭ، مەن ئاچچىقلانمايمەن» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەن زى: «بەگلىكىمىزدە مۇنداق بىر قائىدە بار. يەنى چوڭ دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش توغرا كەلگەندە، يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەر زىيارەتكە ئەۋەتىلىدۇ. ئۇششاق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشلەر ئەۋەتىلىدۇ. مەن بولسام ئەڭ يارىماس. شۇڭا، مېنى بۇ يەرگە ئەۋەتتى» دەپتۇ قەستەن كۈلۈپ تۇرۇپ. چۇ بەگلىكى پادىشاھىمۇ ئامالسىز تەڭ كۈلۈشكە مەجبۇر بوپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن چۇ بەگلىكى پادىشاھى زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ يەن زىنى كۈتىۋاپتۇ. ئۇلار تازا خۇشال ھالدا مېھمان بولۇۋاتقاندا، ئىككى مۇھاپىزەتچى بىر جىنايەتچىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. چۇ بەگلىكى پادىشاھى بۇنى كۆرۈپ: «ئۇ كىم؟ قانداق جىنايەت ئۆتكۈزدى؟» دەپ سوراپتۇ. مۇھاپىزەتچى: «چى بەگلىكىنىڭ پۇقراسى ئىكەن، ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. چۇ بەگلىكى زاڭلىق ئارىلاش كۈلۈپ يەن زىگە: «چى بەگلىكىنىڭ ئادەملىرى نېمانچە يارامسىز؟ مۇشۇنداق ئىشنىمۇ قىلامدۇ؟» دەپتۇ. چۇ بەگلىكىنىڭ ۋەزىرلىرى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ زاڭلىق قىلىپ تازا كۈلۈشۈپتۇ. ئەمما، يەن زى چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمىگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ: «پادىشاھى ئالەم بىلمەيدىكەندە، خۇينەن ئاپېلسىنى ھەم چوڭ ھەم تاتلىق، بىراق ئاپېلسىن دەرىخىنى خۇيبېيغا تىكسىلا، مېۋىسى ھەم كىچىك ھەم قىرتاق بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، سۇيى، تۇپرىقى ئوخشىمايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، چى دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى چى دۆلىتىدە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىدۇيۇ. چۇ دۆلىتىگە بارسىلا، ئوغرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بەلكىم ئىككى دۆلەتنىڭمۇ سۈيى ۋە تۇپرىقى ئوخشاش بولمىسا كېرەك». دەپتۇ. چۇ بەگلىكى پادىشاھى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇرىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ- دە، ئوڭايسىزلانغان ھالدا: «مەن ئەسلىدە تىۋىپنى ئوسال قىلماقچى بولىۋېدىم، ئەكسىچە تىۋىپ مېنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى» دەپتۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چۇ بەگلىكى پادىشاھى يەن زىگە بىھۆرمەتسىزلىك قىلمايدىغان بوپتۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى