قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بايلىقىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، نۆۋەتتە دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئۆز قەرەلىدە يولغا قويدى

2018-06-07 18:28:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بايلىقىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، نۆۋەتتە دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئۆز قەرەلىدە يولغا قويدى، ئاي ئاخىرىدىن بۇرۇن، كۆل باشلىقى تۈزۈمىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قۇيىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقلىرىنىڭ چارلاپ تەكشۈرۈشى تەدرىجىي دائىملىشىپ، دەريا، كۆللەرنى تۈزەش، قوغداش خىزمىتىمۇ ئارقا -ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى سۇ مۇھىتىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېڭ شياۋيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاستتا «ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ مۇھىتىنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونىنى بېكىتىش، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ چېگرا بەلگىسىنى تەسىس قىلىش، مۇھاپىزەت رايونىدىكى مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردىن مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ. قىسقىسى، رايون دائىرىلىك ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتىنى ساقلاش ۋە ياخشىلاش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى