قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە چېچىش

2018-06-07 10:35:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىنىڭ باشلىقى گۈلزىننەت توقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈندىلىك ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرۈپ، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددىي ئۆز كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئانارنىڭ دانىسىغا ئوخشاش زىچ ئىتتىپاقلىشىش» تەربىيەسى بىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىنىڭ باشلىقى گۈلزىننەت توقان ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، چوڭ سىنىپتىكى بالىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى دەرىسى ئۆتۈپ، بالىلارغا ئىشنى كىچىكىدىن باشلاپ، ساۋاغداشلار بىلەن ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈش توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ باردى.
2004- يىلى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كىچىكىدىن باشلاپلا يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن گۈلزىننەت توقان ئاقچى ناھىيەلىك يەسلىگە ئىشقا چۈشتى. 1- قېتىم دەرس سەھنىسىگە چىققاندا، جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن قولىدىكى ماتىرىياللار چېچىلىپ كەتتى. دەرس باشلاپ 5 مىنوت بولا- بولمايلا، بالىلار سىنىپتىن چىقىپ كېتىشكە باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا يەسلىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرغان ۋاڭ شۇرۇڭ مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم دەرس ئۆتكەندە، ئۇ بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى بىلمىگەنلىكتىن قىينىلىپ قالدى. مەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۆزىنى بالىلارنىڭ نۇقتىسىغا قويۇپ دەرىس سۆزلەش ۋە بالىلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشنى ئېيتتىم.
شۇنىڭدىن باشلاپ، بالىلار ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىنكى دەرسخانا ۋاڭ شۇرۇڭ بىلەن گۈلزىننەت توقاننىڭ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇنىغا ئايلاندى. سۆز قىلىش، تېكىست ئوقۇشتىن تارتىپ پىئانىنو چېلىش، ناخشا ئېيتىش، رەسىم سىزىشقىچە، ۋاڭ شۇرۇڭ ئۆزىنىڭ نەچچە 10 يىلدىن بۇيانقى ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى گۈلزىننەت توقانغا قالدۇرماي ئۆگەتتى. گۈلزىننەت توقان مۇنداق دېدى: ۋاڭ شۇرۇڭ مېنىڭ ئۇستازىم ۋە بىر تۇغقان ئاچامغا ئوخشايدۇ. ئۇ ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى.
2013- يىلى، گۈلزىننەت توقان يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىنىڭ باشلىقى بولدى. ئۇ خۇددىي ئەينى يىللىرى ۋاڭ شۇرۇڭ ئۆزىنى يېتەكلىگەنگە ئوخشاش، ئۆزىنىڭ ياخشى تەجرىبە- ئۇسۇللىرىنى يېڭىدىن كەلگەن يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۆگىتىپ، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» ئارقىلىق، ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىدىن ئىبارەت 4 مىللەتتىن بولغان 450 بالىدىن تەشكىللەنگەن بۇ چوڭ ئائىلىدە، «ئۆگىنىشتە، ئويناشتا، ئۆسۈپ يېتىلىشتە بىللە بولۇش» نى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتا، گۈلزىننەت توقان دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىش بىلەن بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارنى ياخشى بولغان تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۈلزىننەت توقان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقچى ناھىيەسى بويىچە كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى. بۇلتۇر، ئۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى ھەمدە مەملىكەتلىك «1- ماي ئەمگەك مىدالى» غا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بالىلارنى تەربىيەلەش ۋە ئوقۇتۇشتا، بالىلارنىڭ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان ئورتاق تۇنۇشىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى