قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

16- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى 11- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018-06-07 17:35:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

16- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى خەلقئارا يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەرمەنكە كۆلىمى 128 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، ماركا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېشىل تەرەققىيات يولىنى مېڭىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش؛ سۈپەت ئارقىلىق ئۈنۈم يارىتىش، يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، ماركا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۇرسلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش- تونۇشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك سودا ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى ئېچىلىۋاتقان كۈنلەردە يەنە دۇنيا يېزا ئىگىلىكىنىڭ جەنۇپ- جەنۇپ ھەمكارلىقى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى ئېچىلىدۇ. مۇنبەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى «2030- يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى: دۇنيا يېزا ئىگىلىكىنىڭ جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش» تىن ئىبارەت.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى