قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆزگىچە ئۆستۈرۈلگەن مور دېھقانلارنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىمەكتە

2018-06-07 17:38:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چۆچەك شەھىرى قاراقاباق يېزىسى دۆڭگېلېكشىي كەنتىدىكى دېھقان ۋاڭ شياڭ بىنا قىلغان مور ئالاھىدە تېرىقچىلىق بازىسىغا بارغۇدەك بولسىڭىز، تولىمۇ زىچ قويۇلغان زەمبۇرۇغ خالتىلىرىنىڭ رەتلىك تىزىۋېتىلگەنلىكىنى، زەمبۇرۇغ خالتىسدىكى قاپقارا يۇمران مورلارنىڭ خالتىدىن چىقايلا دەپ قالغانلىقىنى كۆرسىز. ئەمەلىيەتتە بۇ بۇ مور شەرقىي شىمالدا كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان ئەلا سورتلاردۇر.
ۋاڭ شياڭ بۇ يىل 50 مىڭ خالتا مور ئۆستۈرگەن بولۇپ، ھەر مو يەردە ئالتە مىڭ تۈپ ئەتراپىدا بار دېگەندىمۇ، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 15 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە بولۇشىدا گەپ يوق ئىدى. ۋاڭ شياڭ موردىن باشقا، يەنە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بېنشى شەھىرىدىن كالتسىي ئالمىسى، خېبېي ئۆلكىسىدىن شىرنىلىك شاپتۇل كىرگۈزۈپ، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك تۇتقۇزۇپ ئەي قىلدى.چۆچەك شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ قاراقاباق يېزىسى دۆڭ توغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ يۈەنمىڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق سىناق تەرىقىسىدە مېۋىلىك دەرەخ ۋە باشقا ئۆزگىچە زىرائەتلەر تېرىقچىلىقىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كەنت ئاھالىلىرىمىز ئەتراپىدىكى باشقا دېھقانلارنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ بۇ ساھەگە كىرىشىدە تۈرتكلىك رول ئويناپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، چۆچەك شەھىرىمىزنىڭ كۆكتاتچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كۆكتات سورتلىرىنى كۆپەيتمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى