قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈمۈش رەڭلىك قار

2018-06-07 11:45:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شەرقىي شىمالدا قار بىر خىل بەلگە، ئۇ پەسىل ۋە سوغۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
شەرقىي شىماللىقلار قىشتا قار ئاز يېغىپ قالسا كۆنەلمەيدۇ، چوڭلار ۋە بالىلار: «بۇنداق قىشنىمۇ قىش دىگۈلى بولامدۇ؟» دىيىشىدۇ. لېكىن كەينى- كەينىدىن بىر قانچە كۈن قار ياغسا، «بۇ قار تۈگىمەسكە قالدىغۇ؟» دەپ يەنە قاخشاشقا باشلايدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان شەرقىي شىماللىقلارنىڭ قارغا بولغان ھىسسياتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولدى.
ئىلگىرى بىر قەۋەتلىك ئۆيدە ئولتۇرغاندا، نامرات كۈنلەردە قار يېغىشتىن بەك قورقاتتۇق. توختىماي يېغىۋاتقان قار بارغانسېرى قېلىنراپ، ھەممە يەر ئاپپاق بولۇپ كېتەتتى. يوللار توسۇلۇپ، ئەسلىدىنلا ئاشلىق ۋە كۆكتاتلار ئاز ئۆيلەردە، «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال» دىگەندەك، تۇرمۇش تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتەتتى. قار توختىغاندىن كېيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىش، ئۆگزىدىكى قارلارنىڭ كونا ئۆيلەرنىڭ ئۈستىنى بېسىپ، ئۆينىڭ ئۈستىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۆگزىدىكى قارلارنى چۈشۈرۈش، ئاندىن قورۇ ۋە يولدىكى قارلارنى تازىلاش بولاتتى. بۇنىڭغا ئاز دېگەندە يېرىم كۈن كېتەتتى. قار ئاز ياغسىغۇ ياخشى، ئەگەر قېلىن يېغىپ قالسا، بىرـ  ئىككى كۈن تازىلاش ئادەتتىكى ئىش ئىدى. بۇ ئەمگەككە ئەر- ئايال، قېرى- ياش ھەممەيلەن قاتنىشىپ، ھارۋا سۆرەپ، جاپالىق ئىشلەيتتى.
قېلىن قار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپلا قالماي، تاغدىكى ھايۋاناتلار، قۇشلارنىمۇ تالاپەتكە ئۇچرىتاتتى. ئۇلار ئوزۇق ئىزدەش ئۈچۈن، جېنىدىن كېچىپ، ئادەملەرنىڭ ئۆيلىرىگە يېقىنلىشاتتى. نەتىجىدە سەللا بىخەستەلىك قىلسا، ئاچلىق دەردىنى تارتىۋاتقان تاغلىق كىشىلەرنىڭ بىر ۋاق ئېسىل تامىقىغا ئايلىنىپ كىتەتتى.
ئۇ چاغلاردا بالىلارنىڭ قەلبىدە، ئەتىگەندە ئورنىدىن قوپقاندا ئەتراپتىكى كۈمۈش رەڭ قارلار «يەپ تۈگىتەلمەيدىغان گۈرۈچ، ئونغا، سوغۇققا تاقابىل تۇرالايدىغان، مەڭگۈ تۈگەپ كەتمەيدىغان پاختىغا» ئايلىنىپ قالسا دەيدىغان ئارزۇ بولاتتى. ھازىر، بۇ ئارزۇلار ئەمەلگە ئاشتى. ھەممە كىشىلەر ئىسسىق بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. زىمىستان قىشتا ئۇلار ئەمدى كىيىم كېچەك، ئوزۇق- تۈلۈكنىڭ كەملىكى ياكى قېلىن قارنىڭ ئۆينى ئۆرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرمەيدىغان بولدى. باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئادەملەر تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ، دالىلارغا چىقىپ ھەركەت قىلىدىغان، تەبىئەتتىن، قۇياش نۇرىدىن ھوزۇرلىنىدىغان، قار ئويناپ، قار تېيىلىپ، رەسىمگە چۈشىدىغان بولدى. بۈگۈنكى كۈندە قار كىشىنى زوقلاندۇردىغان ساياھەت بايلىقىغا ئايلاندى.
قانغۇچە ئوينىغان شەرقىي شىماللىقلار ئويلىنىپ قالدى. شىنجاڭدا قۇياش نۇرى بايلىق، ئۇ مىۋە- چىۋىلەرنىڭ قەنت مىقدارىنى كۆپەيتكەچكە، مىۋىلەر شۇنچىلىك تەملىك. ئىچكى موڭغۇلدا شامال بايلىق، شۇڭا بۇ يەردە شامال ئېلېكتىر مەركىزى قۇرۇلغان. خەينەندە ئىسسقلىق بايلىق. تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى ياز، بۇ يەر مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان شىماللىقلارنى پەسىل قۇشلىرىدەك خەينەندە قىشنى ئۆتكۈزۈشكە جەلپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، شەرقىي شىمالنىڭ قارىچۇ؟ ئۇ بايلىق ھېساپلىنامدۇ؟ زىمىستان قىشتا، ھەممە ئەتراپنى قېلىن قار قاپلايدۇ. قار تېيىلىش مەيدانى بۇنداق چاغلاردا باشقىچە جانلىنىپ كېتەتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلدە قار بىلەن قاپلىنىدىغان چاڭبەيشەن تېغىنىڭ تاغ جىلغىلىرىدا، قىسقىغىنە بىر قانچە يىلدا كۆلىمى ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى، قار- مۇز ساياھەتچىلىك ئورۇنلىرى باھار يامغۇرىدىن كېيىنكى بامبۇكتەك پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي شىمالنىڭ قىش پەسىلى ئەمدى ئۇنداق سوغۇق، زېرىكىشلىك بولمايدىغان بولدى، قەھرىتان سوغۇق كۈنلەردىمۇ چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى يەنىلا قار تېيىلىۋاتقان كىشىلەر بىلەن جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. كۆپ- كۆك ئاسماندا بەزىدە كۈمۈش نۇر چاقناپ قالىدۇ. بۇ جەنۇپ ۋە چەتئەلدىن ئۇچۇپ كېلىۋاتقان ئايروپىلانلار بولۇپ، ئۇنىڭدا قار- مۇزدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن يىراق جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار بار. چاڭبەيشەن تېغى باغرىنى كەڭ ئېچىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان يانتۇلۇق چوققىسى، جىلغىلار، ئاپاق قاشتېشىدەك گەۋدىسى بىلەن يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالماقتا.
ھاياتىي كۈچىگە تولغىنى چاڭبەيشەن تېغىلا ئەمەس، يەنە يېزا- بازار ۋە كەنتلەرمۇ بار. يېقىندىلا، ئايالىمنىڭ ئىككى دوستى توردا بىر ياخشى ئوينايدىغان يەرنى تېپىپتۇ. بىز تۇرىۋاتقان شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭ ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدىكى بىر كەنتنىڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى تىجارەت باشلىغان ئىكەن. بىز ئۇ يەرنى بىر كۆرۈپ كەلمەكچى بولدۇق.
بىزنى ئالغىلى كەلگەن شوپۇرنىڭ فامىلىسى گو بولۇپ، قارىماققا 40 ياش ئەتراپىدا ئىدى. مەن يېڭى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ بېقىش مەقسىتىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا گەپ قىلدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇمۇ مۇڭداشقاق ئىكەن. ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.
ئەسلىدە ئۇ مۇشۇ كەنتتە تۇرىدىكەن. ئۆمرىنىڭ يېرىمى دېھقانچىلىق بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئالدىنقى يىللاردا مور، پۇراقلىق موگۇ تېرىپتۇ. لېكىن كۆلىمى چوڭ بولمىغاچقا پۇل تاپالماپتۇ. تۇرمۇشىمۇ غورىگۈل ئۆتۈپتۇ.
يېرىم يىل ئىلگىرى، كەنت شۇجىسى كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىپ كۆپچىلىككە، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى كەنتنىڭ شىمالىدىكى چوڭ قاقاسلىقتا سەيلىگاھ قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ دىيىشىچە قىشتا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولسا، يازدا ئېكىلوگىيەلىك ساياھەت تاغلىق كەنتىگە ئايلىنىدىكەن. ساياھەت ئورنىدا ئۆزلىرى توخۇ، بېلىق بېقىپ، ياۋا كۆكتاتلارنى تېرىپ، يېشىل يىمەكلىكلەر بىلەن تىجارەت قىلسا، تىجارىتى ئاقماي قالمايدىكەن. شۇجىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، پۈتۈن كەنتتىكى نەچچە يۈز ئادەمنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كېتىپتۇ. ئۇلار خۇددى گۈزەل كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بوپتۇ.
گو ئۇستام يەنە كەنتتە پاي ھەسسىدارلىق تۇزۈمىدىكى «شىنيې» شىركىتى قۇرۇلغانلىقى، ھەممە ئادەم پاي قوشسا بولىدىغانلىقى، پاي قوشقاندىن كېيىن شىركەت خادىمى بولۇپ، پايدا- زىيانغا تەڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
مەن:
  - ئەڭ چوڭ پاي چېكنىڭ سالغان مەبلىغى قانچە؟ ــ دەپ سورىدىم.
  - 12 مىليون.ـ دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ. مەن تېڭىرقاپ قالدىم، كۆڭلۈمدە «كەنتتە مۇنداق بايلارمۇ بار ئىكەندە» دەپ ئويلىدىم. ئۇ مېنىڭ گەپ قىلمىغانلىقىمنى كۆرۈپ چۈشەندۈردى. ئۇ گو ئۇستامنىڭ يېقىن دوستى ئىكەن، كىچىكىدىن ياخشى ئوقۇپ، ئالى مەكتەپتكە قۇبۇل قىلنىپتۇ. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن شېنجىن شەھىرىگە بېرىپ، يىگىرمە يىلغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزى شىركەت ئاچقان ئىكەن. ئۆتكەن يىلى يازدا ئۇنىڭ دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە كەنت شۇجىسىنىڭ مۇشۇنداق بىر شىركەت قۇرغۇسى بارلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇ يەردىلا پاي قوشۇش قارارىغا كەپتۇ. كەنت شۇجىسى خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭ مۈرىسىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ:
 «بەللى يىگىت، باي بولغاندا يۇرتداشلارنى ئۇنتۇپ قالماپسىز، يۇرتنىڭ باققان ئەجرىنى ئاقلىغۇدەكسىز، سىزنىڭ پېيىڭىز قوشۇلغان ھامان تەييارلىققا چۈشىمىز» دەپتۇ.
پاراڭ بىلەن مەنزىلگىمۇ يېتىپ كەلدۇق. دەرۋەقە بۇ يەردە يېڭى بىر كەيپىياتنى بايقىدۇق. ئىككى يەردە بىپايان چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، خۇددى  ئىككى غايەت زور كۈمۈش گىلەم تاغ باغرىغا تەكشى ياتقۇزۇلغاندەك، ئۇزۇن شاقىراتمىدەك كۆرۈنەتتى. ئىككى ياندا رەڭلىك بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى. رەڭگارەڭ كىيىنىۋالغان ئەر- ئاياللار كۈلكە- چاقچاق ئىچىدە ئويناۋاتاتتى. گو ئۇستام تونۇشتۇرغاندەك، نەچچە ئەۋلات يەر تېرىغان دېھقان ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار بىر خىل خىزمەت فورمىسى كىيىپ باشقىچە قىياپەتكە كىرىپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈتىۋېلىش، باشقۇرۇش، قوغداش قاتارلىق ئوخشىمىغان ئىش ھالقىلىرىغا تەقسىم قىلىنىپتۇ. گەرچە ئۇلار كەسپ ئەھلى بولمىسىمۇ، بەزىدە يەنە سەل قوپالراق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئىشەنچى ئۇلارنىڭ چېھرىدە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
ئۇ كۈنى تۆتىمىز تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئويناپ، غەم قايغۇ، ھارغىنلىق، يېشىمىزنى ئۇنتۇدۇق.
قايتىدىغان چېغىمىزدا يەنىلا گو ئۇستام بىزنى ئاپىرىپ قويدى. ئاپتوموبىل قوزغالغان ھامان ئۇ يەنە سۆزىنى باشلىدى. ئۇ بىزگە مەخسۇس شىركەتنىڭ ئىشىنى قىلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى يۈز مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ سېتىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن قەرز پۇلنىڭ ئاز ئەمەسلىكى، بۇنىڭدىن بېسىم ھىس قىلىدىغان- قىلمايدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ بېسىمنىڭ بارلىقى، لېكىن ئىشەنچىسىنىڭمۇ بارلىقى، ئەگەر شىركەت تىجارەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، ئىككى يىلغا بارمايلا قەرزنى قايتۇرۇپ بولالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ: - ھازىر قار يېغىشنى ئۈمىت قىلىدىغان بولدۇم. قانچە قېلىن ياغسا، شۇنچە ياخشى. بىز ئۈچۈن قار دىمەك پۇل دىمەك. كونىلار قېلىن قار ھوسۇلنىڭ بىشارىتى دەپ توغرا ئيىتقان ئىكەن ـــ دىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى