قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇ مېنىڭ ئۆز سىڭلىم

2018-06-07 11:41:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«ئاشخانامدا تىجارىتىمنىڭ نورمال باشلىنىشىنىڭ ھەممىسى سىڭلىمنىڭ تۆھپىسى، ئۇ ماڭا ئەقىل كۆرسەتكەن، ئۇ مېنىڭ ئۆز سىڭلىم». 5- ئاينىڭ 17- كۈنى ما گاڭ تۇغقىنى ما دۇڭمېينى تىلغا ئالغىنىدا باشمالتىقىنى كۆرسىتىپ ماختاپ كەتتى.
2016- يىلى 10- ئايدا چۆچەك شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ كادىرى ما دۇڭمېي چۆچەك شەھىرى ئابدىرا يېزىسى ئوتتۇرا ئابدىرا شىمالىي كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ما گاڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. ما گاڭ ئەر-ئايالنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس، ئايالى تەلىغە ئۆيىدە ئىككى بالىغا قارايدىغان بولۇپ، ئادەتتە سىرتقا ناھايىتى ئاز چىقاتتى.
ما دۇڭمېي ئۇلارغا ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى، تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى سۆزلەپ بەردى. ما گاڭ ئەر-ئايال ناھايىتى تېزلا قارىماققا ئورۇق، لېكىن بىلىملىك، تەدبىرلىك سىڭلىسىنى «مەسلىھەتچى» قىلىۋالدى، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلەشتى.
بىر كۈنى تەلىغە ما دۇڭمېيغا ئۆزلىرىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە بىر ئاشخانا ئاچماقچى بولۇپ، ئورۇننىمۇ تاللاپ بولغانلىقىنى، ھازىر ئاشخانا ئېچىشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ما دۇڭمېي بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خۇش بولۇپ كۈلدى.
ما دۇڭمېي ما گاڭ ئەر-ئايالنىڭ ئەزەلدىن سودا قىلىپ باقمىغىنىنى ئويلاپ، ئۇياق-بۇياققا چىپىپ يۈرۈپ ئۇلارغا تىجارەت كېنىشكىسى بېجىرىشكە ئائىت تۈرلۈك ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ بەردى.
بۇ يىل 2- ئايدا ئاشخانا رەسىمىي تىجارەت باشلاپ، تۇنجى كۈنلۈك كىرىم مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ما گاڭ شۇ كۈنى كەچتە بۇ خۇش خەۋەرنى ما دۇڭمېيغا ئېيتتى. ما دۇڭمېي تېلېفوندا ما گاڭغا: «تاماقلارنىڭ سۈپىتى ۋە تەمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خېرىدارلارغا خۇش چىراي مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ تاپىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە ما گاڭنىڭ ئاشخانىسى ئېچىلغىنىغا ئەمدىلا ئۈچ ئاي بولغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن مۇقىم خېرىدارغا ئىگە بولدى.
 ما دۇڭمېينىڭ تەسىرىدە ما گاڭ بۇلتۇر 11- ئايدا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى ھەمدە چۆچەك شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشتى.
 ما گاڭ مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيەگە تېزراق كىرىشنى قولغا كەلتۈرىمەن، يەنە بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيىلەپ، ياخشى ئۆگىنىپ كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىمەن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى