قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇخۇم ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى شىخو شەھىرى چېپەيزە بازىرىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى

2018-06-07 17:41:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، شىخو شەھىرى چېپەيزە بازىرى خېشېڭ دېھقانلار باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىمى 30 مىڭدىن ئارتۇق تۇخۇم توخۇسىغا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى چېپەيزە بازىرى دېھقانلرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى بىردىنبىر مۇھىم يول بولۇپ قالدى.
شىخو شەھىرى چېپەيزە بازىرى خېشېڭ دېھقانلار باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۆلچەملەشكەن، كۆلەملەشكەن تۇخۇم توخۇسى باقمىچىلىق مەيدانى بولۇپ، چېپەيزە بازىرىنىڭ شىگوبى كەنتىدە 2015- يىلى قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 90 مو بولۇپ، نۆۋەتتە 30 مىڭدىن ئارتۇق تۇخۇم توخۇسى بېقىلماقتا.
 بۇ يىل، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالاھىدە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن چۆجە بېقىش كاتىكى، تاۋار تۇخۇم توخۇسى كاتىكى، نەسىللىك توخۇ كاتىكى مۇھىت ئەسلىھەلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتوماتىك ماتېرىيال يەتكۈزۈش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، گەندە تازىلاش سىستېمىسى ئورنىتىپ، تولۇق ئاپتوماتلاشقان كونترول قىلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى.
بۇ يىل، چېپەيزە بازىرى ئۆلچەملەشكەن تۇخۇم توخۇسى باقمىچىلىقىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشتىكى مۇھىم كەسىپ قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى. «خېشېڭ» تۇخۇم توخۇسى دېھقانلار باقمىچىلىق كوپىراتىپى ئۆلچەملىك باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشى چېپەيزە بازىرىنىڭ نوقۇل تېرىقچىلىق ئەندىزىسىدىن تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى مۇھىم سىناق نۇقتىسى بولۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تۈرلۈك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچىسىنىڭ يارقىن ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.چېپەيزە بازىرى شىگوبى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇڭ چېڭيې مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، چېپەيزە بازىرى «خېشېڭ» تۇخۇم توخۇسى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، ئەتراپتىكى تۈەن- مەيدان، شىخۇ، كۈيتۈن، مايتاغ، قاراماي قاتارلىق جايلارغا كىرگۈزۈپ بازار ئۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن چېپەيزە بازىرى دېھقانلىرىنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى