قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئۈزۈكسىز زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

2018-06-07 17:31:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پارتىيە18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، نامرات رايونلارنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى ئارقىدا قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاخىرقى چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى باشلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە كۆپ قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىگە قوماندانلىق قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئۇل مۇئەسسەسەلەر جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمى ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» دىكى سۇ، توك، گاز يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئۈزۈكسىز زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئاقيار بازىرىنىڭ يۇقارقى خاڭدى كەنتىدىكى كونا لىنىيەلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئىشلىدى. قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى نامرات ئائىلىلەرنىڭ توك سىملىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتىنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بەردى. كەنت ئاھالىسى ئوغۇلخان تۇردى مۇنداق دېدى: ئۆزگەرتىشكە ھىچقانداق ھەق ئالمىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى، چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
  بۇ يىل ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئۈچ يېزا- بازاردىكى 17 ئېغىر نامرات كەنتتە يېزا ئېلىكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ باردى. ھازىر 10 كەنتتىكى ئاساسىي لىنىيە پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلدى.
خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسىدىكى ئەڭ يىراق بولغان ياپراق كەنتىدە، يېزا ئېلىكتىر تورى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرى دېھقانلار شادلىق ئارامگاھى ۋە ئۆزگىچە ئاشخانىلارنى ئاچتى. بىر كەنت ئاھالىسى مۇنداق دېدى: توك يوللىرى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ھەر ۋاقىت توك بولۇش، توك بېسىمى يېتەرلىك بولۇش ئەمەلگە ئاشتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشىمىز ياخشى بولىۋاتىدۇ.
ئاتۇش شەھىرىدىكى «كۆكلەم» سودا چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار جىددىي ئىشلەۋاتقانىدى. زاۋۇت باشلىقى ئىليار مەمەت مۇنداق دېدى: زاۋۇتىمىز ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسىنىڭ بۇيامەت كەنتىدە قۇرۇلدى. ئىلگىرى، كەنتتە توك بېسىمى مۇقىم بولمىغانلىقتىن، ئۈسكۈنىلىرىمىزنى تولۇق ئىشلىتەلمىگەنىدۇق. ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسى-- زاۋۇتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. بۇ يىل يېزا ئېلىكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن بۇيامەت كەنتىنىڭ ئېلىكتىر تورى ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، توك بېسىمى مۇقىملىشىپ، قۇۋۋىتى ئاشتى. زاۋۇتىمىزمۇ زاكاز قوبۇل قىلىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى.
زاۋۇتنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئاشقاندىن كېيىن زاۋۇت ئىشچىسى رابىيگۈل قۇرباننىڭ ئىش ھەققىمۇ ئىلگىرىكى مىڭ يۈەندىن كۆپرەكتىن ئېشىپ، 2، 3 مىڭ يۈەن ئالىدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، توك يوللىرى كونىراپ كەتكەنلىكتىن، بىر كۈن ئىشلەپ، بىر كۈن دەم ئالاتتۇق. توك يوللىرى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ھەر كۈنى ئىشلەيدىغان بولدۇق، خىزمەت ئۈنۈمىمىزمۇ ئاشتى. ھازىرقى ئايلىق ئىش ھەققىمىز ئىلگىرىكىدىن خېلىلا كۆپ.بۇ يىل دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتى يېزا ئېلىكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تۈرى ۋە 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش بويىچە توك ئىشلىتىشتىكى 4 ئۈلگىلىك ناھىيەدىكى 698 تۈرگە جەمئىي 4 مىليارد 679 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، يېزا ئېلىكتىر تورىنىڭ توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پىلانلىدى. نۆۋەتتە، بۇ تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى