قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاپچال ناھىيەسىنىڭ ئورگانىك گۈرۈچى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچېڭ شەھىرىدە سېتىلدى

2018-06-08 17:03:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئىشلەپچىقارغان 150 توننا ئورگانىك گۈرۈچ يۈك ئاپتۇموبىلىغا قاچىلىنىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچېڭ شەھىرىگە توشۇلدى. بۇ بىر تۈركۈم گۈرۈچلەر ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق زاكاز قىلىنىپ سېتىلدى. بۇ چاپچال ناھىيەسىنىڭ ئورگانىك گۈرۈچىنىڭ تۇنجى قېتىم يەنچېڭ شەھىرىگە سېتىلىشى. چاپچال ناھىيەسىنىڭ شال تېرىش تارىخى ئۇزۇن ۋە ئۆزگىچە تەبىئىي ئەۋزەللىكك ئىگە بولۇپ، سوۋغا گۈرۈچ ۋە ھەربىيلەرنى تەمىنلەيدىغان ئاشلىق ماكانى دېگەن چىرايلىق نامى بار. چاپچال ناھىيەسى ئاپتونوم رايون بويىچە3- چوڭ شال تېرىش بازىسى بولۇپ، 2016- يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورگانىك شال تېرىش گۇۋاھلىقىغا ئېرىشكەن.نۆۋەتتە، چاپچال ناھىيەسىدىكى 15 مىڭ مولۇق ئورگانىك شال مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ 100 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتى يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى ھەمدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە مو بېشى ھوسۇلى كۆپ بولۇشتەك «قوش مول ھوسۇل» ئېلىشتەك ياخشى ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى