قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى دېھقانلارغا بېيىشنىڭ داغدام يولىنى ئېچىپ بەردى

2018-06-07 17:37:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، باغۋەن جاڭ دېچاۋ بېغىغا تىككەن «سەنشياڭخوڭ» سورتلۇق ئالمىلىرىنىڭ چېچەك ئېچىپ غورا تۇتقانلىقىنى كۆرۈپ، چەكسىز شاتلىققا چۆمدى.
جاڭ دېچاۋ توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاغارسىن بازىرى سارى ئۆزەك كەنتىدىكى دېھقان. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، ئۇنىڭ بېغىدىكى «سەنشياڭخۇڭ» سورتلۇق ئالمىلىرى بازار ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايلا قالماستىن، يەنە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، توققۇزتارا ناھىيەسى بويىچە ئويۇشتۇرۇلغان ئالما بايراملىرىدا ئەلا سۈپەتلىك ئالما دېگەن شەرەپكە ئىرىشكەنىدى.
جاڭ دېچاۋ يەنە باشلامچى بولۇپ ئۆز جايىدا باغۋەنچىلىك تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، باغ بىنا قىلغان دېھقانلارغا مېۋىلىك كۆچەت تىكىش، كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قىشلىق باغ باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىن ھەقسىز دەرس ئۆتۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ باغلىرىغىچە كىرىپ دېھقانلارغا مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، ئۇلاش، ئالمىلارغا خالتا كىيگۈزۈش قاتارلىق تېخنىكىلاردىن ئۈلگە كۆرسەتتى.
ئۇ 2016- يىلى جۇڭگو پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈۋاتقان باشلامچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. جياڭ دېچاۋنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى بىلەن، نۆۋەتتە سارى ئۆزەك كەنتىدىكى باغ بىنا قىلغان دېھقان ئائىلىسى 100 دىن ئېشىپ، مو بېشى باغ ئۈنۈمى 6 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، سارى ئۆزەك كەنتى يىراق- يېقىنغا تونۇلغان «ئالمىچىلىق كەنتى» گە ئايلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر توققۇزتارا ناھىيەسىدە «سەنشياڭخۇڭ» ئالمىسى تىكىلگەن بازىدىكى ئالما مەھسۇلاتى 350 توننىغا يېتىپ، سېتىشتىن قىلغان كىرىم 2 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشقان. بۇ يىل، توققۇزتارا ناھىيەسى ئۈزۈكسىز تۈردە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، نوقتىلىق ھالدا ئالما، ياڭاق، قاق ئۆرۈكنى ئاساس قىلغان سۈپەتلىك باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنى چوڭ ئېتىز كۆكتاتچىلىقى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، قارا ئاشلىق، ئۇششاق قىيام مېۋىسى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 120 مىڭ مودىن ئاشۇرۇشنى نىشانلىدى.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخ تىكىلگەن ئومۇمىي كۆلەم 746 مىڭ 400 موغا، مېۋە- چىۋە ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 483 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىدە 780 يۈەن 6 مو سالماقنى ئىگىلىدى ھەمدە ئالما، ئۈزۈم، قاق ئۆرۈك، شاپتۇل، غەرب قارا ئۆرۈكى قاتارلىق مېۋە- چېۋىلەرنى ئاساس قىلغان تۆت چوڭ كەسىپ بازىسى ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ سانى 136 گە، ئەنگە ئېلىنغان مېۋىسى ئېكىسپورت قىلىنىدىغان ئۆزگىچە مېۋىچىلىك بازىسى 23 كە، قاپلىغان ئومۇمىي كۆلىمى 52 مىڭ مودىن كۆپرەككە، ئۆزگىچە مېۋىچىلىك ماركىسى 19 غا، مېۋە- چېۋە، كۆكتاتلارنى تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا يېڭى پېتى ساقلاش ئامبار سىغىمچانلىقى 180 مىڭ توننىغا يەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى