قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىلىلىق يىگىت كامىران زۇنۇننىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش ھېكايىسى

2018-06-07 10:39:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
شاڭخەي دۇڭخۇا داشۆسىنىڭ بازار تىجارىتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئىلىلىق يىگىت كامىران زۇنۇن يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، قىسقىغىنە بەش يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، شىركىتىنى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىسىغا ئايلاندۇردى ھەمدە كۆپلىگەن نامرات ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
2009- يىلى، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن كامىران زۇنۇن ئىستېمالچىلارنىڭ گۆش مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ناھايىتى زور، لېكىن بازاردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى ئاز، ماركىسى بىرلا خىل ئىكەنلىكىنى بايقاپ، يۇرتى غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشنى قارار قىلدى. 2013- يىلى، سىياسەتنىڭ ياردىمىدە، كامىران زۇنۇن ئىلى «ئەلباب» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىزدە ھازىر ئاساسلىقى گۆش مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، مەھسۇلات تۈرى 50 خىلدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىستېمالچىلارغا سېتىلىدۇ، ئىچكى ئۆلكىلەرگىمۇ ئاز مىقتاردا سېتىلىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 60 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ».
ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا، كامىران زۇنۇن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، «تېز ئۈنۈم بىرىدىغان» تۈرلەرگە ئاجىرىتىلىدىغان دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار مالىيە- باج جەھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىركەت قۇرۇلۇپ بەش يىل بولغاندا يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 60 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى. لېكىن، ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۇمۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. تېخنىكا جەھەتتىكى يېتەكچىلىك يېتەرلىك بولماي، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئۆلچەم بويىچە مەشغۇلات قىلمىغانلىقتىن، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلات لاياقەتسىز بولۇپ بازارغا سېلىنىشى چەكلەندى. ئامالسىز قالغان كامىران بۇ لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى چىداپ كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە زاۋۇتنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ، خادىملارنى قاتتىق تەربىيەلىدى. تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەشغۇلات تېخنىكىسىنى تەدرىجى ئىگىلىدى. ئەمما، مەھسۇلات سۈپەت جەھەتتە باشقا ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارغا يەتمەي، سېتىلىش مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولدى. يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان كامىران قەيەردە يىقىلىپ چۈشكەن بولسا شۇ يەردە ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا بەل باغلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سىرتقا چىقىش، تەكلىپ قىلىش تەدبىرىنى ئۈزۈكسىز قوللاندۇق. ئىشچىلىرىمىزنى ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم ھۈنەر-سەنئئىتى ئىلغار كارخانىلارغا ئۆگىنىشكە ئەۋەتتۇق، ئىچكىرىدىكى ئىلغار ھۈنەر- سەنئەت ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ تېخنىكلىرىنى تەكلىپ قىلدۇق. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، بەلگىلىك دائىرىدە شىركىتىمىزنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىدا رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈردۇق.
بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كامىران زۇنۇننىڭ شىركىتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ غۇلجا شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە «يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك كارخانا» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. كامىران زۇنۇن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزدە 200 دىن ئارتۇق ئىشچى- خىزمەتچى بار. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرى، ئۇلار شىركىتىمىزگە ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسىمۇ تېخنىكا بىلمىگەنلىكتىن، شىركىتىمىز ئۇلارنى كەسپى جەھەتتىن تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئىشقا چۈشتى. ھازىر، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ئىش ھەققى 4 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بەخت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. شىركىتىمىزدىكى بارلىق خادىملارنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى، ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى