قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 يۇقىرى تېمپىراتۇرا ياردەم پۇلى زادى قانداق تارقىتىلىدۇ، قانچىلىك تارقىتىلىدۇ، قانداق ئادەملەر بۇ خىل پاراۋانلىقتىن بەھىرلىنەلەيدۇ؟

2018-06-06 19:18:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۆلەت جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرلىقى قاتارلىق 4 تارماق ئېلان قىلغان «ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنى سېلسىيە 35 گرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سىرتتا مەشغۇلات قىلدۇرسا ھەمدە ئىشلەۋاتقان سورۇننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى سېلسىيە 33 گرادۇستىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىسا، چوقۇم ئەمگەكچىلەرگە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىدۇ. بۇ قانداق ئىش دېگەندە، سىرتنىڭ تېمپىراتۇرىسى سېلسىيە 35 گرادۇستىن ئېشىپ كەتكەندىمۇ ئىشلىگۈچىلەر ھەمدە خىزمەت ئورنىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى سېلسىيە 33 گرادۇستىن تۆۋەنلىتىشكە ئامالسىز ئەھۋالدا ئىشخانىدا ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى تېمپىراتۇرا ياردەم پۇلى ئالالايدۇ.
بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يۇقىرى تېمپىراتۇرا ياردەم پۇلىنى ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىۋاتقان ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، تەننەرخ خىراجىتىدىن چىقىم قىلىنىدۇ، كارخانىنىڭ مائاش ئومۇمىي سومما ھېساباتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى دائىرىسىگىمۇ كىرگۈزۈلمەيدۇ.
 نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى تېمپىراتۇرا ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئېنىق بېكىتتى. لېكىن، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالى ئوتتۇرىسىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىنى تارقىتىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى توغرىسىدا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بەلگىلىمە چىقىرىلمىغاچقا، ئادەتتە يەرلىكتىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار تارقاتقان ھۆججەتنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىشنىڭ ئاساسلىق ئىككى خىل ئۇسۇلى بولۇپ، بىرى ئاينى بىرلىك قىلىپ تارقىتىش، يەنە بىرى كۈن ھېسابلاپ تارقىتىش ئۇسۇلى. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئۆلكىلەر ئاينى بىرلىك قىلىپ يۇقىرى تېمپىراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمىنى بېكىتكەن، شۇنداقلا يەنە كۈننى بىرلىك قىلىپ ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئىختىيارىچە تاللىۋالسا بولىدۇ.
ناۋادا سىز يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىنى ئالالمىسىڭىز ھوقۇقىڭىزنى قانداق قوغدايسىز؟
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇنغا بويسۇنماي يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقاتمىسا، ئەمگەكچىلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتىغا پاش قىلسا ياكى ئەرز قىلسا، باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۈزىتىشنى رەت قىلسا، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا ئالاقىدار ماددىلار بويىچە جازالىنىدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەچكە، ناۋادا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياردەم پۇلى تارقاتمىسا، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئالدى بىلەن كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسا؛ كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن شىركەت بىۋاستە كېڭىشىپ، ھوقۇقنى قوغدىسا بولىدۇ. ناۋادا شۇ ئادەم ئىشلەۋاتقان كارخانىدا ئىشچىلار ئويۇشمىسى بولمىسا، ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش تارمىقىغا پاش قىلىسمۇ، ئەمگەك تالاش- تارتىشى كېسىم كومىتېتىغا ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئەسكەرتىشكى تېگىشلىكى شۇكى: بەزى كارخانىلارنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئىچىملىكىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىغا ھېساپلىشى مۇۋاپىق ئەمەس. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ئەمگەك ھەققىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا تەۋە بولۇپ، كارخانىلار چوقۇم تارقىتىشى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى