قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەلبىمدىكى مۇدەن راۋىقى ۋە قىزىل راۋاقتىكى چۈش

2018-06-06 12:25:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئىككى كلاسسىك ئەسەرنىڭ تەسىرىگە ئەڭ چوڭقۇر ئۇچرىدىم. ئۇنىڭ بىرى «مۇدەن راۋىقى»، يەنە بىرى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش». مەن يەنە بۇ ئىككى كىتاب ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلغانمۇ بولدۇم: «مۇدەن راۋىقى» ئۈچۈن، ئۇنىڭ روھىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشتىم. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كىچىككىنە ئىزاھات بەردىم.
تارىختا غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى قانداق كەلگەن؟ مەن غەرب ئەدەبىياتىنى ئۆگەندىم، بۇ توغرىسىدا ئازراق يۈزەكى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ مۇھىمى-- 14- ئەسىردىن16- ئەسىرگىچە ياۋروپادا ئىلىپ بىرىلغان ئەدەبىيات- سەنئەت ھەرىكىتى، يەنى «ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى» بولسا كېرەك. قەدىمكى يۇنان، قەدىمكى رىم مەدەنىيىتىنى قايتا قېزىپ چىقىش ئارقىلىق، مەدەنىيەت ئۇرۇقلىرى ئىتالىيە ئارقىلىق فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چېچىلىپ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كېيىنكى نەتىجىلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ نۇقتىدىن مەن جۇڭگونى ئەسلەپ قالدىم. مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىر خىل ئۈمىد پەيدا بولغانىدى. يەنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزمۇ ياۋروپانىڭكىگە ئوخشاش «مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى» پۇرسىتىگە ئىرىشىپ، قايتىدىن يېڭى ھاياتلىق ۋە يېڭى قىياپەتكە ئېرىشىشنى؛ پۈتۈن دۇنيانىڭ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدىن ھۇزۇرلىنىشى، چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم.
غەربنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈشى ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە تىياتىردىن باشلانغان. بىزنىڭ «ئەدەبىيات-سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش» پائالىيىتىمىزمۇ ئىشنى ئەدەبىيات، تىياتىر، رومان ۋە شېئىرلاردىن باشلاپ، كىلاسسىك مەدەنىيىتىمىزدىن ئىلھام ئالسا بولىدۇ ئەلۋەتتە. شۇنداق بىر پۇرسەتتە، 2003- يىلدىن باشلاپ، «مۇدەن راۋىقى» ناملىق كۈنچۈ تىياتىرىنى ئىشلىدىم. كۈنچۈ تىياتىرىنى 10 ياش ۋاقتىمدىلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. شۇ چاغدا شاڭخەي مېيچى تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قېتىم مېي لەنفاڭ ئەپەندى بىلەن يۈ جېنفېي ئەپەندى باش رول ئالغان «مۇدەن راۋىقى» نىڭ «باغ سەيلىسى» دىگەن بۆلىكىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئۇ چاغدا ئويۇننى ئانچە چۈشەنمەيتتىم، لېكىن «باغ سەيلىسى» دېگەن بۇ بۆلەك خۇددىي ناخشا پىلاستىنكىسىغا ئوخشاش كاللامغا ئورناپ كەتتى. 39 يىلدىن كېيىن مەن يەنە شاڭخەيگە قايتىپ كەلدىم. شاڭخەي كۈنچۈ تىياتىرخانىسىدا، «چاڭشېڭديەن» دېگەن تىياتىرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن تەسىرلەندىم. يالغۇز ئويۇن ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كىلاسسىك مەدەنىيەتنىڭ سەھنىدە ئۆزىنىڭ پارلاق نۇرىنى تارقاتقانلىقىدىن ھاياجانلاندىم. بۇ پارلاق نۇر مېنى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ يەنە قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش پۇرسىتى بارلىقىغا ئىشەندۈردى. شۇ چاغدىلا، كۈنچۈ تىياتىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم.
كۇنچۈ تىياتىرى500، 600 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇنداق قەدىمىي مەدەنىيەتنى ھازىرقى زامان ئېستېتىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، قايتا جۇلالاندۇرغىلى بولارمۇ؟ ئەگەر بۇ تەسسەۋۇر ئەمەلگە ئاشسا، بىزنىڭ پۈتكۈل مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزمۇ كۇنچۈ تىياتىرىغا ئوخشاش قايتا گۈللىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشىشى مۇمكىن. بۇ ئەلۋەتتە تەس ئىش. «مۇدەن راۋىقى» نى پۈتۈن مەملىكەت ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا سەييارە قويۇش ئۈچۈن 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدىم. چەتئەلدە ئويۇن قويغاندا، غەرب ئەللىرىدىكى كۆرۈرمەنلەر كۈنچۈ تىياتىرىنىڭ قول ھەرىكەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆردى. ئۇلار ئويۇننى ناھايىتى نەپىس، مول مەزمۇنغا ئىگە ئىكەن دەپ قارىدى. ئۇنىڭ مۇزىكىسى، تەلەپپۇزى، ئاھاڭىدىمۇ بىر خىل ئۆزگىچىلىك بار بولۇپ، كۈنچۈ تىياتىرىدىن ئىبارەت بۇ بىر يۈرۈش ئېستېتىكا-- جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىستىتىكا ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر سەنئەتنىڭ ئېستېتىك دەرىجىسى مەلۇم سەۋىيەگە يەتسە، مەدەنىيەتتىكى توسالغۇدىن ھالقىپ كىتىدۇ. كېيىن مەن بېيجىڭ داشۆسى، شياڭگاڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى داشۆسى، تەيۋەن داشۆسىدە كۈنچۈ تىياتىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدىم. بۇ ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى كۈنچۈ تىياتىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدىم.
تىياتىر جەھەتتە، «مۇدەن راۋىقى» بار بولسا، ئەدەبىيات جەھەتتە «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» بار. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» جۇڭگونىڭ كىلاسسىك مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى ھىساپلىنىدۇ. بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىنى كۆپ ئوقۇغان، كېيىن ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» توغرىسىدا دەرس ئۆتكەن بولساممۇ، ئەمما 80 ياشقا يېقىنلاشقاندىلا، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نى باشتىن باشلاپ يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، ئاندىن تولۇق ئىشەنچ بىلەن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» دۇنيادىكى بىرىنچى كىتاب دىيەلىدىم.
   «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»--18- ئەسىردە يىزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دەۋردىن ھالقىغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى يەنىلا ئىنتايىن زامانىۋى بولۇپ، غەربنىڭ ھەر قانداق زامانىۋى كىلاسسىك رومانلىرى بىلەن تەڭ تۇرىدۇ. ھازىرقى زامان رومانلىرى ئىچىدىكى ئاتالمىش سىمۋوللۇق، بەدىئىيلىك، خىيالىيلىقلارنىڭ ھەممىسى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە بار. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رېئاللىقتىن ھالقىغان بولۇپ، خىيالىي دۇنيا، راھىب، تەرىقەت دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى ئىپادىلەنگەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئەمەلىي تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن. ئەدەبىي ماھارەتتىن باشقا، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە يەنە پەلسەپە ۋە تۈرلۈك ئىدىيە چوڭقۇر بايان قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ پەلسەپىسىنى ئەڭ جانلىق شەكىلدە كونكرېت نامايەن قىلىپ بەرگەن. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»-- مىللىتىمىزنىڭ قەلبىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»-- ئوخشاش بولمىغان نۇسخىلىرى بار ئاجايىپ ئەسەر بولۇپ، تەتقىق قىلىشقا، ئويلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلىرىمۇ بار. مەن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشتىم دىيەلەيمەن. ھازىر، مەن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابىمغا مۇجەسسەملىدىم. شۇنداق دىيەلەيمەنكى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى «ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ گۈللىنىش»دەۋرى يېتىپ كەلگەندە، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» چوقۇم تېخىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
تېڭىرقاپ قالغان ياشلىق دەۋرىمدە، چەتئەلگە كەتتىم. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ، ئاجىزلىقىنىمۇ كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا، ئۆزىمىزگە قاراپ، ئۆزىمىزنىڭ گۈزەللىكىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قىممەتلىك پۇرسەت. بىز ئاساسىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كىلاسسىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگونى مەدەنىيەت جەھەتتە قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىز كېرەك.   

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى