قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلايلى

2018-06-07 11:46:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مومام ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. بىر قېتىم ئۇ ماگىزىنغا كىرىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭغان ھەدىمىز تاكى مومام ئىچىگە كىرىپ بولغۇچە ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپتۇ. مومام ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقىنىدا ئۇ مۇلايىملىق بىلەن: «مېنىڭمۇ مومام بار، موماممۇ مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققاندا، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغىمۇ ئىشىك ئېچىپ بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن» دەپتۇ. بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قەلبىم ئىللىقلىققا تولغان ئىدى.
بىر كۈنى مەن ئاغرىپ قالغان ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئاپاردىم ۋە ئۇنىڭغا ئاسما ئاسقۇزماقچى بولدۇم. ياش سېستىرا ئوكۇل يىڭنىسىنى ئاپامنىڭ بېلىكىگە ئىككى قېتىم سانجىپمۇ تومۇرىنى تاپالمىدى. مەن چىدىيالماي ئۇنى ئەيىپلىمەكچى بولۇپ قارىغىنىمدا، ئاپامنىڭ ئۆزىنى ناھايىتى تەمكىن تۇتقان ھالدا سېستىرانىڭ پېشانىسىدىن چىققان تەرلەرگە قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاغزىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گېپىمنى يۇتىۋەتتىم. ئاپام مۇلايىملىق بىلەن: «جىددىيلەشمەڭ، يەنە سىناپ بېقىڭ» دېدى. ئۈچىنچى قېتىملىق يىڭنە دەرۋەقە توغرا سانجىلدى. سېستىرا ئۇلۇغ- كىچىك تىنىۋېتىپ ئاپامغا:«ھەدە كەچۈرۈڭ، مەن پىراكتىكانت. بۇ مېنىڭ  تۇنجى قېتىم ئۇكۇل سېلىشىم. شۇڭا، بەك جىددىيلىشىپ كەتتىم. ناۋادا سىز رىبغەتلەندۈرمىگەن بولسىڭىز، قايتا يىڭنە سانجىشقا پېتىنالمايتتىم» دېدى.
ئاپام مېنىڭ قولۇمنى تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن: «بۇ مېنىڭ قىزىم، سىز بىلەن تەڭ. تىببىي داشۆدە ئوقۇيدۇ. ئۇمۇ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ تۇنجى كىسىلى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. مەن ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم كىسەلگە ئوكۇل سالغاندا، كىسەلنىڭمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىلھام بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. ئاپامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قەلبىم يەنىمۇ ئىللىقلىققا ۋە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى. شۇنداق، ئەگەر بىز تۇرمۇشتا ئەنە شۇنداق ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىيالىساق، چوڭلارغا ھۆرمەت بىلدۈرەلەيمىز، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلەلەيمىز، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولالايمىز ۋە باشقىلارنى چۈشىنەلەيمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى