قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇش» ماۋزۇلۇق مەخسۇس ماقالە

2018-06-07 10:20:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇ يىل 5- ئايدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈش، تېجەشنى، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونىمىز تۇپراق بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئارقىلىق، تەبىئىي ئىكولوگىيە ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئۈزۈكسىز ياخشىلاپ، تەبىئەتنىڭ ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى ساقلاپ، تەبىئەتنىڭ تىنچلىقى، ئىناقلىقى، گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۇقرالارنى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، قۇمۇل شەھەرلىك مۇھىت سۈپىتىنى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئېۋىرغول رايونىغا بېرىپ، ئەسلىدىكى قۇمۇل ساپ شۇلتا زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت رايونىدىكى تۇپراقتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قۇمۇل شەھىرى تۇپراق بۇلغىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇپ، تۇپراقنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، زاۋۇت رايونىنىڭ يەر يۈزىدىكى داشقال پەيدا قىلغان تۇپراقنىڭ شورلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ياخشىلىغان ئىدى. قۇمۇل شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تېزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تاڭ لىشىن مۇنداق دېدى: ئېۋىرغول رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەسلىدىكى بۇ قالدۇق ماتىريال دۆۋىلەش مەيدانىنى شەھەرىمىزنىڭ ئاساسىي باغچىسىغا ئايلاندۇردى.
قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى تۇپراق بۇلغىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى ئارقىلىق، 201 مو يەرنىڭ تۇپراق سۈپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇمۇل شەھىرى يەنە تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۇ مەنبەسى، ئېتىز، يايلاق، نۇقتىلىق بۇلغانغان ئورۇن ۋە ئەخلەتلەرنى كۆمۈش نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تۈرىنى تېخىمۇ كۆپەيتتى ۋە تەپسىلىيلەشتۇردى.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون مەملىكەت بويىچە بۇلغانغان يەرلەرنىڭ تۇپراق مۇھىتىنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىغا تايىنىپ، رەڭلىك مېتال تاۋلاش، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلار ئىشلەتكەن يەرلەرنى بۇلغىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە باشقۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى» غا سېلىشتۇرۇپ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. «ئاپتونوم رايوننىڭ تۇپراق بۇلغىنىشىنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش يىرىك پىلانى» نى بېسىپ تارقىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، بۇلغىنىش مەيدانىنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىنىقىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى تۇپراق- مۇھىت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ باۋۋېي مۇنداق دېدى: تۇپراق مۇھىتىنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك. بىرىنچى، تۇپراق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جۈملىدىن دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن نوقتىلىق كەسپ، نوقتىلىق كارخانىلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ ئىككىنچى، نۇقتىلىق كەسپ، كارخانىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىدىن، نوقتىلىق كەسپ، نوقتىلىق كارخانىلار ئەتراپىدىكى تۇپراق ۋە يەر ئاستى سۈيىنى تەكشۈرۈپ، نۇقتىلىق كارخانا، كەسىپلەرنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىشىنى توساشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.
ياز كىرىشى بىلەن، قەشقەر شەھىرى رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسى بويىدا، سەيلە قىلىش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. قەشقەر شەھەر ئاھالىسى ما لىنا مۇنداق دېدى: ئۆيۈم تۈمەن دەرياسى ئەتراپىدا، بۇ دەريانىڭ سۈيى بۇرۇنقىدىن خېلىلا سۈزۈكلىشىپ قالدى، ھاۋاسىمۇ بىر قەدەر سالقىن، يازدا كەچلىرى ئايلىنىپ سالقىنداشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
  ما لىنا قەشقەر شەھىرىنىڭ تۈمەن دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى تۈرتكىسىدە، قەشقەر شەھىرىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدى. قەشقەر شەھىرى «سۈيى سۈزۈك، قىرغىقى يېشىل» بولۇش قۇرۇلۇش پىلانى تەپەككۇرىنى باشلامچى قىلىپ، تۈمەن دەرياسىدا سۇ بۇلغىنىشىنى تۈزەش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ۋادا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇشنى كەينى- كەينىدىن يولغا قويۇپ، تۈمەن دەرياسىنىڭ شەھەر رايونى بۆلىكىدە بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى توسۇش، دەريا سۈيىنى تىندۇرۇش كۆلچىكى ياساش، دەريا يولىدىكى لاتقىلارنى تازىلاش، دەريا قىرغىقىنى ئۆزگەرتىپ كۆكەرتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئورۇنداپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەشقەر شەھىرى يەنە قىزىل دەريا بەشىنچى كۆۋرۈكتىن يەتتىنچى كۆۋرۈككىچە بولغان بۆلەكتە نوقتىلىق ھالدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. قەشقەر شەھىرى تۈمەن دەرياسى، قىزىل دەرياسى، دۇڭخۇ كۆلى، بېيخۇ كۆلى قاتارلىق ئالتە چوڭ سۇ سىستېمىسى باغچىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىدى.
   ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بايلىقىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، نۆۋەتتە دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئۆز قەرەلىدە يولغا قويدى، ئاي ئاخىرىدىن بۇرۇن، كۆل باشلىقى تۈزۈمىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قۇيىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقلىرىنىڭ چارلاپ تەكشۈرۈشى تەدرىجىي دائىملىشىپ، دەريا، كۆللەرنى تۈزەش، قوغداش خىزمىتىمۇ ئارقا -ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى سۇ مۇھىتىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېڭ شياۋيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاستتا «ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ مۇھىتىنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونىنى بېكىتىش، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ چېگرا بەلگىسىنى تەسىس قىلىش، مۇھاپىزەت رايونىدىكى مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردىن مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ. قىسقىسى، رايون دائىرىلىك ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتىنى ساقلاش ۋە ياخشىلاش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلق تۇرمۇشىغا ئەڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان بەخت- سائادەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا بىر قاتار جانلىق، ئوبرازلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىشانىنى يەنى: «پۇقرالار كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، چاقناپ تۇرغان يۇرۇق يۇلتۇزلارنى كۆرەلەيدىغان؛ پۇقرالار سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاق، بېلىقلار ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن، سۇنىڭ تېگىنى كۆرگىلى بولىدىغان مەنزىرىنى كۆرەلەيدىغان؛ پۇقرالار خاتىرجەم ئىستېمال قىلىدىغان، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش؛ پۇقرالار ئۈچۈن قۇشلار يېقىملىق سايرىشىدىغان، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈزەل يېزا مەنزىرىسىنى بەرپا قېلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاپتونوم رايون يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشتىكى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھىسى» نى بېسىپ تارقاتتى. ئاپتونوم رايون يېزىلاردىكى ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى تۈزەش ۋە كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «قۇشلار يېقىملىق سايرىشىدىغان، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈزەل يېزا مەنزىرىسى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى. يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ئازغانباغ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئامانگۈل ئالدىنقى ئايدا ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىپ، سۇ بىلەن تازىلىنىدغان ھاجەتخانىنى ئىشلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: نەچچە يىلدىن بۇيان ھاجەتخانىمىز سىرتتا بولغاچقا، قىشتا قىينىلىپ قالاتتۇق. كەچلىرى قول چىرىقى ئىشلىتەتتۇق. ھازىر ھاجەتخانىمىز ئۆينىڭ ئىچىدە، ناھايىتى پاكىزە، سۇ بىلەنلا تازىلىنىدۇ، ئۆيدىمۇ غەيرىي پۇراق يوق. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى بۇنداق ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت. 
ھازىر ئازغانباغ كەنتىدە، بىر تۇتاش ئەخلەت تۆكۈش ئورنى تەسىس قىلىنىپلا قالماي، يەنە ھەر دۈشەنبە مۇھىت ئاسراش كۈنى قىلىنىپ، ئالتە «پاكىز ئائىلە» باھالاپ چىقىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى كەنت مۇھىتىنى ياخشىلاشقا يىتەكلىنىۋاتىدۇ. يەكەن ناھىيەلىك يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئەزاسى جاۋ شاۋلى مۇنداق دېدى: ئۆيلەرنىڭ ئالدى-كەينىگە قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇلغان ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، ھويلا-ئارام مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، كەنت قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاشقا يېتەكلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېھقانلارنى خەتەرلىك ئۆيلەرنى چېقىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، «بىر يېڭى ئۆي سېلىپ، بىر ئائىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىر تۈركۈم يېڭى ئۆي سېلىپ، يېڭى كەنت بەرپا قىلىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى