قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 2020- يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ سۇلياۋ يۇپۇق يېپىپ تېرىقچىلىق قىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرماسلىق ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن

2018-06-07 17:49:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2020- يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ سۇلياۋ يۇپۇق يېپىپ تېرىقچىلىق قىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرماسلىق ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى ئېتىزلىقلاردىكى كېرەكسىز پارچە سۇلياۋ يۇپۇقنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى بويىچە2018- يىللىق خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېتىزلىقلاردىكى كېرەكسىز پارچە سۇلياۋ يۇپۇق مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىپ، شۇ پەسىلدىكى كېرەكسىز پارچە سۇلياۋ يۇپۇقنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىپ قايتا پايدىلىنىش نىسبىتىنى 80 پىرسەننتىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە سۇلياۋ يۇپۇق يېپىپ تېرىقچىلىق قىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرماسلىقنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇشى، كېرەكسىز پارچە سۇلياۋ يۇپۇقنىڭ بۇلغىشى ئېغىر بولغان رايونلار باشلامچى بولۇپ سۇلياۋ يۇپۇق يېپىپ تېرىقچىلىق قىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
سۇلياۋ يۇپۇق-تۇپراقنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تۇپراقنىڭ سۇ تەركىبىنى ساقلاش، زىيانداش ھاشارەت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، بىر مەزگىل ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. لېكىن، تۇپراق قاتلىمىدا ساقلىنىپ قالغان زور مىقداردىكى كېرەكسىز پارچە سۇلياۋ يۇپۇقلارنىڭ پارچىلىنىشى قىيىن بولۇپ، بۇ ھەم تۇپراقنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ ۋە زىيانغا ئۇچراتتى، ھەم كەڭ كۆلەملىك «ئاق بۇلغىنىش» نى پەيدا قىلدى. دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014- يىلى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ يۇپۇق يېپىپ تېرىقچىلىق قىلىش كۆلىمى 298 مىليون موغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرغان.                       
يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: ئېتىزلىقلاردىكى كېرەكسىز پارچە سۇلياۋ يۇپۇقنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى-- يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تۆۋەندىكى 6 تۈرلۈك خىزمەتنى كونكرېت ياخشى ئىشلەش كېرەك. 
  1-، مەنبەدىن كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، سۇلياۋ يۇپۇق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ ئىنتىزامچانلىقىنى چىڭىتىپ، ئۆلچەمسىز سۇلياۋ يۇپۇقلارنى بازارغا سېلىش ۋە ئېتىزلىقلاردا ئىشلىتىشنى قاتتىق چەكلەش.
  2-، مىقدارىنى ئازايتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قاپلاش تېخنىكىسىنى مۇۋاپىق باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سۇلياۋ يۇپۇق يېپىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى تەڭشەپ، سۇلياۋ يۇپۇق يېپىپ تېرىقچىلىق قىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرماسلىقنى بالدۇر ئىشقا ئاشۇرۇش.
  3-، يىغىۋېلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ قايتا پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بازارنى باشلامچى قىلغان، كۆپ تەرەپ يىغىۋالغان، ئاۋام قاتناشقان سۇلياۋ يۇپۇقنى يىغىۋېلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ قايتا پايدىلىنىش سسىتېمىسى بەرپا قىلىپ، سۇلياۋ يۇپۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇزارتىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش.
  4-، سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتتىكى سۇلياۋ يۇپۇقنى يىغىۋېلىپ پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىنىڭ باج تاپشۇرۇش، توك ئىشلىتىش، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتتە يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش.
  5-، پەن- تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، سۇلياۋ يۇپۇق يىغىۋېلىش ماشىنا- سايمانلىرى، سۇلياۋ يۇپۇق مەھسۇلاتلىرىنى تولۇق بىئولوگىيەلىك پارچىلاش ۋە ئۇنىڭ يۈرۈشلۈك دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، قېلىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى سۇلياۋ يۇپۇق، سۇلياۋ يۇپۇقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ قايتا پايدىلىنىش قاتارلىق ھالقىلىق تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش.   6-، نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش دائىرىسىنى كەڭەيتىپ، سۇلياۋ يۇپۇقنى يىغىۋېلىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدىن  100 نى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، نازارەت قىلىپ كۈزىتىش خىزمىتىنى، ئەندىزە بارلىققا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەشۋىقات يېتەكچىلىكىنى زورايتىپ، ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى