قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئىنقىلابىي قۇربان--- ۋاڭ شياۋشى

2018-06-07 10:33:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاڭ شياۋشى1903- يىلى گەنسۇ ئۆلكىسى نىڭشيەن ناھىيەسى تەيچاڭ بازىرىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.  1924- يىلى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى غەربىي شىمال داشۆسىگە قوبۇل قىلىنغان.
 1925-يىلى، شاڭخەيدە «30- ماي» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋاڭ شياۋشى مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، «شاڭخەي دېلوسى بويىچە ئىشچىلارغا ياردەم بېرىش كومىتېتى» نى تەشكىللەپ «ئەنگلىيە ۋە ياپونىيەلىكلەرنىڭ جۇڭگولۇقلارنى قىرغىن قىلىشقا قارشى تۇرۇش» ھەركىتىنى قانات يايدۇرغان. شۇنداقلا، شەنشى ھەربىي مۇپەتتىشى ۋۇ شىنتيەننىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋە «30- ماي» ھەرىكىتىنى قوللاش ھەركىتىگە پائال ئاتلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ شياۋشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان.
1925- يىلى يازدا، ۋاڭ شياۋشى يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، يۇرتى نىڭشيەن ناھىيەسىنىڭ تەيچاڭ بازىرىغا قايتىپ كېلىپ، رېن دىڭچاڭ، ۋاڭ شياۋشى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، ئىلغار ياشلار تەشكىلاتى-- تەيچاڭ ياشلار جەمئىيىتىنى قۇرغان.
1927- يىلى3- ئايدا، فېڭ يۈشياڭ قىسىمىدا خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسۇلى ليۇ بوجيەن، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىقلار ۋاڭ شياۋشىنى گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خاس ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن، خۇ تىڭجېن قاتارلىق باشقا ئۈچ كومپارتىيە ئەزاسى بىلەن بىللە لەنجۇغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا كۆرسەتكەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى لەنجۇ ئالاھىدە ياچېيكىسىنى قۇرۇپ، باشقا يولداشلار بىلەن بىرلىكتە خەلق ئاممىسىغا يېڭى دېموكىراتىك ئىدىيەنى تەشۋىق قىلغان.
1927- يىلى، بۈيۈك ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ غەربىي شىمالدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەردە پەسىيىش كۆرۈلگەن. ۋاڭ شياۋشى يەنىلا قەتئىي ئىرادىسى بىلەن، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇرتى نىڭشيەن ناھىيىسىگە قايتىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان ھەمدە رېن دىڭچاڭ، ۋاڭ شياۋشى قاتارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرگە نىڭشيەن ناھىيەسى تەيچاڭ بازىرىدا ياچېيكا قۇرغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇينىڭ ياچىيكىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاڭ شياۋشى ياچېيكا شۇجىسى بولۇپ، ئىنقىلابىي ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ، نىڭشيەن، چاڭۋۇ، بىنشيەن، شۈنيى قاتارلىق جايلاردا كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە ياشلار جەمئىيىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئىلغار ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ياشلارنى يېتىشتۈرگەن ۋە چېنىقتۇرغان.
 «7- ئاۋغۇست» يىغىنىدىن كېيىن، ۋاڭ شياۋشى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەلىپى بويىچە، دوختۇرلۇق قىلىش نامى بىلەن، شەنشى- گەنسۇ چېگرىسىدىكى ئون نەچچە ناھىيەنىڭ يېزىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە «جۇڭگو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى» نى يېزىپ چىققان. «يېزىلارنى تەكشۈرۈش ۋە يېزىلاردىكى سىنىپىي تەھلىل» قاتارلىق ماقالىلار ئارقىلىق، يېزىلارنىڭ قوراللىق كۈرەش يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.  1928- يىلى5- ئايدا، ۋاڭ شياۋشى نىڭشيەن ناھىيەسىدە ئىشچىلار ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە شەنشىدە شۈنيى قوزغىلىڭىنى قوزغاپ، ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچ قۇرۇشنى پىلانلىغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ شياۋشى باشقا يولداشلار بىلەن بىرلىكتە نىڭشيەنگە قايتىپ، دېھقانلارنى داۋاملىق كۆرەش قىلىشقا تەشكىللىگەن.
1928- يىلى11- ئاينىڭ26- كۈنى، ۋاڭ شياۋشى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. شۇ يىلى12- ئاينىڭ30- كۈنى ۋاڭ شياۋشى دۈشمەنلەر تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان. ۋاڭ شياۋشى قۇربان بولغاندا، ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەنىدى.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى